ئېلنۇر خانىم: «بالىلارنىڭ يۈتۈپ كېتىشىدە بىرىنچى ئاتا-ئانىنىڭ ئاندىن جەمئىيەت ۋە تۈزۈلمىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015.01.06
yutken-bala-balilar-1.jpg يۈتكەن بالىلارنى ئىزدەش ئەلانى چاپلىماقتا.
Social Media
yutken-bala-balilar-1.jpg

يۈتكەن بالىلارنى ئىزدەش ئەلانى چاپلىماقتا. Social Media

yutken-bala-balilar-2.jpg

يۈتكەن بالىلارنى ئىزدەش ئەلانى چاپلىماقتا. Social Media

yutken-bala-balilar-3.jpg

يۈتكەن بالىلارنى ئىزدەش ئەلانى چاپلىماقتا. Social Media

yutken-bala-balilar.jpg

ئاتا-ئانىلار يۈتكەن بالىسىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ئارزۇ قىلماقتا. Social Media

yutup-ketken-bala-suriye.jpg

يۈتۈپ كەتكەن سۈرىيەنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن چۈشكەن سۈرىتى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس) Social Media

ئارىمىزدا ئېلنۇر خانىمغا ئوخشاش تۇيۇقسىز كەلگەن بەختسىزلىك، تەقدىرنىڭ قىيىن سىناقلىرىغا ئاجايىپ جەسۇرلۇق بىلەن تاقابىل تۇرىدىغان غەيرەتلىك ئانىلار بار.

ئېلنۇر يۈتتۈرۈپ قويغان قىزىنى 7 ئايدىن بۇيان تىنماي ئىزدىمەكتە ئۇ يەنە «سۈرىيە ۋە باشقا يوقاپ كەتكەن باللارنى تەڭ ھەمكارلىشىپ قايتۇرۇپ ئەكىلەيلى!» دېگەن ئىرادە بىلەن ئەمەلىي ھەرىكەت باشلىغان ئىدى. ئون نەچچە كۈندىن بۇيان ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ يۈتكەنلەرنى ئىزدەش ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ھال سوراشقا قاتناشقان پىدائىيلار 10 كىلومېتىردىن ئۇزۇن داۋان ئاشقان. ھازىر قەشقەر، ئۈرۈمچى، تۇرپان، پىچان، ئاقسۇ، غۇلجا، كۇچار، قۇمۇل، دۆربىلجىن، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بەزى شەھەر ناھىيە ئۆلكىلەردىمۇ پىدائىيلار داۋاملىق بۇ سەپكە قېتىلماقتا ئىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئېلنۇر خانىم ئۇيغۇر ئېلىنى ئايلىنىپ قىزىنى ئىزدەش داۋامىدا، يۈتۈپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئاسان تېپىلماسلىقىغا سەۋەب بولۇۋاتقان بەزى مۇھىم ئامىللارنى يەكۈنلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.