ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۆز يېزىلىرىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى


2006.07.20

يېقىندا خىتاي يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى 80 دىن ئارتۇق يېزا- كەنتلەردە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى ھەمدە مەزكۇر جايلاردا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلاردىن قالايمىقان پۇل يىغىش، دېھقانلارنىڭ يېرىنى خالىغانچە ئىگىلىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەزكۇر تەكشۈرۈشتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزىلاردىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. بۇ ھەقتە بىز قەشقەر رايونىدىكى بىر ئۇيغۇر دېھقان بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ئۇيغۇر دېھقان سۆھبەت جەريانىدا مەزكۇر يېزىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ھاشار قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.