دوكتور ئىكلىل قۇربان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
2005.01.04
ئالدى كەينى بولۇپ 24 يىل خىتاي تۈرمىلىرىدە ياتقان، ھازىر تۈركىيە سەلچۇق ئۇنۋەرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان دوكتۇر ئىكلىل قۇربان ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ھىكايىلەر توپلىمى "قايغۇ" يەقىندا نەشر قىلىندى.
دوكتۇر ئىكلىل قۇربان ئەپەندى 1935-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان بولۇپ، 1980-يىلى تۈركىيىگە كەلگەن. ئۇ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ "شەرقىي تۈركىستان تارىخى"، "شەرقىي تۇركىستان ئۈچۈن كۈرەش"، "كونا تارىخنىڭ ساداسى" قاتارلىق كىتابلارنى نەشر قىلدۇرغان.
"قايغۇ" ناملىق كىتابىنىڭ نەشردىن چىققانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، بىز دوكتۇر ئىكلىل قۇرباننى زىيارەت قىلىپ، كىتابقا نېمە ئۈچۈن "قايغۇ" دەپ ئىسىم قويۇلغانلىقى كەققىدە سوروغىنىمىزدا، ئۇ "كىتابىم تامامەن قورقۇنچ، قايغۇلۇق ۋەقەلەرنى ئاڭلىتىدۇ… خىتاي مۇستەملىكىچىلىكلىرى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىپ ئالغاندىن كېيىن، ئازادلىق ناملىق ھەرىكەتلەرنى باشلاپ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى يوق قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى.…… شۇڭا شۇ ئىسىمنى تاللىدىم" دەپ جاۋاب بەردى ۋە كىتابتىكى ۋەقەلەر ۋە ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى ھەققىدە سۆزلىدى.