خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋىتىدە مۇنازىرە بولىۋاتقان بىر قانچە مەسىلە (2)


2005-04-20
Share

خوڭكوڭدا چىقىدىغان "ئالما گېزىتى" دە ، تاۋجې ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا بارغانسېرى كېڭەيتىلىۋاتقان ياپونىيىگە قارشى نامايىش ئارقىلىق پەيدا بولغان خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىك ئاساسەن بايلىق مەنبەئە تېررىتورىيىسى مەسىلىسى، خەلق ئارىسىدىكى تارىخىي دەرسلىك كىتابلار مەسىلىسى، ياپونىيىدە "ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھى" دەپ ئاتىلىدىغان قەبرىستانلىق مەسىلىسىدىن ئىبارەت 3 چوڭ مەسىلىگە يىغىنچاقلانغان.

ئوخشاش خاراكتېردىكى قەبرە يوقلاش

- خۇددى خىتايدا ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى دەپ ئاتىلىدىغان قەبرىستانلىق بولغانغا ئوخشاش، ياپونىيىدىمۇ "ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھى" دەپ ئاتىلىدىغان قەبرىستانلىق بار، - دەيدۇ تاۋجې ئەپەندى مۇلاھىزىسىدە، - خىتايلاردا بار قەبرە سۈپۈرىدىغان ئورپ-ئادەت ياپونلۇقلاردىمۇ بار. بولۇپمۇ نورۇز دەرىخى چېچەكلىگەندە بۇنداق مىللىي تۈس ئالغان پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىدۇ. خۇددى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا "ماۋ زېدوڭ خاتىرە سارىيى" دەپ ئاتىلىدىغان ماۋ زېدوڭ قەبرىگاھى بولغانغا ئوخشاش، ياپونىيىدىكى ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھى دېگەن قەبرىستانلىقتىمۇ 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەگىلىدىكى ياپونىيىنىڭ ھەربىي قوماندانى خىدېكى توجىئو نىڭ قەبرىگاھى بار. ماۋ زېدوڭ خاتىرە سارىيىنى كىشىلەر ھەرخىل مۇددىئا بىلەن زىيارەت قىلىدىغانغا ئوخشاش، ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھىغا بەزى ياپونلۇقلار ئورپ-ئادەت سەۋەبىدىن بارسا، بەزىلەر مىللىي ھېسسىيات بىلەن بارىدۇ. سوراپ باقايلى، بېيجىڭدە يۈز بەرگەن نامايىشقا خىتايدىكى ماۋ زېدوڭ خاتىرە سارىيىدىن ھېچقانداق پەرقى بولمىغان ياپونىيىدىكى ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھى سەۋەپچى بولامدىكەن؟

پەرق نېمە؟

خىدېكى توجىئو ئاسىيانى "خىتايلارنىڭ ۋە ئاق تەنلىكلەرنىڭ قولىدىن ئازات قىلىش" دېگەن شۇئار بىلەن شەرقىي ئاسىيادا ئۇرۇش قوزغىغان بولسا، ماۋ زېدوڭمۇ "خىتاي خەلقنىڭ ئۈستىدىكى جاھانگىرلىك، فېئودالىزم ۋە كاپىتالىزمدىن ئىبارەت 3 چوڭ تاغنى ئاغدۇرۇش" دېگەن نام بىلەن ئۇرۇش قوزغىغان ئىدى. ماۋ زېدوڭ قوزغىغان ئازادلىق ئۇرۇشتىلا ئەمەس، بەلكى نورمال شارائىتتا ئېلىپ بېرىلغان ئەكسىلئىنقىلاپچىلارنى تازىلاش، يەر ئىسلاھاتى، چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش، مەدەنىيەت ئىنقىلابى دېگەندەك بىر قاتار سىياسىي ھەرىكەتلەردە ئۆلگەن بىگۇناھ ئادەم سانى خىدېكى توجىئو قوزغىغان ئۇرۇشتا ئۆلگەن ئادەم سانىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ. ئىسىمىزدە باركى، ماۋ زېدوڭ ياپونىيىگە "ئەگەر بەختىمىزگە يارىشا ياپونىيە خان ئارمىيىسى تاجاۋۇز قىلىپ كەلمىگەن بولسا، بىز تاغ ئارىسىدىن چىقالمايتتۇق، كوممۇنىست پارتىيە دۆلەتنىڭ ھاكىمىيىتىنى قولغا كەلتۈرەلمەيتتى"دەپ رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، 1972 - يىلى خىتاينىڭ باش مىنىستىرى جۇ ئىنلەي ياپونىيە بىلەن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ "خىتاي ياپونىيىدىن تۆلەم تەلەپ قىلمايدۇ" دەپ جاكارلىغان ئىدى. شۇ سەۋەپتىن ياپونىيىدىكى ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھىدا خىدېكى توجىئو مەقبەرىئىسىنىڭ يېنىغا ماۋ زېدوڭ ئۈچۈنمۇ بىر مەقبەرە ياساپ قويۇلغان. قېنى سوراپ كۆرەيلى، خىتايدىكى ماۋ زېدوڭ خاتىرە سارىيى بىلەن ياپونىيىدىكى ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھىنىڭ نېمە پەرقى بار؟

