مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكىدا ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ كۆپىيىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00


ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنياۋىيلىشىشى شۇنداقلا يېقىنقى بىرقانچە يىللاردىن بۇيان غەربتىكى ئاساسلىق تاراتقۇلاردا ئۈزلۈكسىز ئورۇن ئېلىشى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىش ئېھتىياجىنى تۇغدۇرماقتا. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى مەلۇم.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋىسكانسېن ئۇنىۋېرسىتېتى ئورتا ئاسىيا تىللىرى ۋە مەدەنىيىتى ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئۇلاي شامىل ئوغلى مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈردى: «ئامېرىكىدا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ۋىسكانسېن ئۇنىۋېرسىتېتى ئورتا ئاسىيا تۈركىي تىللىرى بويىچە ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشتىكى مۇھىم ئورۇنلاردىن ھېسابلىنىدۇ. مەن ئىلگىرى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدئا ئۆزبەك تىلى پروگراممىسىنى تەسىس قىلغان ئىدىم، كېيىنچە ۋىسكانسېن ئۇنىۋېرسىتېتىغئا كېلىپ ياۋرو - ئاسىيا تىللىرى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە ئوقۇتۇش، تەتقىقاتلار بىلەن شوغۇللاندىم. بۇ جەرياندا ئۇيغۇرچە، ئۆزبەكچە، قازاقچە تىللار بويىچە كۇرسلار تەسىس قىلدۇق. يېقىندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئالدىنقى 2 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىدىغان ئامېرىكىلىق كۇرسانتلار تېز كۆپەيدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەت خادىملىرى، تەتقىقاتچىلار شۇنداقلا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلار بار. بۇ يىل ۋىسكانسېن ئۇنىۋېرسىتېتىدئا ئېچىلغان تۈركىي تىللار بويىچە يازلىق تىل ئۆگىنىش پروگراممىسىدا ئۇيغۇر تىلى ئەڭ كاتتىسى بولۇپ قالدى…»

ۋىسكانسېن ئۇنىۋېرسىتېتىدئا ئېچىلغان بۇ يىللىق تۈركىي تىللار بويىچە يازلىق تىل ئۆگىنىش پروگراممىسىدا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بەرگەن دوكتورانت قۇربان تۇرانمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇك ئامېرىكىدا ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ كۆپىيىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئامېرىكىدا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە يۈز بەرگەن سىياسىي ۋەقەلەر، قانلىق توقۇنۇش ۋە پاجىئەلەر شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنياۋىيلىشىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن. چۈنكى، خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالە ۋە خەۋەرلەر يېقىنقى بىرقانچە يىلدا زور سالماقنى ئىگىلىدى. بۇ ھال نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلاردا ئۇيغۇرلارنى بىلىش ۋە چۈشىنىش ئىستىكىنى پەيدا قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا سىياسىي سەھنىدە كۆرۈنۈشى غەربتىكى نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى تەتقىقاتچىلارنى ئۇيغۇرلار توغرىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا ئۈندىدى. بۇنىڭ بىلەن ئورتا ئاسىيا، ئىسلام دۇنياسى ۋە خىتاي توغرىلىق تەتقىقات قىلىدىغان نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلغان بولسا كېرەك. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن باشقىمۇ يەنە نۇرغۇن سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن.»

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.