ئەسەد تەختتىن چۈشەمدۇ؟

سۈرىيە كرىزىسى 17 ئايدىن بىرى داۋام قىلماقتا. ئاخىرى ئەرەبلەرمۇ سۈرىيىنىڭ لىۋىيىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ۋە سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەل ئەسەدنى كازافىينى يوقاتقاندەك يوقاتقىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012.07.25
gollandiye-suriye-beshshar-esed-305.png رۇسىيىنىڭ سۈرىيىنى قوللىشىغا قارشى گوللاندىيىدىكى نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش.
AFP

چۈنكى، پۈتۈن دۇنيا سۈرىيە خەلقى تەرەپتە تۇرغان بولسىمۇ، ئەسەدنى رۇسىيىگە ئوخشاش كۈچلۈك بىر دۆلەت قوللاپ كەلمەكتە. رۇسىيىنىڭ ئەسلىھەلىرى بىلەن ئىراننىڭ ئەسكەرلىرى سۈرىيە خەلقىنى ئۆلتۈرۈشكە ياردەملەشمەكتە.

ئەرەب دۇنياسى سۈرىيە كرىزىسىنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىسىدە قاتتىق باش قاتۇرۇۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، ئەرەب دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ قاتار پايتەختى دەۋھە شەھىرىدە چاقىرىلغان چوڭ يىغىنىدا، ئەسەدنى تەختتىن چۈشۈشكە قىستاش پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ پىكىر رۇسىيىنىڭ پارىژدىكى باش ئەلچىسىنىڭ «ئەسەد تەختنى مەدەنىيلىك بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ» دېگەن باياناتىغا ئاساسلانغان بولۇشى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن، ئەرەبلەر ئەسەدنى كازافىيدەك يوقىتىشنىڭ ئورنىغا مۇبارەك ۋە ئېلى ئابدۇللا سالىھتەك تەختتىن چۈشۈرۈش پىكرىدە ئىتتىپاقلاشقان.

تەھلىلچىلەرگە كۆرە، موسكۋانىڭ «ئەسەد تەختتىن چۈشۈپ بېرىدۇ» دېگەن باياناتىمۇ بىر خىل ھىيلە-مىكىر بولۇپ، ئەرەبلەرنى ئالداپ تۇرۇپ ۋاقىت قازىنىش مەقسەت قىلىنغان بولۇشى ئېھتىمال. چۈنكى، ئەرەبلەر قاتاردا ئەسەدكە تەختتىن چۈشۈش تەكلىپىنى بېرىش قارارىنى ئالغان پەيتنىڭ ئۆزىدە، بەششار ئەل ئەسەدنىڭ قېرىندىشى ماھىر ئەسەد دەمەشىق كوچىلىرىدا سۈرىيىلىك ياشلارنى تۇتقان يەردە ئۆلتۈرۈش جىنايىتىنى سادىر قىلىۋاتاتتى.

لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 24-ئىيۇل سانىدا، يازغۇچى تارىق ھەمىد تەرىپىدىن «ئەسەد تەختتىن چۈشەمدۇ؟» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «بەششار ئەسەدنىڭ ئەرەبلەر قويغان تەكلىپنى قوبۇل قىلىشى ئېھتىمالدىن يىراق. ئەگەر موسكۋا كۈچ ئىشلەتسە ئىش باشقىچە بولۇشى مۇمكىن. ئەڭ ياخشىسى ئەرەب دۆلەتلىرى ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىلىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا چاقىرىپ، سۈرىيىدە خەلقنى ھىمايە قىلىدىغان ئالاھىدە رايون قورۇش ۋە سۈرىيە ئارمىيىسىدىن خەلق تەرەپكە ئۆتكەن ئەسكەرلەرنى قوغداش توغرىلىق قارار ئېلىشنى تەلەپ قىلغىنى تۈزۈك. چۈنكى، سۈرىيىلىكلەرنى ھىمايە قىلىش ئىشىنى ئارقىغا سوزغاننىڭ زىيىنى كۆپ بولىدۇ. ھېچ بولمىغاندا، سۈرىيىدىكى خەلقچىل قوشۇنلارنىڭ قولىدا بولغان رايونلارنى بولسىمۇ قوغدىلىدىغان رايون قىلىش زۆرۈردۇر. ئەرەبلەرنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىدىن بىرەر ئىجابىي جاۋاب كېلىشىنى كۈتۈشىنىڭ پايدىسى يوق. چۈنكى ئەسەد كۈچلىرى سۈرىيە خەلقىدىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن ياش-قېرى دېمەستىن ئۆلتۈرۈپ كەلمەكتە. ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن نارەسىدىلەرنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس. ھازىر سۈرىيە خەلقى ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ زۆرۈر ئىش ئۇلارغا سۈرىيە ئىچىدە قوغدىلىدىغان، خاتىرجەم رايون قۇرۇپ بېرىشتۇر. شۇنداق قىلغاندىلا سۈرىيە خەلقىنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغىلى بولىدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.