خىتاي نېمىشقا تىلغا ئالمايدۇ؟

- تارىخنى نېمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى ھازىرقى ھوقۇق تالىشىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىش بىرخىل ئەخمىقانىلىق. - دەپ مۇلاھىزە قىلىدۇ "ۋاشىنگتون پوست گېزىتى" نىڭ مەخسۇس ستون يازغۇچىسى فىرەد خايت ئەپەندى، - ئەمەلىيەتتە، خىتاي ئۆزىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ، دۇنيانىڭ ئەدەپ - ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلىشى قىلىشى تېخىمۇ مۇھىم ئىدى. ياپونىيىدە بەزى كىشىلەر سىياسى ئەربابلارنى ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھىغا بارمىدى، دەپ نارازى بولسا، بەزىلەر باردى، دەپ نارازى بولىدۇ. ياپونىيىدە ھۆكۈمەت ھەر قانداق مەكتەپكە قايسى دەرسلىكنى قوللىنىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرەلمەيدۇ. ئەمما خىتايدا بولسا دەرسلىك كىتابنى ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تۈزىۋالغان. ياپونىيىدىكى بەزى دەرسلىك كىتابلاردا "بەزى كىشىلەر 1937 - يىلى نەنجىڭدە يۈز بەرگەن ئۇرۇشتا تەخمىنەن 300 مىڭ ئادەم ئۆلدى، دەپ تەخمىن قىلىدۇ" دېيىلگەننى "پاكىتلارنى كىچىكلەتتى" دەپ خىتايدا نامايىش قوزغىسا، خىتاينىڭ دەرسلىك كىتابلىرىدا 1989 - يىلى تىئەنئەنمېن مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقنى "مەركىزىي كومىتېت تەدبىر قوللىنىپ مۇقىملىقنى ئەسلىگە كەلتۈردى" دەپ يوققا چىقاردى. ماۋ زېدوڭ قوزغىغان چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش دېگەن ھەرىكەت ئارقىلىق خىتايدا 1958 - يىلىدىن 1962 - يىلىغىچە ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ 30 مىليون خەلق ئۆلۈپ كەتكەننى پەقەت تىلغا ئالماي كېلىۋاتىدۇ. بۇنى نېمە دېيىش كېرەك؟

1950 - يىلى كوممۇنىست ئارمىيىسى تىبەتكە تاجاۋۇز قىلغاننى، 1979 - يىلى ۋېتنامغا تاجاۋۇز قىلغاننى ھازىرقى ياش- ئۆسمۈرلەر بىلمەيدۇ. بەلكى خىتاينىڭ دەرسلىك كىتابلىرىدا دېيىلگەن بويىچە 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيىنى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ پارتىزانلار ئەترىتى مەغلۇپ قىلدى، دەپ بىلىدۇ. خىتايدىكى دەرسلىك كىتابلاردا ھەتتا يېقىنقى يىللاردا بولۇپ ئۆتكەن يۇقىرىدىكىدەك تارىخىي ۋەقەلەر توغرىسىدىمۇ، شۇ قەدەر ئۇچۇق - ئاشكارا ساختىپەزلىك قىلغانغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك؟ خىتاي كومۇنىست پارتىيىسى ھازىر ئاسىيادا ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلىكىنى تىكلەش ئۈچۈن رۇسىيىنى ئەمەس، ياپونىيىنى ئەيىبلەش كېرەك بولۇپ قالغانلىقتىن، ھازىر ياپونىيىنى ئەيىبلەپ چىقتى، ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىغا قاراتماسلىقى مۇمكىنمۇ؟ (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت