ۋېن جياباۋ سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغان ئەرباپمۇ؟

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ خىتايدا ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شېنجېندا قىلغان سۆزىدە، سىياسىي ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ۋېن جياباۋنىڭ بۇ سۆزى خوڭكوڭ، سىنگاپور، تەيۋەنلەردە جىددىي مۇنازىرە قوزغىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.08.26
Wen-Jyabaw-Koriye-Yapon-Xitay-yighinida-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﯞﯦﻦ ﺟﻴﺎﺑﺎﯞ 5 ‏ - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28‏ - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ 30‏ - ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻛﻮﺭﯨﻴﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
AFP Photo

ۋېن جياباۋ 21‏ - ئاۋغۇست كۈنى، شېنجېن، جۇخەي، سەنتۇ، شامېندىن ئىبارەت تۆت ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شېنجېننى كۆزەتكىلى بارغاندا، سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇ سۆزىدە 'ئەگەر ھازىر سىياسىي ئىسلاھات كاپالەتلىك قىلىنمىسا، ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنىڭ نەتىجىلىرى قولدىن كېتىدۇ' دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. ۋېن جياباۋنىڭ بۇ سۆزى خوڭكوڭ، سىنگاپور، تەيۋەنلەردە جىددىي مۇنازىرە قوزغىدى.

خوڭكوڭ، سىنگاپور، تەيۋەنلەردە داۋاملىشىۋاتقان مۇنازىرىلەردە، ئالدىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە، ۋېن جياباۋ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنى سىياسىي رايونلارغا ئۆزگەرتمەكچىمۇ دېگەن تېمىدا مۇنازىرە قوزغالغان ئىدى. ھازىر ۋېن جياباۋنىڭ سىياسىي ئىسلاھات دېگىنى زادى قانداق ئىسلاھات؟ ئۇ سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغان كىشىمۇ؟ دېگەن تېمىلارغا مەركەزلىشىپ قالدى.

دېڭ شاۋپىڭ باشلىغان ئىقتىسادىي ئىسلاھات ھازىر خىتايدا سىياسىي تەشتەككە ئايلىنىپ قالدى

سىنگاپوردا چىقىدىغان 'ئېقىم' گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، سىنگاپور ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى تەن چىڭسەننىڭ قارىشىچە، خىتايدا دېڭ شاۋپىڭ باشلىغان ئىقتىسادىي ئىسلاھات ھازىر سىياسىي تەشتەككە ئايلىنىپ قالدى. ئەمدى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلار ئۈچۈن بىر يول ئېچىلمىسا بولمايدىغان ھالەت شەكىللەندى. يولنىڭ توغرىسى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئەمما ۋېن جياباۋنىڭ سىياسىي ئىسلاھات دېگىنى راس سىياسىي ئىسلاھاتمۇ، ھازىرقى مەسىلە مۇشۇ نۇقتىدا.

ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلاردىن بەھرىمان بولغان كىشىلەر ھازىرقى ئىشچىلار ھەرىكىتىدە مەنپەئەتلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا يۈزلەندى

خىتاي مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چاڭجاڭنىڭ 'مالىيە گېزىتى' نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بايان قىلىشىچە، خىتايدا ئەمدى ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ قوزغىلىڭىنى توسقىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلاردىن بەھرىمان بولغان كىشىلەرمۇ ھازىر پىتىراپ كەتتى. چۈنكى ئۇلار ھازىر، ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرىدىن پايدىلىنىپ قولغا كەلتۈرگەن مەنپەئەتلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا يۈزلەندى. ھازىر دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇلارنىڭ مەنپەئەتلىرىنى سىياسىي تەدبىر ئارقىلىق قوغدىشى كېرەك. ئەگەر ھازىر دۆلەت رەھبەرلىرى پۇرسەتنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويسا، ئۆزلىرىمۇ تارىخىي جىنايەتچى بولۇپ قالىدۇ.

ۋېن جياباۋ دېگەن گېپى بىلەن قىلغان ئىشى ئوخشىمايدىغان ئەرباب

خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'ئېچىۋېتىش ژۇرنىلى' نىڭ باش مۇھەررىرى سەي يۇڭمېينىڭ بايان قىلىشىچە، ۋېن جياباۋ دېگەن گېپى بىلەن قىلغان ئىشى ئوخشىمايدىغان ئەرباب. ھازىر خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغان مۇھىت ياكى يۈزلىنىشتىن ئەسەر يوق، ھازىر جەمئىيەتتە بولۇۋاتقان داۋالغۇشلار ۋە سىياسى كۆز قارىشى ھۆكۈمەت بىلەن ئوخشىمايدىغان كىشىلەر بارغانسېرى پىداكارلىشىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى جىددىيلىشىپ قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى بارغانسېرى قاتتىق كونترول قىلىشقا باشلىدى.

تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئېھتىياجى ئەمەس. كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ئېھتىياجى ھازىرقى ھالەتنى (قولغا كەلتۈرگەن مەنپەئەتلىرىنى) مۇقىم قىلىش. بۇنداق ئەھۋالدا، ۋېن جياباۋنىڭ سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى پەقەت كىشىلەرنىڭ رايىنى ئۇتۇۋېلىش ئۈچۈنلا دەپ قويغان قۇرۇق گەپ.

ۋېن جياباۋمۇ دېڭ، جاڭ، خۇلار بىلەن بىر كېمىدىكى ئەرباب

تەيۋەندە چىقىدىغان 'ئاۋاتلىق' گېزىتىنىڭ ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، دېڭ شاۋپىڭ، جاڭ زېمىن، خۇجىنتاۋلارنىڭ ئورتاق پىكىر بىرلىكى 'خىتاي چەتئەللەرنىڭ سىياسى مودېلى بۇيىچە ئىش كۆرمەسلىك' دېگەندىن ئىبارەت. ۋېن جياباۋمۇ ئۇلار بىلەن بىر كېمىدىكى ئەرباب. ئۇنىڭ شېنجېندا قىلغان سۆزىدە 'پەقەت سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندىلا، ئاندىن خىتايچە سوتسىيالىزمنىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى قوغدىغىلى بولىدۇ' دېگەنلىكى، دەل ئۇنىڭ 'سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش' دېگىنىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى، يەنى ئەمدى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنى سىياسىي رايونلارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، كوممۇنىست پارتىيە گۇرۇھىنىڭ ئېرىشكەن مەنپەئەتلىرىنى قوغداپ قېلىشنى ئويلاۋاتقانلىقى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.