خىتايدا 7 مىنۇتتا بىر قارشىلىق ھەرىكەت


2005.08.24

"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" نىڭ 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى جۇ يوڭكاڭنىڭ "دۆلىتىمىزدە بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن، جەمئىيەتتە يۈز بېرىدىغان ۋەقەلەر 10 مىڭ قېتىمدىن ئاشمايتتى. ئەمما بۇلتۇر بىر يىلدىلا 74 مىڭ قېتىم يۈز بەردى، ئۇنىڭغا 3 مىليون 760 مىڭ ئادەم قاتناشتى. ئەمدى يېقىندىن بىرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 7 مىنۇتتا بىر قېتىم نارازىلىق - قارشىلىق ھەرىكەت پارتلاپ تۇرىۋاتىدۇ" دېگەن. شۇڭلاشقا، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى يېقىندا خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە نارازىلىق- قارشىلىق بىلدۈرىدىغان ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن برونى، تانكا ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى بار پەۋقۇلئاددە ساقچى قىسىم تەشكىللەپ چىققان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق پەۋقۇلئاددە ساقچى قىسىملىرىنى مۇھىم شەھەرلەر دەپ قارالغان 36 چوڭ شەھەرگە ئورۇنلاشتۇرغان.

بۇنىڭ ئىچىدە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان بېيجىڭ شەھىرى بىلەن شاڭخەي شەھىرىگە ئەڭ كۆپ ئورۇنلاشتۇرغان. ئۆلكىلەرنىڭ ئىچىدە، نوپۇسى 100 مىليوندىن ئاشىدىغان خېنەن ئۆلكىسىدىكى نوپۇس ئەڭ زىچ جايلاشقان جېنجۇ شەھىرىگە بولسا، مەخسۇس بىر پەۋقۇلئاددە قىسىمنى ئورۇنلاشتۇرغان. چۈنكى بۇ رايوندىن يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۈستىدە ئەرز سۇنغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ . ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ رايوندا ئۆتكەن يىلى خىتاي-تۇڭگان توقۇنۇشى يۈز بەرگەن. پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان ئەيدىز مەھەللىسىمۇ مۇشۇ رايوندا.

"كوممۇنىست پارتىيە مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنى جازالايلى" دەپ ماقالە يازغانلىقى ئۈچۈن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلىقىدىن قالدۇرۇلغان، ھازىر ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيە تەتقىقات مەركىزىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان جاۋ گوبياۋ ئەپەندىنىڭ باھا بېرىشىچە، خەلقنىڭ نارازىلىق-قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا، ھۆكۈمەتنىڭ پەۋقۇلئاددە ساقچى تەشكىللەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ مۇئامىلە قىلغانلىقى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. پەقەت تۈزۈمنى ئۆزگەرتىدىغان ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندا، ئاندىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى تاپقىلى بولىدۇ.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ھازىر چوڭ قۇرۇقلۇققا شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ، بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بارغانسىرى چوڭايماقتا. يەر-زېمىنگە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى مەسىلىسى، كارخانىلاردا خىزمەتچىلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشتىن بوشۇتۇلۇش مەسىلىسى، پېنسىيە سۇغۇرتىسى مەسىلىسى، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى مەسىلىسى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىش مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەر خەلق ئىچىدە كەلتۈرۈپ چىقارغان نارازىلىق، ۋاڭ-چۇڭلار كۈندىن - كۈنگە ئۇلغايماقتا.

شىنخۇئا تورىدىكى ماقالىلاردا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھازىر ئۇشتۇمتۇت ۋەقە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى كۆپىيىۋاتقان خەتەرلىك دەۋرگە قەدەم قويغان. بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە تەبىئىي ئاپەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەسادىپىي ۋەقە ۋە ئىجتىمائىي خەيىم-خەتەر ۋەقەسى 5 مىليون 610 مىڭ قېتىم يۈز بەرگەن. ۋەقەدە ئۆلگەن ئادەم سانى 210 مىڭ، يارىلانغان ئادەم سانى 1 مىليون 750 مىڭ.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇيىل چوڭ ۋەقەدىن بىر نەچچسىسى يۈز بەرگەن. 3 - 4 - ئايلاردا، جېجاڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇئاشى مەھەللىسىدە سۇ مەنبەلىرىنىڭ ۋە ھاۋانىڭ بۇلغۇنىشىغا قارشى تۇرغان دېھقانلار بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا چوڭ توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ھەر ئىككى تەرەپتە يارىلىنىش ئېغىر بولغان.

6 - ئايدا، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ دىڭجۇ شەھرىدە دېھقانلار ئۆزىنىڭ يەرلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ ئۈچۈن شىركەتلەر تەشكىللىگەن قوراللىق كۈچلەر بىلەن توقۇنۇشقان چوڭ ۋەقە يۈز بەرگەن. 8 - ئايدا، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ خۇئاڭشى شەھىرىدە، ھۆكۈمەتكە ئەرز سۇنغان خەلقنى ساقچىلار ئاپشاركا ئىتلارغا تالاتقانلىقى ئۈچۈن يەنە بىر چوڭ ۋەقە پەيدا بولغان.

جاۋ گو بياۋ ئەپەندىنىڭ باھا بېرىشىچە، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جەمئىيەتتە نارازىلىق -قارشىلىق ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. ھازىرقى رېئاللىققا پۇقرالار ئەمەس، ئەمەلدارلار ئۆزىمۇ رازى ئەمەس، ئۇلار ئۆزلىرى ئەمەل - مەنسەپكە توغرا يول بىلەن ئىرىشمىگەن. باي بولغانلارنىڭمۇ تولىسى توغرا يول بىلەن باي بولمىغان. ئۇلارمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ۋىجدان ئازاپىنى تارتىدۇ. ھازىر جەمئىيەتتە رېئاللىققا نارازى بولمايدىغان ئادەم تېپىلمىسا كېرەك. ھەممىسى ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، مەسىلىنى تۈزۈم ئىسلاھاتى ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.