ئۇكرائىنا ئۇرۇشى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» لىنىيەسىنى ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىتامدۇ؟

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.03.11
ئۇكرائىنا ئۇرۇشى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» لىنىيەسىنى ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىتامدۇ؟ روسىيەنىڭ چېرنىگىۋدىكى ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن بۇزۇلغان شەھەر مەركىزى. 2022-يىلى 3-مارت، ئۇكرائىنا.
AP

رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئامېرىكا بىلەن ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى رۇسىيەگە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزگەن بولۇپ، رۇسىيەنىڭ پۇل-مۇئامىلىسى ۋە ھەربىي كۈچىنى ئاجىزلىتىش مەقسەت قىلىنغان بۇ ئىمبارگو، شۇنداقلا ئۇكرائىنادا بولۇۋاتقان ئۇرۇش خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» لىنىيەسىگە خىرىس ئېلىپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2013-يىل بۇ پىلاننى ئوتتۇرىغا قويغاندىن باشلاپ، «ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئىقتىساد كارىدورى» بەرپا قىلىش ئۈچۈن نەچچە يۈز مىليارد دوللار سەرپ قىلغان بولۇپ، قازاقىستان، رۇسىيە، بېلورۇسىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان تۆمۈر يول بۇ كارىدورنىڭ مۇھىم لىنىيەسىگە ئايلانغان.

8-مارت كۈنى «زامانىۋى دىپلوماتىيە» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە-ئۇكرائىنا كىرزىسى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» لىنيەسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىكەن. چۈنكى خىتاي ھازىر ھەر قانچە قىلسىمۇ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنادىن تەڭ مەنپەئەت ئالالمايدىكەن. رۇسىيەنىڭ ئىمبارگوغا ئۇچرىشى ۋە ئۇكرائىنانىڭ ۋەيرانچىلىققا يولۇقۇشى خىتاينىڭ بۇ ئىككى دۆلەت بىلەن قۇرغان ئىقتىساد بەلبېغىنى ئۈزۈپ قويىدىكەن.

بۇ ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي رۇسىيەنىڭ ئەڭ يېقىن شېرىكى، شۇنداقلا ئۇكرائىنانىڭ ئەڭ كۆپ ئاشلىق ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلىتى بولۇپ، ئۇكرائىنا يەنە خىتايغا ئايروپىلان، دېزىل ماتور ۋە ھەربىي قوراللارنى ساتىدىكەن. 2013-يىل خىتاي «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى باشلىغاندىلا ئۇكرائىنانى ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك رايون، ياۋروپادا كەڭ بازار ئېچىشنىڭ دەرۋازىسى دەپ قارىغان. 2017-يىل ئۇكرائىنا «بىر بەلۋاغ بىر يول» كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان، 2021-يىل خىتاي بىلەن قاتناش ۋە ئېنىرگىيە ساھەسىدىلا 3 مىليارد دوللارلىق توختام ئىمزالىغان. خىتاي شىركەتلىرىمۇ ئۇكرائىنانى مۇھىم مەبلەغ سېلىش نىشانى قىلغان، مەسىلەن، خىتاي ئاشلىق-ماي گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى (COFCO) ئوكرائىناغا 50 مىليون دوللارلىق مەبلەغ سالغان، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» مۇ ئوكرائىنادىن 50 يىللىق مۆھلەت بىلەن 100 مىڭ گېكتار يەر ھۆددىگە ئالغان. نۆۋەتتە، ئوكرائىنادا بولۇۋاتقان ئۇرۇش ھەمدە ئۇكرائىنلىقلارنىڭ رۇسىيەنى قوللاۋاتقان خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىكى كەلگۈسىدە خىتاينىڭ ئۇكرائىنادىكى مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكادىكى كور ئانالتىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى، خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ئاندېرس كور ئەپەندى بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان زىيارىتىمىزگە ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› سودىسىنى ۋەيران قىلىشى ناتايىن. لېنىگراد (سانكت-پېتېربۇرگ) قا چۈشكەن بېسىم خىتاينىڭ ياۋروپاغا مال توشۇيدىغان پويىزىغا تېخىمۇ ئېغىر قىيىنچىلىق كەلتۈرىدۇ، ئەمما خىتاي تەننەرخى ئەرزان دېڭىز قاتنىشى ئارقىلىق ياۋروپاغىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغىمۇ مال توشىيالايدۇ». ئۇ يەنە بۇ ئۇرۇشنىڭ خىتايغا مەنپەئەت ئېلىپ كېلىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «خىتاي رۇسىيە بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا مۇناسىۋەتلىشىشكە بەلگىلىك چەك قويدى، ئەمما بۇ ئۇرۇش خىتايغا پايدىلىق، شۇڭا خىتاي يەنىلا رۇسىيەگە ياردەم بېرىدىغان ئۇسۇلنى تېپىپ چىقالايدۇ،» دېدى.

