0:00 / 0:00
ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى دەۋرلەردىكى مۇساپىرچىلىق تارىخى، بولۇپمۇ سىياسىي پاناھلىق ئەھۋاللىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققەت قىلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
يېقىنقى يىللاردا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىلىرى سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ۋە ھەر خىل توسالغۇ ھەمدە بېسىملارنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، غەرب ئەللىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قىزىقىشلىرىمۇ كېڭەيمەكتە.
گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان نادىرە خانىم بۇ ھەقتە ئوبزورچىمىز پارھات مۇھەممىدىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپا ئەللىرىدە سىياسىي پاناھلىق تىلەش ھەققىدە توختالدى.
