مىركامىل قەشقەرلىنىڭ ماقالىسى: «ئابدۇقادىر ياپچان نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىندى؟»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2016.10.20
Abdukadir-yapchan-Erkin-alptekin-Ministir-Numan-kurtulmush.jpg (سولدىن ئوڭغا) ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى جامائەت ئەربابى ئەركىن ئالىپتېكىن ۋە تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى نۇمان كۇرتۇلمۇش ئەپەندىلەر بىلەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يىغىندا. 2015-يىلى ئىيۇل، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

«ئابدۇقادىر ياپچان نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىندى؟» دېگەن تېمىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالە تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىتىلدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ ماقالە تۈركىيەنىڭ ت ر ت ئاۋازى رادىيوسىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر زىيالىي مىركامىل قەشقەرلى تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ماقالە ئىستىقلال خەۋەرلەر تورى قاتارلىق تور بېكەتلەردە تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ئالاقە تاراتقۇلىرىدا كەڭ تارقىتىلدى.

ئاپتور ماقالىدە ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ناھەق تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، شۇنداقلا تۈركىيە قانۇنلىرى بويىچە ئابدۇقادىر ياپچاننى خىتايغا قايتۇرۇشقا يوچۇق بار-يوقلۇقى توغرىسىدا توختالغان.

ماقالىدە ئابدۇقادىر ياپچان توغرىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «دەرۋەقە، 2001-يىلىدىن بېرى ئىستانبۇلدا پاناھلانغۇچى سالاھىيىتى بىلەن ياشاۋاتقان ۋە شەرقى تۈركىستاندىكى شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى ئارىسىدا سۆيۈلىدىغان، ئالاھىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان، خىتاينىڭ ئويدۇرما بوھتانلىرى بىلەن 2002-يىلى خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىشى تۈپەيلى، ئارىدىن شۇنچە ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن «ئىستانبۇل باكىركۆي مۇرەسسە قىلىش ۋە جازالاش مەھكىمىسى» تەرىپىدىن سوتلىنىپ، مالتەپە جازا ئىجرا قىلىش تۈرمىسىگە تاشلاندى. بۇ، ئابدۇقادىر ياپچانغا نىسبەتەن تۇنجى ئەمەس ئەلۋەتتە. ئۇ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان 15 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئاساسسىز بوھتانلار بىلەن شىكايەت قىلىشى سەۋەبىدىن بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ 2002-يىلىدا 1 قېتىم، 2008-يىلىدا 1 قېتىم ۋە 2016-يىلىدا 2 قېتىم بولۇپ، جەمئىي 4 قېتىم قولغا ئېلىنغان ۋە ھەر 4 قېتىمدا يېتەرلىك دەلىل-پاكىت بولمىغانلىقى ئۈچۈن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. بولۇپمۇ، يېقىنقى 2 ئاي ئىچىدە، «ئىستانبۇل باكىركۆي مۇرەسسە قىلىش ۋە جازالاش مەھكىمىسى» تەرىپىدىن 2 قېتىم قويۇپ بېرىش قارارى چىققان بولۇشىغا قارىماي، ھەر ئىككى قېتىمدا تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دەرھال قارارغا ئېتىراز بىلدۈرۈشى تۈپەيلى قارارنىڭ بىكار قىلىنىشى شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى قېتىمدا، تۇتۇپ تۇرۇش مۇددىتى 40 كۈندىن ئاشماسلىق ۋە مۇددەت توشقاندىن كېيىن كېرەكلىك ماتېرىياللارنى تولۇقلاپ سۇنۇش شەرتى بىلەن مالتاپە تۈرمىسىگە يوللىنىشى ھەممەيلەننى تەئەججۈپلەندۈرمەكتە».

ماقالىدە، 1-سېنتەبىردىكى سوتقا قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كونسۇلخانا مەسئۇللىرى باكىركۆي سوت مەھكىمىسىگە كىرىپ، ئادىل سوت قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشتەك قىلمىشلارنى سادىر قىلىشتىنمۇ يانمىغان. باش مۇپەتتىشتىن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغاندا، باش مۇپەتتىش: «سىلەرنىڭ سۆزلىشىدىغان ئادىمىڭلار مەن ئەمەس، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن كۆرۈشۈڭلار» دەپ كەسكىن جاۋاب قايتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە تۈركىيە دۆلىتى ۋە زالىمغا قارشى كۆكرەك كېرىشى بىلەن تونۇلغان نۆۋەتتىكى تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇنداق بىر خاتالىقنىڭ يۈز بېرىشىگە شۇنداقلا ئېزىلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ ئۈمىد بايلىقىنىڭ سورۇلۇپ توزۇپ كېتىشىگە قەتئىي يول قويمايدۇ».