«راند» (Rand) سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئانالىزچىسى، دوكتور تىموسى ھېت ( Timothy R. Heath ) زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» لىنيەسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئوكرائىناغا قىلىنغان ھۇجۇم مېنىڭچە خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىغا مالىمانچىلىق ۋە قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنداق دېيىشىمدە بىر نەچچە سەۋەب بار: بىرىنچىدىن، ياۋروپا ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› نىڭ كۆزلىگەن مۇھىم بازىرى، ئەمما خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوللىشى نۇرغۇن ياۋروپا دۆلەتلىرىنى غەزەبلەندۈردى ۋە خىتايدىن يىراقلاشتۇردى. بۇ بەلكىم خىتاي بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودىنى زىيانغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن. ئىككىنچىدىن، بۇ ئۇرۇش خىتاينىڭ دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى توسقۇنلۇققا ئۇچراتتى ھەمدە خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› دىن ماڭدۇرۇۋاتقان سودىسى ۋە مەبلەغ سېلىش ئىرادىسىگە زەربە بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپلىگەن ئاسىيا ئەللىرى خىتاينىڭ رۇسىيەگە ياردەم بېرىۋاتقىنىغا قاراپ، تەيۋەنگىمۇ ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن دېگەن ئەندىشىگە چۈشتى. بۇمۇ بەلكىم خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› سودىسى تورىنى شەكىللەندۈرۈش پىلانىنى سۇغا چىلاشتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن».

ئۇ يەنە «رۇسىيە ئەگەر بۇ ئۇرۇشتا مەغلۇب بولسا خىتاي ئۆزىنىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› دىكى مەنپەئەتىنى دەپ رۇسىيەنى قوللاشتىن ۋاز كېچىشى مۇمكىنمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوللىشىدىكى سەۋەب، خىتاينىڭ باشقا تاللىشى يوق. ئامېرىكا ھەرگىز خىتاينىڭ دوستىغا ئايلىنالمايدۇ. ئامېرىكانىڭ كۆپلىگەن ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى خىتاينى ئەمەس، ئامېرىكانى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاينىڭ رۇسىيەدەك بىر چوڭ دۆلەتكە تايانماي ئامالى يوق. ئەگەر خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ مۇناسىۋىتى يامانلاشسا، خىتاي ئۆزىگە تېخىمۇ كۆپ دوست ئىزدەيدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن تەڭپۇڭ ۋە مۇقىم مۇناسىۋەتنى ساقلىشى ناھايىتى مۇھىم. ئامېرىكانىڭ دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىك سەپ تۈزۈشى خىتايغا زور قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ، شۇڭا ئۇ رۇسىيەدىن ئاسان ۋاز كەچمەيدۇ».

يۇقىرىقى ماقالىدە، رۇسىيە-ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ بۇ ئىككى دۆلەت بىلەن سودا قىلىۋاتقان خىتاينى ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا قويىدىغانلىقى تەھلىل قىلىنغان:

بىرىنچىدىن، خىتاينىڭ ئۇكرائىنا، پولشا ۋە رۇسىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا مال توشۇيدىغان قاتناش لىنىيەسى ياۋروپادىكى 23 دۆلەت ۋە 180شەھەرنى قاپلىغان بولۇپ، 2021-يىل خىتاينىڭ ياۋرو-ئاسىيا تۆمۈر يولى ئارقىلىق توشۇغان ماللىرىنىڭ قىممىتى 74. 9 مىليارد دوللارغا يەتكەن. ھالبۇكى، كۆپلىگەن شىركەتلەر نۆۋەتتە رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلگەن ئىقتىسادىي جازا تۈپەيلىدىن رۇسىيە ئارقىلىق مال كىرگۈزەلمەيدىكەن، نەتىجىدە خىتاينىڭ رۇسىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا مال توشۇش يولى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدىكەن ۋە خىتاي 75 مىليارد دوللارلىق زىيانغا ئۇچرايدىكەن.

