خىتاي ھىندستان سەپىرىگە نۇر بەكرىنى قانداق مەقسەتتە قوشتى؟

ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ تەيىنلەنگەن رەئىسى نۇر بەكرى بىر قىسىم خىتاي باشلىقلار بىلەن بىرلىكتە ھىندىستاننىڭ گۇجارات ئۆلكىسىدە زىيارەتتە بولدى. خىتاي ئاخباراتلىرىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نۆۋەتلىك ھىندىستان زىيارىتىدە نۇر بەكرىگە ئالاھىدە ئىمتىياز بەرگەنلىكى ۋە بۇ جەرياندا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ھىندىستان بىلەن بىر قانچە تۈردە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى مەلۇم.

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ نۇر بەكرىگە ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغان ئۇيغۇر مۇلاھىزىچىلەر، نۇر بەكرىنىڭ بىر سىياسىي قورچاق ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ نۇر بەكرىنى سەھنىگە چىقىرىپ قويۇش ئارقىلىق خەلقئارانى ئالداشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

ئۇنداقتا خىتاي بۇ نۆۋەتلىك ھىندستان سەپىرىگە نۇر بەكرىنى يەنە قانداق مەقسەتتە قوشتى؟

بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا قىزىقسىڭىز، مۇخبىرىمىز جۈمەنىڭ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر مۇلاھىزىچىلەردىن ئېلشات ئەپەندى ۋە نۇرمەمەت مۇساباي قاتارلىقلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسىگە قۇلاق سالغايسىز.