قەھرىمانلىققا پەرۋىشكار قەلەم

ئوبزورچىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2020.12.24
قەھرىمانلىققا پەرۋىشكار قەلەم داڭلىق يازغۇچى ئابدۇراخمان قاھار.
RFA/Abduweli Ayup

ئابدۇراخمان قاھار ۋاپات بولدى. قەھرىمانلارنى خاتىرىلەپ مۈكچەيگەن بىر ئېگىلمەس روھ مەرھۇملارنىڭ يېنىغا كەتتى. بېشىغا ھەر قانچە كۈلپەت ياغسىمۇ باتۇرلارچە ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر بىر داستانچىسى، بىر تەسەللىچىسى ۋە بىر تەشەببۇسچىسىدىن ئايرىلدى. زۇلۇمنىڭ قەپەسلىرىدە ياشاۋاتقان مۇڭلۇق خەلقىمىزگە قەھرىمانلىق قىسسەلىرى ئارقىلىق تەسەللى بېرىۋاتقان، قەھرىمانلارچە ياشىغان ئەجدادلارنى ئەسلىتىپ قەھرىمانلىقنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بىر قەلەم يېزىشتىن توختىدى. 13-دېكابىر كۈنى مەرھۇم يازغۇچىنىڭ تېنى تۇپراقنى قۇچاقلىدى. ئۇنىڭ قەبرىسى ئۆزى سۆيگەن تۇپراقنىڭ مەڭگۈ تېشىغا ئايلاندى.

ئابدۇراخمان قاھار دېسە ئالدى بىلەن كۆز ئالدىمغا «ئىلى دولقۇنلىرى» كېلىدۇ. بۇ روماننىڭ بىرىنچى قىسمى 1982-يىلى، ئىككىنچى قىسمى 1986-يىلى نەشر قىلىنغان ئىدى. رومان ماڭا بىر نامرات سەھرا ئوغلىنىڭ قانداق جاپالاردا ياشاپ ۋە ئوقۇپ جەمئىيەتنى، تەبىئەتنى ۋە مۇستەمىلىكىچى تۈزۈمنى چۈشەنگەنلىكىنى، شۇنداقلا شۇ قاراڭغۇ ھاياتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قانداق كۈرەش قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى. رومان نەشر قىلىنىشتىن بۇرۇن مەرھۇم چوڭ قىزىنىڭ تويىدا قىز يىگىتنى نىكاھتىن كېيىن ئەخمەتجان قاسىمىلار ياتقان قەبرىستانلىققا گۈل قويۇشقا ئەۋەتكەن ئىكەن. بۇ ئىش «ئىلى دولقۇنلىرى» نەشر قىلىنغاندىن كېيىن غۇلجا ياشلىرىدا بارا بارا ئەۋج ئالغانىكەن.

«ئىلى دولقۇنلىرى» روماننىڭ بىرىنچى قىسمى نەشر قىلىنغان ۋاقىت خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەدەنىيەت ئېمبارگوسىنى ئازراق بوشاتقانغا تېخى بىر قانچە يىل بولغان چاغ ئىدى. كېيىنكى يىللارنىڭ كۆزىدە قارىسا تارىختىكى قەھرىماننى قەھرىمان دېيىش، ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلارنىڭ ھاياتىنى يېزىش نورماللىقتەك بىلىنىدۇ. ھالبۇكى، خىتاينىڭ زۇلمەتلىك سىياسىتى تېخى پۈتۈنلەي يوقالمىغان، ئۇيغۇرنى كۈيلەپ، زامانغا نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ يازغان بىرەر پارچە شېئىرى بىلەن ئۆمۈرلۈك قامالغانلار بوشىىتىلغانغا بىر قانچە يىل بولغان، ئون يىللىق «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ ئەرۋاھى تېخى ئۇيغۇرنىڭ قەلب يارىسىنى تاتىلاۋاتقان 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا بىر يازغۇچىنىڭ تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرنىڭ مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنى يېزىش ئۈچۈن غەيرەتكە كېلىشىنى قەھرىمانلىق دېمەي بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. بولۇپمۇ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ ئالتە يىلغا يېقىن مەۋجۇت بولغان بىر دەۋرنىڭ، ئۇيغۇردىن چىققان تۈمەنلىگەن قەھرىمانلارنىڭ ھېكايىسىنى يېزىش ھەقىقەتەن قەھرىمانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئابدۇراخمان قاھارنىڭ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بىر پەرزەنتىنىڭ ئېيتىشىچە مەرھۇم «ئىلى دولقۇنلىرى» رومانىنى 70 يىللارنىڭ بېشىدا يېزىپ پۈتكۈزگەنىكەن. ئەمما ئەسەر مەھەللىلەرنى ئارىلايدىغان «قىزىل قوغدىغۇغۇچىلار» نىڭ قولىغا چىقىپ قېلىپ «زەھەرلىك كىتاب»، «ئىنقىلابى ئاممىنى ۋە قىزىل ئەۋلادلارنى بۇلغايدىغان ئەكسىيەتچى ئىدىيەلىك ئەسەر» دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن كۆيدۈرۈپ تاشلانغان، ئاپتورمۇ ھەرەج تارتقانىكەن.

