زېڭ چىڭخوڭ "بىڭتۈەن روھى" غا مەدەت بەرگەن


2005-08-25
Share

"شىخۇا ئاگېنتلىقى" ئېلان قىلغان "مۇئاۋىن رەئىس زېڭ چىڭخوڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرمەكتە" دېگەن خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى زېڭ چىڭخوڭ "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى" ھارپىسىدا، ئۇيغۇر رايونىغا خىزمەت تەكشۈرگىلى بارغان.

ئۇنىڭ ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى جايلارغا بارغاندا قىلغان سۆزلىرى بىلەن بىڭتۈەنگە بارغاندا قىلغان سۆزلىرى بىردەك ئەمەس. ئۇ ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى جايلارغا بارغاندا، "كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش تەربىيىسى" نى ياخشى ئېلىپ بېرىشنى، قارامايدا نېفىت قېزىشتىكى شەرەپلىك ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇشنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز ۋە نېفىت بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما زېڭ چىڭخوڭ بىڭتۈەنگە بارغاندا، بىڭتۈەننىڭ "يەر ئىگىلەپ چېگرا ساقلاش" تىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى مەدھىيىلىگەن. شۇنداقلا "يول ئېچىپ داۋاملىق ئىلگىرىلەش" دەپ ئاتىلىدىغان "بىڭتۈەن روھى" نى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشنى، "شىنجاڭنى مۇقىم قىلىشى" نى تەلەپ قىلغان. زېڭ چىڭخوڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەر ئۈچۈن ئېنېرگىيە بازىسى بولۇشى بىلەن بىڭتۈەنىڭ يەر ئىگىلەپ، يول ئېچىپ داۋاملىق ئىلگىرىلىشىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى "مۇقىم ۋە بىر-بىرىگە ماسلاشقان جەمئىيەت" دەپ ئاتىغان.

ھازىر ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە تۇرىۋاتقان مەشھۇر سىياسىي مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇا ئەپەندى خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى زېڭ چىڭخوڭنىڭ بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بېرىشى خىتاينىڭ داۋاملىق نېفىتكە ئىگە بولۇش ۋە شۇ جايدىن داۋاملىق سىرتقا كېڭىيىش مەقسىتى ئۈچۈن دەپ مۇلاھىزە قىلدى.

خىتاينىڭ دېپلوماتىيىسى نېفىت ئۈچۈنلا بولۇپ كەتتى

مەشھۇر سىياسىي مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇا ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:

"يېقىندا خىتاي ئامېرىكىنىڭ بىر نېفىت شىركىتىنى سېتىۋالالمىغان ئىدى. ئەمدى قازاقستاندىكى بىر نېفىت شىركىتىنى سېلىۋالماقچى بولدى، گەرچە ئۇ تېخى ناتايىن تۇرسىمۇ. دېمەك، خىتاي ھازىر نېفىت ئۈچۈن غالجىرلاشتى. چۈنكى خىتاي ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن نېفىت كېرەك، نېفىت بولمىسا تەرەققى قىلالمايدۇ. خىتاي يەنە ئۇرۇش قىلماقچى، ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈنمۇ نېفىت بولمىسا بولمايدۇ. خىتاي ھازىر نېفىت ئۈچۈن ھەر قانداق بەدەل تۆلەشكە رازى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى نېفىتكە ئېسىلىۋاتىدۇ. نېفىتنى دېڭىز يولى بىلەن ئەكىلىش خىتاي ئۈچۈن خەتەرلىك بولسا كېرەك. شۇڭلاشقا ئوتتۇرا ئاسىيادىن شىنجاڭغا ئەكىلىشنى ئەڭ يېقىن ۋە قولايلىق كۆرۈۋاتىدۇ. بۇ قېتىم زېڭ چىڭخوڭ شىنجاڭغا نېفىتنى كۆزلەپ بارغانلىقى ئېنىق. ھازىر خىتاينىڭ دېپلوماتىيىسى نېفىت ئۈچۈنلا بولۇپ كەتتى. ئىچكى جەھەتتە ئىقتىسادىنى ۋە يادرو قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈنمۇ نېفىتنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشقا باشلىدى".

بىڭتۈەن مەسىلىسى خىتاي ئۈچۈن تازا باش قاتۇرىدىغان مەسىلە بولۇپ قالغان

"شىنجاڭنىڭ خىتايغا بەرگەن ھەدىيەلىرى ناھايىتى كۆپ، خىتاي ئۇنى ئۆمۈر بويى تۆلەپ بولالمايدۇ. نېفىتلا ئەمەس، يادرو قوراللىرىنى شۇ جايدا سىناق قىلىپ، شۇ جاينىڭ مۇھىتىنى بۇلغىغانلىقىنى قوشقاندا، بۇ بەك كۆپ قەرز. كوممۇنىست پارتىيە بۇ جايدىكى خەلققە ناھايىتى بەك بىشەملىك قىلدى. دىپلوماتىيە جەھەتتە تېخىمۇ بەك ھاۋاكاۋۇرلۇق قىلدى. خىتاي گېنېرالى جۇ چېڭخۇ يادرو قوراللىرى بىلەن ئامېرىكا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن شىئەننىڭ شەرقىدىكى ھەممە جايدىن ۋاز كېچەلەيدىكەن، ئەمما شىنجاڭدىن ۋاز كەچمەيدىكەن. بۇ قېتىم زېڭ چىڭخوڭنىڭ بېرىشى شۇ مەقسەتتە. ئۆتكەندە شاڭخەي گۇروھىدىن خۇاڭجۈ بارغان ئىدى. ئۇ بۇئىڭتۇئەندىكى شاڭخەيلىكلەرگە يېقىملىق كۆرۈنسە كېرەك. ئەمدى زېڭ چىڭخوڭ بارغان. ئەھۋالدىن قارىغاندا، بىڭتۈەنمەسىلىسى خىتاي ئۈچۈن تازا باش قاتۇرىدىغان مەسىلە بولۇپ قالغان".

"ھازىر ئىسرائىلىيە غەززىگە كۆچۈرۈپ بارغان ئادەملىرىنى قايتىدىن كۆچۈرۈپ چىقتى. بۇ خىتاي ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ كەلگۈسىدە خىتايمۇ شىنجاڭغا كۆچۈرۈپ بارغان ئادەملىرىنى قايتىدىن كۆچۈرۈپ چىقىشى كېرەك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر ئازراق كۆچۈرۈپ بارسا ئاسانراق بولىدۇ، كۆپ كۆچۈرۈپ بارسا قايتىدىن كۆچۈرۈپ كېلىشى تەسراق بولىدۇ. ئەمما ھازىر كوممۇنىست پارتىيە كۆچۈرۈپ كېلىشنى ئويلاش ئەمەس، بەلكى ئۇ جايدا قانداق قىلىپ تۇرۇپ قېلىش ۋە مۇستەھكەملەشنى ئويلاۋاتىدۇ. بۇرۇن شەرقىي شىمالنى "پۈتۈن جوڭگونى ئازات قىلىشنىڭ بازاسى" دېگەن ئىدى، ئەمدى شىنجاڭدىكى نېفىت ۋە يادرو قورال بازىلىرىنى شۇ جايدىن سىرتقا كېڭىيىشنىڭ بوسۇغىسى قىلماقچى بولسا كېرەك. بۇ ئالامەتلەردىن قارىغاندا، كوممۇنىزمى يوقىتىش جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىپىسى ناھايىتى ئېغىر". (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت