ئابابەكرى قاسىم: ئادالەتكە ۋە ئامېرىكا تۈزۈلمىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ


2006.09.18

گۇانتانومو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئالبانىيىگە ئورۇنلاشقان 5 نەپەر ئۇيغۇردىن بىرى ئابابەكرى قاسىمنىڭ "ئادالەتكە ۋە ئامېرىكا قانۇن تۈزۈلمىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ" تېمىسىدىكى ئوبزورى ئامېرىكىنىڭ مەشھۇر گېزىتىلىرىدىن بىرى بولغان "نيو-يورك ۋاقتى گېزىتى" دە "The View From Guantánamo" تېمىسىدا ئېلان قىلىندى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئەقىدە، ئابابەكرى قاسىم ۋە ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۆپ خىزمەت قىلغان شۇنداقلا مەزكۇر ماقالىنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسىنى تەييارلىغان ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات نۇري تۈركەلنى زىيارەت قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.