Abdurahman-Qahar-02.jpg
داڭلىق يازغۇچى ئابدۇراخمان قاھار.

1982-يىلى ئابدۇراخمان قاھارنىڭ تۇنجى رومانى «ئىلى دولقۇنلىرى» نىڭ 1-قىسمى نەشر قىلىنغاندا مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا ئىدىم. مەن ئۇچاغدا بۇ روماننىڭ 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇيغۇرغا ئىككىنچى قېتىم جۇمھۇرىيەت قۇرۇش پۇرسىتى بەرگەن ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ بەدىئىي خاتىرىسى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتىم. ئۇ يىللاردا يېزىلغان رومانلاردا ئىنقىلاب ئاتالغاننى خىتايلار قىلىشى كېرەك ئىدى. ئۇ چاغدىكى ئەسەرلەردە قەھرىمان ئاتالغانلار چوقۇم خىتاي بولۇشى، چوقۇم خىتايدا ئاتالمىش يېڭى تۈزۈم بەرپا قىلىش ئۈچۈن قۇربان بولغان بولۇشى كېرەك ئىدى. شۇڭا بىر كىتابتا ماڭا ئ‍وخشاش ئىسمى بار ئۇيغۇر قەھرىمانلارنىڭ چىقىشى، قورال تۇتۇپ، «ھۇررا» توۋلاپ ئۇرۇش قىلىشى ماڭا بەكمۇ ھەيران قالارلىق تۇيۇلغان ئىدى.

مەن «ئىلى دولقۇنلىرى» نى ئوقۇشتىن بۇرۇن «قاناتلىق خەت»، «باھادىر شاھ لى زېچىڭ»، «سۇ بويىدا»، «ئ‍ۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» دېگەن كىتابلارنى ئوقۇپ كىتاب يازىدىغانلار خىتاي بولىدۇ، قەھرىمان دېگەننىڭ خىتايچە ئىسمى بولىدۇ، باتۇر، قوماندان، داھىي دېگەنلەر خىتايلاردىن چىقىدىغان كىشىلەر ئوخشايدۇ دەپ قالغان ئىكەنمەن. «ئىلى دولقۇنلىرى» ماڭا ئەخمەتجان قاسىمى، رەھىمجان سابىرھاجى، قاسىمجان قەمبىرى دېگەن ئۇيغۇرلارنىمۇ قەھرىمان دېيىشنى ئۆگەتكەنىدى. ئابدۇراخمان قاھار دېگەن بۇ ئىسىم مېنىڭ «كىتاب يازىدىغانلارنىڭ ھەممىسى خىتاي بولىدىغان ئوخشايدۇ» دېگەن ئويۇمنى ئۆزگەرتكەنىدى.

«ئىلى دولقۇنلىرى» چىققان ۋاقىت مېنىڭ يېڭى يېزىق دېيىلىدىغان خىتايچە پىنيىندا ساۋات چىقارغان چاغلىرىم ئىدى. دادام قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئۇ كىتابنى جىن چىراغنىڭ يورۇقىدا ئوقۇپ بېرىۋېتىپ ئابدۇراخمان دېگەن كىشىنىڭ ئىسمى چىققاندا توختاپ قالدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بىزنىڭ ئۆيگە بىر قانچە قېتىم كەلگەن ئابدۇراخمان ناۋايى دېگەن شائىر كىشى كىتابتىكى ئابدۇراخمان دېگەن شېئىر يازىدىغان جەڭچىنىڭ ئ‍ۆزى ئىكەندۇق. ئاتقا مىنىپ مەكتەپمۇ مەكتەپ ئارىلايدىغان، سىنىپلارغا كىرىپ ئۇيغۇرچە كونا يېزىقتىكى ساۋاتىمىزنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان، چاچلىرى پۈتۈنلەي ئاقىرىپ كەتكەن ئۇ كىشىنى دادام بەك چوڭ بىلەتتى. ئۇ ئادەم ئۆيىمىزگە كەلسە دادام كىچىك بالىدەكلا بولۇپ قالاتتى. مەن ئۇ كىشىنى چوڭ باشلىق دەپلا بىلەتتىم، ئەمما ئۇنىڭ كىتابلاردا ئىسمى چىقىدىغان، كىنولاردا ئاجايىپ باتۇرلۇقلارنى قىلىدىغان دوڭ سوڭرۈي، خۇاڭ جىگۇاڭلاردەك قەھرىمان ئىكەنلىكىنى بىلىپ ھەيران قالغانىدىم. شۇ كۈنى دادامنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇ كىشىنى نېمىشقا بۇنچە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنىڭ سىرىنى بىلگەنىدىم.

