يېقىندا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پارلامېنت سايلىمى بولۇپ ئۆتتى. سايلامدا قازاقىستان پرىزدېنتى نازاربايېۋنىڭ "ۋەتەن" پارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ قىزى دارىغانىڭ "ئاسار" پارتىيىسى شۇنىڭدەك ئۆكتىچىلەرنىڭ "ئاقيول" پارتىيىسى قاتارلىقلار مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. بىراق، خەلقارالىق تەشكىلاتلاردىن "ياۋروپا بىختەرلىكى ۋە ھەمكارلىقى كېڭىشى" مەزكۇر سايلامنىڭ خەلقارالىق ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى كۆرسەتكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىمۇ ئوخشاش پىكىردە بولغان.
ھازىر، قازاقىستان جامائىتچىلىكىدە پرىزدېنتنىڭ ئۆز قىزىنى پارلامېنتنىڭ رەھبەرلىك ئورنىغا چىقىرىش ئارقىلىق، ھاكىمىيەتنى ئائىلىۋى ئاساس بىلەن كونتورۇل قىلىش نىيىتى بولسا كېرەك دېگەندەك پىكىرلەر تارالماقتا.
بۇ قېتىمقى سايلامغا قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىمۇ ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان. بىر نەپەر ئۇيغۇر پارلامېنت ئەزالىقىغا ئۆزىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن نەتىجە قازىنالمىغان. ئۇيغۇرىستان خەلق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجەمبەردىنىڭ ئېيتىشىچە؛ ئۇيغۇرلار قازاقىستاندىكى مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى بويىچە 6- ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، قازاقىستان رەسمى مەلۇماتى بويىچە ئالغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 200 مىڭدىن ئارتۇق، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قارىشى بويىچە ئالغاندا 500 مىڭ ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن. دېمەك، ھازىر سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلى ۋە قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ دەسلەپكى ۋاقتىدىكىدەك ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلىپ، 77 كىشىلىك قازاقىستان پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ۋەكىلى يوق بولۇشتەك ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.
ئۆز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ قەھرىمان غوجەمبەردى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلاڭ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
قازاقىستان، خىتاي ۋە ئۇيغۇر مۇناسىۋەتلىرى
- قازاقىستاندىكى پارلامېنت سايلىمى
- كۆزەتكۈچىلەر قازاقىستاندىكى سايلامنىڭ ئەركىن ۋە ئادالەتلىك ئۆتمىگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە
- خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ موسكۋا زىيارىتى ۋە رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى (1)
- خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ موسكۋا زىيارىتى ۋە رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى (2)
- قازاقىستان پرىزدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋنىڭ ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتى
- قازاقىستان پرىزىدېنتى نازاربايېف ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىلدى
- قازاقىستان- خىتاي نېفىت مۇناسىۋەتلىرى