ماقالىدە ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ 12 يىللىق تۈرمە ھاياتى ۋە تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنكى ئىش-پائالىيەتلىرى بايان قىلىنغاندىن كېيىن ئابدۇقادىر ياپچان توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇ، شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسىنىڭ ساغلام ئەقىل ۋە قانۇنلۇق مۇھىت ئىچىدە، ئوتتۇراھال يولدا ئېلىپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن... تېخىمۇ مۇھىمى ياشلارنى خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن ئۇزاق تۇتۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن كۈرەش قىلغان.... ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي قىممەت قارىشىغا مەھكەم ئېسىلىشىنى، تۈرك-ئىسلام مەدەنىيىتى كىملىكىنى قوغداش ئاساسىدا، خەلقنىڭ ئاڭ ۋە ۋىجدانىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان ياشلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن... ئۈممەتنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر پارچىسى ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنى خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە قارشى رىغبەتلەندۈرۈشنى ھاياتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىگە ئايلاندۇرغان... شۇڭلاشقا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى ئارىسىدا ئاقساقال جامائەت ئەربابى سۈپىتىدە ئالاھىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر زاتتۇر».

ماقالىدە يەنە تۈركىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ساقچى مەسئۇلىدىن ئىگىلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەلۇماتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئابدۇقادىر ياپچان ھەققىدە تۈركىيەگە 16 توم ھۆججەت يوللىغان. بۇ ھۆججەتلەر ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى چېغىدا جازاسىنى تۈرمىدە تۇلۇق تاماملاپ بولغان كونا «جىنايەتلىرى» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىدە يەنە تۈركىيە قانۇنلىرى بويىچە، ئابدۇقادىر ياپچاننى خىتايغا قايتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، تۈركىيەنىڭ بىر قىسىم قانۇنلىرى توغرىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى(پارلامېنتى) تەرىپىدىن 2016-يىلى 23-ئاپرېلدا رەسمىي قوبۇل قىلىنىپ ئىجرا قىلىنىۋاتقان 6706-نومۇرلۇق «جىنايى ئىشلاردا خەلقئارالىق ئەدلىيە ھەمكارلىقى قانۇنى» نىڭ ئەدلىيە ئىشلىرىدا ئۆز-ئارا ياردەملىشىش بۆلۈمىنىڭ 11-ماددىسىدا بۇ خۇسۇسلار ئىنتايىن ئوچۇق ۋە كونكرېت شەكىلدە تۆۋەندىكىچە بەلگىلەنگەن:
11-ماددا: (ئا) خەلقئارا جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تەرەپ بولۇش تەقەززا قىلىدىغان مەسئۇلىيەتتىن تاشقىرى، قايتۇرۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان كىشى تۈركىيە پۇقراسى بولغان ئەھۋالدا قايتۇرۇشقا بولمايدۇ.
دېمەك: بىرىنچىدىن، خىتاي خەلقئارا جىنايى ئىشلار قانۇنىغا «تەرەپ» ئەزا ئەمەس. شۇڭا خىتاي بۇ مەسىلىنى خەلقئارا سوتنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرى بويىچە ھەل قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغىمۇ ئىگە ئەمەس. ئىككىنچىدىن، ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ئايالى ۋە قىزى تۈركىيە پۇقراسى، ئەگەر ئابدۇقادىر ياپچان قايتۇرۇپ بېرىلگەن تەقدىردە ئائىلىسى ئورنىنى تولدۇرۇۋېلىش مۇمكىن بولمايدىغان ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولىدۇ.

(ب) قايتۇرۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان كىشىنىڭ ئىرقى، دىنى، دۆلەت تەۋەلىكى، مەلۇم بىر ئىجتىمائىي گۇرۇپپىغا ئەزا بولغانلىقى ياكى سىياسىي قاراشلىرى تۈپەيلىدىن سوتلىنىش ۋە تەپتىش قىلىشقا دۇچار بولىدىغانلىقىغا ۋە ياكى جازاغا تارتىلىدىغانلىقىغا، قىيىن-قىستاق ۋە ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغانلىقىغا دائىر كۈچلۈك گۇمان بولغان ئەھۋاللاردا قايتۇرۇپ بېرىلمەيدۇ.

