تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى قانداق رول ئوينىشى كېرەك؟

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى 1971-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، بۇ يىل دەل 40 يىل بولغان.

0:00 / 0:00

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنلاردا تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ئىزدەنمەكتە. مەسىلەن 7-ئاينىڭ 8-كۈنى تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئېنىسىتىتۇتىدا چاقىرىلغان «تۈركىيە، خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ 40 يىللىقى» ماۋزۇلۇق، خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم رىياسەتچىلىق قىلغان يىغىندا تۈركىيە ئادنان مەندەرېس ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۈلتىتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور سەلچۇق چولاقوغلۇ، كۈتاھيا دۇملىپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۈلتىتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور بارىش ئادىبەللى، تۈركىيە توبب ئىقتىساد ۋە تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۈلتىتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور باھادىر پەھلىۋانتۈرك ۋە تۈركىيە سودا مىنىستىرلىقى توختامنامىلار باشقارمىسى مۇتەخەسسىسى زۈلفىقار قىلىچ ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەر تۈركىيە، خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

يىغىنغا خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باشئەلچى ۋەكىلى شياۋ جۈنجېڭ، خىتاي خەلقئارا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى ۋە شىنخۇا خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىمۇ قاتناشتى. بۇ يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر نۇقتىلىق ھالدا تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بېرىقى 40 يىل جەريانىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتكە بولغان ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. مۇتەخەسسىسلەر 3 سائەت مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت بولغان مەسىلىلەرنى تۆۋەندىكى ماددىلارغا ئىخچاملىدى، بۇلار:

  • ئۇيغۇر ياكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى
  • تىجارىي مەسىلىلەر
  • ئىقتىسادىي مەسىلىلەر
  • تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا رايون خاراكتېرلىك ھەمكارلىقنىڭ ئاجىزلىقى
  • ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز‏-ئارا چۈشەنمەسلىكىدىن كېلىپ چىققان پسىخولوگىيىلىك مەسىلىلەر

«تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ 40 يىللىقى» ماۋزۇلۇق يىغىندا نۇقتىلىق تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئورنى مۇزاكىرە قىلىندى. بەزى مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولى ئوينىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىق كېرەكلىكىنى، تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇرسىز تاشقى سىياسەت ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

دوكتور مۇرات چەمرەك ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى ئۇيغۇرلار ئارقىلىق قىلماسلىق كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى بەلگىلەيدىغان بىردىن-بىر ئامىل دەپ قارىماسلىقىمىز كېرەك. تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى ئۇيغۇرلار ئارقىلىق يۈرگۈزۈش مەسىلە پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا بىز ئۇيغۇر رايونى بىلەن بولغان تىجارىي مۇناسىۋىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرايلى، بۇنى خىتاينىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشسەك قىلالايمىز. مەسىلەن تۈركىيە-بۇلغارىيە بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقاندا، بۇلغارىيىدىكى تۈركلەر ئارقىلىق ئورناتمايۋاتىدۇ. شىمالىي ئىراق تۈركىيە بىلەن تۈركىيىدىكى كۈرتلەر ئارقىلىق مۇناسىۋەت ئورناتمايۋاتىدۇ، شۇڭا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى چىقىرىۋېتىشىمىز كېرەك.»

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ كۆز قاراشقا قارشى چىقىپ مۇنداق دېدى:
«تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركمەن مەسىلىسىگىمۇ، كۈرت مەسىلىسىگىمۇ ئوخشىمايدۇ. نېمە ئۈچۈن دېسەڭلار، خىتاي شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيىدىن كۆرىدۇ. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا 20-ئەسىردە قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىدېئولوگىيىسىنىڭ مەنبەسى تۈركىيىدە دەپ قارايدۇ. چۈنكى گېنېرال ئەنۋەر پاشا ۋە ئاتاتۈرك ئەۋەتكەن تۈرك ئارمىيىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بارغان. ئىككىنچىدىن خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كېلىۋاتقان ۋەقەلەردە تۈركىيىنىڭ قولى بارلىقىنى، 1950-يىللاردىن بېرى تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئېلىپ بارغان ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننى تۈركىيە دۆلىتىنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىگەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.»

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«خىتاي ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلە. خىتاي سىرتقا ئېچىلاي دېسە، جەنۇبتا ھىندىستان، شىمالدا رۇسىيە بار. شۇڭا بۇ ئىككى تەرەپكە ئېچىلالمايدۇ. خىتاينىڭ ياۋراسياغا ئېچىلىشى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توسالغۇ، ئاسىيا پاسىپىك رايونىغا ئېچىلىش ئۈچۈن تەيۋەن توسالغۇ. خىتاي تەرەققىي قىلغان چوڭ دۆلەت بولىمەن دەيدىكەن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىلەن تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستانسىز خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىشى قېيىن. بۇنى ئامېرىكىمۇ، ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ بىلىدۇ. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان پەقەتلا تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلە ئەمەس. 2001-يىلىدىن كېيىن پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلىگە ئايلاندى. ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيىنىڭ مەسىلىسى ئەمەس، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ مەسىلىسى، ئەمما خىتاي بۇ مەسىلىنىڭ مەنبەسىنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەچكە تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلاردا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.»

ئۇيغۇرلارنى تۈركىيە، خىتاي مۇناسىۋىتىدە كۆۋرۈك قىلىشقا ئەرزىمدۇ؟ كۆۋرۈك قىلغىلى بولغاچقا تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈل شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدى.

يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولى ئوينىشى كېرەكلىكىدە ھەم پىكىر بولغان بولسىمۇ، قانداق كۆۋرۈك بولۇشى ھەققىدە تالاش-تارتىش داۋام قىلدى.