فامىلە تاللىغاندا مىللىي كىملىكنى گەۋدىلەندۈرۈش مۇھىممۇ ياكى دىنىي كىملىكنىمۇ؟
2005.08.17
فامىلە ئائىلە، بىر جەمەت ھەم ھەتتا بىر مىللەتنىڭ غۇرۇرى، مىللىي كىملىكىنىڭ بەلگىسى. بۇرۇنقى پروگراممالىرىمىزدا تىلغا ئالغاندەك، ئۇيغۇرلاردا فامىلىگە بولغان جىددىي ئېھتىياج، تەقەززالىق دولقۇنى قايتىدىن كۆتۈرۈلمەكتە.
ئەمما ئۇيغۇرلار ئارىسىدا فامىلە قوللىنىش مەسىلىسىدە ئوخشىمىغان ئېقىم، كۆز قاراش ۋە نۇرغۇن قالايمىقانچىلىقلار مەۋجۇت. بولۇپمۇ ئىسىم فامىلە ئىشلەتكەندە مىللىي كىملىكنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەكمۇ؟ ياكى دىنىي كىملىكىنىمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە تالاش تارتىشلار داۋام قىلماقتا.
ئىسىم ۋە فامىلىنى قانداق شەكىلدە قوللىنىش توغرىلىق مۇئەييەن بىر قېلىپ بولمىغاچقا مەزكۇر مەسىلە يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ بىرلىككە كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
بۇ مىناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە ئۇيغۇر زىيالىيسى، يازغۇچى ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندى ۋە دوكتور قاھار بارات ئەپەندىنى تېلېفون بىلەن زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆزقاراشلىرىنى سورىدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇرلاردىكى فامىلە قوللىنىش مەسىلىسى ھەققىدە نازىم قەمبىرى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
- تۈركلەرنىڭ فامىلە قوللىنىشتىكى تەجرىبىلىرى
- ئۇيغۇرلار فامىلە قوللىنىش زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلماقتا
- كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرى، كۆڭۈلسىزلىكلەرگە سەۋەب بولماقتا
- تۈركىيىدىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قاراشلىرى