«ئىلى دولقۇنلىرى» نىڭ 2-قىسمى 1986-يىلى نەشر قىلىنغانىدى. ئۇ چاغدا دادام كىتابنى ئېلىپ بېرىدىغان، ئەمما ئوقۇپ بەرمەيدىغان بولۇپ قالغانىدى. بۇ رومان مەندىن چوڭ كىتابخۇمار ئۈچ ئاكام ۋە ئاچامدىن ئاشماي مېنى بىرەر ئاي نۆۋەت كۈتۈشكە مەجبۇر قىلغان ئىدى. روماندىكى نادەمدەك ئادەم بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كىتاب ئوقۇغان ۋە دوستلار بىلەن بىرلىشىپ بىر «يەر ئاستى تەشكىلات» نىمۇ قۇرۇپ چىققانىدۇق.

ئابدۇراخمان قاھارنىڭ «ئىلى دولقۇنلىرى» دىن كېيىن ئۇيغۇر ئازادلىق ئىنقىلابى ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرىدىن «كەچۈر مېنى نازاكەت» دېگەن پوۋېستىمۇ ئالقىشقا ئېرىشكەن بىر ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەردە ئاپتور باش قەھرىماننى «ئىلى دولقۇنلىرى» رومانىدىكىگە ئوخشاش ئارتۇقچە مۇكەممەللەشتۈرۈپ قويۇشتىن ۋە زىيادە غايىۋىيلاشتۈرۈشتىن ساقلانغان بولۇپ ئىنسان تەبىئىتىدىكى مەڭگۈلۈك كەمتۈكلۈكلەر چىنلىق بىلەن يورۇتۇلغان.

ئابدۇراخمان قاھارنىڭ مىللىي ئىنقىلاب دەۋرىدە، ئىلى ئايرودرومى ۋە ھەرەمباغنى ئېلىش سوقۇشىدا شېھىت بولغان 19 ياشلىق قەھرىمان قىز رىزۋانگۈلگە بېغىشلانغان «توزۇماس گۈل» ناملىق رومانىمۇ سۆيۈپ ئوقۇلغان رومانلارنىڭ بىرى. بۇ روماندا بىر ئۇيغۇر قىزنى قەھرىمان قىلىدىغان دەۋرىي مۇھىت، مىللىي كەمسىتىش ۋە ئايرىمچىلىقلار ئەتراپلىق يورۇتۇلغان. ئەسەردە غۇلجانىڭ 1930-ۋە 1940-يىللاردىكى ئىجتىمائىي ھاياتى ئەينەن ئىپادىلەنگەن بولۇپ، رومان شەھەر ھاياتىنىڭ ئانتروپولوگىيەلىك خاتىرىسى دېيىشكە بولىدىغان بىر قىممەتكە ئىگە.

ئابدۇراخمان قاھارنىڭ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر ئەسىرى «يىراقتىكى كىشىلەر» دۇر. ئاپتور بۇ روماننى يېزىش ئۈچۈن كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ھەپتىدە بىر ماشىنا قاتنايدىغان دەريابويى يېزىسىغا بېرىپ، شۇ يەردە دېھقانلار بىلەن يېتىپ قوپۇپ ئۈچ ئاي تۇرمۇش ئۆگەنگەن. روماندا ئىشلىتىلگەن تىل، تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە ھېكايە-رىۋايەتلەردىن تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ نەچچە مىڭ يىل ياشىغان بىر قەدىمكى مىللەتنىڭ مەدەنىيەت چىنلىقىنى ھېس قىلىش مۇمكىن. ئەپسۇس ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ بۇ جانلىق مۇزېيى 2020-يىلغا كەلگەندە پۈتۈنلەي يوق قىلىندى. دەريابويى خەلقى يۇرت ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈلۈپ، خىتايچە سېلىنغان تۆت چاسا خىتايچە ئۆيلەردە ياشاشقا مەجبۇرلاندى.

