بىز ئۆتكەندە، ئامېرىكىدا نەتىجە قازانغان ئاكا-سىڭىل ئۇيغۇر ئالىملار شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە مايسەم مۇتەللىپلەر ھەققىدە مۇئەييەن چۈشەنچە بەرگەن ۋە ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ دىققىتىڭلارغا سۇنغان ئىدۇق.
ئۇلار ئەسلىدە قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىگە يېقىن جايلاشقان ئاۋات يېزىسىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان ۋە ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرچە مەكتەپكە بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغاچقا ، رۇسچە مەكتەپتە ئوقۇشقا مەجبۇر بولغان.
گەرچە ئۇلار رۇسچە ئوقىغان، موسكۋادا ياشىغان ، شۇنداق قىلىپ، ھازىرغا كەلگىچە ئۇيغۇر مۇھىتىدىن يىراق جايلاردا ھايات كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئۇنۇتماي، ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتۇشنى قەلبىگە پۈككەن ھالدا تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئۇيغۇر خەلقى ئاپىرىن ئوقۇۋاتقان مىنۇتلاردا، يەنە، بۇ بىر جۈپ ئالىملارنى بېقىپ ئۆستۈرگەن، ھەقىقىي ئۇيغۇر قىلىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىسىغىمۇ ھۆرمەت بىلدۈرمەكتە.
بىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلارنىڭ دادىسى مۇزەپپەر مۇتەللىپ ئاكا بىلەن ئالىملارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى ۋە باشقا ھاياتى پائالىيەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاكا - سىڭىل ئۇيغۇر ئالىملار (2)
- ئامېرىكىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاكا - سىڭىل ئۇيغۇر ئالىملار (1)
- تۈركىيىدە سايلامغا قاتنىشىدىغان تۈركىستانلىق پارلامېنت ئەزاسى نامزاتى بىلەن سۆھبەت
- مىللەتنىڭ ئۈمىدى - ياشلار
- خىتاي رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى سوتلاشنى كېچىكتۈردى
- "تىنچلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تېررورچى"
- رابىيە قادىرنىڭ ئوغلى ئالىم، ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى "تېررورچىلىققا قارشى كۆرەش" نى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ باستۇرماقتا