بۇ نۇقتىدا، پاكىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، نېپال، ۋىيېتنام، تايلاند، مالايشىيا ۋە ھىندونېزىيەدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان پاناھلانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا دۇچ كەلگەنلىكى، يەنە بەزىلىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ جامائەتچىلىكتىن مەخپىي تۇتۇلۇۋاتقانلىقى خەلقئاراغا مەلۇم بىر ھەقىقەتكى، بۇمۇ ئابدۇقادىر ياپچان قايتۇرۇپ بېرىلگەن تەقدىردە تېخىمۇ خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.

شۇنى قايتىدىن تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ ئالاقىدار قانۇنلىرى، قايتۇرۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان كىشىنىڭ دىنىي ئېتىقادى، سىياسىي قاراشلىرى ۋە ياكى ئىدېئولوگىيىسى سەۋەبىدىن قايتۇرۇلغان دۆلەتتە ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغانلىقىغا دائىر كۈچلۈك گۇمان شەكىللەنگەن تەقدىردە، مەزكۇر كىشىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويماقتا. خىتاي دۆلىتى بولسا، پۈتۈن دۇنياغا مەلۇمكى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئارخىپى ئىنتايىن ئېغىر، داۋاملىق دېگۈدەك قىيىن-قىستاققا ئالىدىغان ئىشلار ۋە قانۇنسىز، خالىغانچە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان ئەھۋاللار ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر دۆلەتتۇر. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، شۇ نەتىجە ئىنتايىن كونكرېت ۋە روشەنكى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا بىنائەن ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى ئاساسەن دېگۈدەك مۇمكىن ئەمەس. بۇ نۇقتىنى خىتاينىڭ بىلمەي قېلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

شۇنىسى بىر ھەقىقەتكى، ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە 40 كۈن ئىچىدە خىتاينىڭ سوتقا قوشۇمچە پاكىت ۋە ھۆججەتلەرنى سۇنۇش ئالدىدا تۇرۇشى، شەرقى تۈركىستان مۇجادىلىسىنى قوللايدىغان پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى، بولۇپمۇ ھەر دائىم تۈركىيەنىڭ كۈچىيىشىگە ۋە مەۋجۇتلۇقىغا جاينامازلىرىنى كۆز يېشى بىلەن نەم قىلغان ھالدا دۇئا قىلىۋاتقان مىليونلارچە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى چوڭقۇر ئەندىشە ۋە ئازابلىنىشقا دۇچار قىلماقتا.

دەر ھەقىقەت، تۈركلەر ئاتا يۇرتلىرىنى تاشلاپ ئانادولۇغا كۆچكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ يوقلۇقىنى ئەڭ چوڭقۇر ھېس قىلغان، ئازابلىق سېغىنىشلار بىلەن ئاھ چەككەن، بىز بىلەن قەلب رىشتىسى، ئېتىقاد ۋە كۈلتۈر بىردەكلىكى بولغان ئاتا دىيارىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى يېتىم قالغان ۋەزىيىتىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرگىنىمىزدە، ئابدۇقادىر ياپچان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئانچە قېيىن ئەمەسلىكىنى ئاسانلا ھېس قىلالايمىز.»

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ گۇەنتانامو لاگېرىدىكى 25 ئۇيغۇر مەھبۇسنى خىتاينىڭ شۇنچە قاتتىق تەلەپ قىلىشى ۋە ھەتتا ئۇرۇش تەھدىتلىرى سېلىشىغىمۇ پىسەنت قىلماستىن، كىشى بېشىغا 1 مىليون دوللار ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئالبانىيە ۋە پالاۋغا ئوخشاش بىر قانچىلىغان دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىقىغا ئۆتكۈزگەن ئىدى. بۇ ئىش تۈركىيەگىمۇ ئۆرنەك بولالايدۇ. دېمىسىمۇ ئېزىلگەن ھەم مىللىي، ھەم دىنىي نۇقتىدىن ئۆز قېرىندىشىمىز بولغان بىرىنىڭ ھاياتىنى پۇل بىلەن ئەمەس، ئىمانىي قىممەت قاراشلار بىلەن ئۆلچەش ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئەڭ مۇقەددەس ئەخلاقىي مىراسلىرىدۇر».

بىز بۇ ماقالىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ماقالىنىڭ ئاپتورى ئۇيغۇر زىيالىي مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى ۋە ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان قازاق تۈركلىرى تەلىم-تەربىيە ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى ياقۇپجان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ياقۇپجان تۈركىيەنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ ھېچقاچان قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ: «شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا خىزمەت قىلغانلار تۇتۇلىدىغان ئىش بولسا، كەلسۇن ھەممىمىزنى تۇتۇپ تۈرمىگە قامىسۇن، ئەمما بۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.