ئابدۇراخمان قاھارنىڭ رومانلىرىنى كۆزەتكىنىمدە قەھرىمانلارچە ياشاۋاتقان بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئوبرازى كۆز ئالدىمىزدا گەۋدىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى خىتاي مىلىتارىستلار پەيدا قىلغان تەڭسىز مۇئامىلە، مۇستەملىكىچى تۈزۈم ۋە ئادالەتسىز رېئاللىقنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن جەڭگاھلاردا قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلىپ غەلىبە قىلىدۇ. يەنە بەزىسى خىتاينىڭ قىزىل ئىستېلاسىدىن كېيىنكى ناچار تەبىئىي شارائىت، ئىجتىمائىي ئادالەتسىزلىك ۋە سىياسىي توسقۇنلۇقلار بىلەن تىركىشىپ بازارلاردىن ئۆزىنىڭ تېگىشلىك نېسىۋىسىنى قولىغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ قەلىمىدە ئۇيغۇرلار مەيلى جەڭگاھتا بولسۇن، ياكى بازاردا بولسۇن ھۆرلۈكنى مەنپەئەتكە تېگىشمەيدۇ؛ ھوقۇقلۇق بولغان، ھالاۋەت كۆرگەن كۈنلەردىمۇ ھەققانىيەتتىن، ئادالەتتىن ۋە ئەپۇچانلىقتىن ۋاز كەچمەيدۇ.

ئابدۇراخمان قاھار ئەسەرلىرىنىڭ ۋەزنى بۇندىن كېيىن تېخىمۇ بىلىنىدۇ. ئۇنىڭ يازغانلىرىنىڭ قىممىتى بۈگۈنكىدەك ئۇيغۇرچە كىتابلار كۆيدۈرۈلۈپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى گۆرۈگە ئېلىنغان چاغلاردا تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ. خىتاي ئۇيغۇرنىڭ تىرىك مۇزېيى بولغان قەدىمى شەھەرلەرنى، قەدىناس يېزا-بازارلارنى ۋەيران قىلغان بىلەن ئۇنىڭ ئابدۇراخمان قاھارغا ئوخشاش مۇنەۋۋەر ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە خاتىرىلەنگەن ئۆڭمەس ئوبرازىنى بىتچىت قىلالمايدۇ. خىتاي يوقاتماقچى بولغان تارىخنىڭ خاتىرىسى ۋە بۈگۈننىڭ ئابىدىسىنى ھۆرلۈك ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتقان ئۇيغۇر ئەۋلادلار ھامان قايتىدىن تىكلەپ چىقىدۇ.

ئابدۇراخمان قاھارنىڭ تەرجىمىھالى

ئابدۇراخمان قاھار 1935-يىلى 11-ئايدا غۇلجا شەھىرىدە ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1945-يىلىدىن 1952-يىلىغىچە غۇلجا شەھىرىدە باشلانغۇچ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1952-يىلى «ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتى» غا ئوقۇشقا كىرىپ بىر يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1953-يىلى 9-ئايدا ئۈرۈمچىگە كېلىپ سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، ئوقۇشنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن 1956-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە غۇلجا شەھىرىدىكى دارىلمۇئەللىمىنلەردە ۋە ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى(ھازىرقى ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى) دا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئابدۇراخمان قاھار 1988-يىلىدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ مەخسۇس ئىجادىيەتكە مەشغۇل بولغان. ئۇ خىتاي يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.

Abduraxman-Qahar-Ailisi.jpg
ئابدۇراخمان قاھار ئائىلىسى بىلەن بىرگە.

ئابدۇراخمان قاھار 1953-يىلى «شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئىتى» (ھازىرقى «تارىم» ) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «بەختىمىز كۈلدى» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە قوشۇلغان. ئۇ شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر شېئىر، ھېكايە، پوۋېست، رومان ۋە ئەدەبىي خاتىرە ئىجادىيىتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ «ئىلى دولقۇنلىرى» (ئىككى قىسىم)، «ھايات سىرى»، «كۆڭۈل»، «يىراقتىكى كىشىلەر»، «ئاۋات شەھەرنىڭ يېڭى پۇقراسى»، «توغراق قىزنىڭ ئاشىقى»، «توزۇماس گۈل» قاتارلىق رومانلىرى، «كەچۈر مېنى نازاكەت»، «ئادەملەر ماڭا رەھىم قىلماڭلار»، «ئاھ ياشلىقىم»، قاتارلىق پوۋېستلار توپلىمى، «ۋاپا» قاتارلىق ھېكايىلەر توپلىمى بولۇپ 20گە يېقىن كىتابى نەشر قىلىنغان. «ئىلى دولقۇنلىرى» رومانى 1991-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون بويىچە «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا، «ئاۋات شەھەرنىڭ يېڭى پۇقراسى» ناملىق رومانى خىتاي مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى باھالاش بويىچە 6-نۆۋەتلىك «تۇلپار» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.