فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى بېيجىڭدىن تارقاتقان خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا ھازىر ئىقتىسادىي تەرەققىقىياتنىڭ داۋاملىشىش ياكى داۋاملىشالماسلىقى پۈتۈنلەي نېفىتقا باغلىق بولۇپ قالغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال نېفىت يېتىشمەسلىك مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان "ئىقتىساد گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر گۇئاڭدوڭدا نېفىت يېتىشمەسلىك مەسىلىسى كىشىلەرنى جىددىيلەشتۈرگەن. ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىر نەچچە مىڭ ساقچىنى ئاجرىتىپ ئاپتوموبىللارغا يېقىلغۇ قاچىلايدىغان پونكىتلاردا تەرتىپ ساقلاشقا قويغان. يەرلىك خەلق "نېفت ئاچارچىلىقى" دەپ ئاتاۋاتقان بۇخىل ۋەزىيەت گۇاڭدوڭدىلا ئەمەس، بەلكى خېيلوڭجاڭ، يۈننەن، سەندوڭ قاتارلىق ئۆلكىلەردىمۇ كۆرۈلگەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مۇخبىرىمىز ۋەلى تۈركىيە ياۋرو-ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي نېفىت شىركىتى پېترو قازاقىستاننى سېتىۋالدى
- خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسىيە تەسىر كۈچىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەمدۇ ؟
- خىتاينىڭ خەلقئارادىكى تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشى، ئېنېرگىيە ئۈچۈن
- خىتاي نېفىت شىركىتى ئامېرىكىنىڭ Unocal نېفىت شىركىتىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن باھا تالاشتى
- باكۇ-تىفلىس-جېيخان نېفىت تۇرۇبىسىدىن نېفىت ئېقىشقا باشلىدى