ئىككىنچىدىن، خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئارقىلىق ياۋروپاغا مال توشۇيدىغان پويىزى كورونا ۋىرۇسى تارقالغان مەزگىلدىمۇ مال تەمىنلەش لىنىيەسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان. ھاۋا ۋە دېڭىز قاتنىشىنىڭ چىقىمى ۋە خەتىرى ئېشىپ كەتكەن ئەھۋالدا بۇ تۆمۈر يول خىتاينىڭ ياۋروپاغا مال يەتكۈزىدىغان بىردىنبىر تاللىشى بولۇپ قالغان، ئەمما نۆۋەتتە ئوكرائىنادا بولۇۋاتقان ئۇرۇش بۇ يولنىڭ راۋان بولۇشىنى توسۇپ قويغان.

ئامېرىكادىكى گېرمانىيە مارشال فوندىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئانالىزچىسى زاكارى كۇپېر (Zachary Cooper) ئۇكرائىناغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» سودىسىغا ئەجەللىك زەربە بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشى خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنى ۋەيران قىلىدۇ دەپ قارىمايمەن. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئۇرۇش بەزى ساھەدىكى ئىقتىسادىي ئېھتىياجنى ئاشۇرىدۇ. رۇسىيەدىن ياردەم ئالالمىغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى خىتاينىڭ ياردىمىگە بەكرەك مۇھتاج بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ بۇ ئۇرۇش بەزى قىيىنچىلىق ۋە جىددىي ۋەزىيەتنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، خىتاي كارخانىلىرى ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جازاسىغا دۇچ كېلىدۇ، بۇمۇ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىغا خەۋپ كەلتۈرىدۇ. مەنچە، ئەڭ جىددىي مەسىلە، خىتاينىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئاخىرىقى سىياسىتى نېمە دېگەن مەسىلىدۇر، خىتاي رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتەمدۇ ياكى سىياسىي تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا تىرىشامدۇ؟ ئۆتكەن بىر قانچە كۈندە، بىز خىتاينىڭ جىددىيلىشىپ قالغانلىقىنى كۆردۇق، خىتاي بەلكىم ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن بەك يېقىنلىشىپ كەتتۇقمۇ قانداق؟ دەپ ئويلاپ، بۇ مۇناسىۋەتنى تەڭشىمەكچى. شۇڭا مەنچە، خىتاي ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› سىياسىتىنى تەڭشەش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ، خىتاي ئۈچۈن بۇ ئانچە زور مەسىلە ئەمەس».

8-مارت كۈنى «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى ئىزچىل كۈچەيتىپ كەلگەن ۋە رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە «يېڭى دۇنيا تەرتىپى» ئورنىتىشقا تىرىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن تەڭ ئەھۋال مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن. خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ خەلقئارا تەرىپىدىن يېتىم قالدۇرۇلۇشى قىسقا مۇددەتتە رۇسىيەنى مەغلۇب قىلسا، ئۇزۇن مۇددەتتە مۇستەبىت خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەيدىكەن.

ئىستراتېگىيە مۇتەخەسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ دۇنيانىڭ ئىقتىساد ۋە سىياسىي تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆزگەرتىپ، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا توسقۇن بولىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ كەلگۈسىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسى خىتاينىڭ دۇنياغا كېڭەيمىچىلىك قىلىش، بايلىق مەنبەلىرىنى تالان-تاراج قىلىش، نامرات، ئاجىز ئەللەرنى قەرزگە بوغۇپ قويۇش ئارقىلىق سىياسىي ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش پىلانى بولۇپ، خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستان، سىرىلانكا ۋە ئافرىقادىكى بەزى ئەللەر خىتاينىڭ بۇ توزىقىغا چۈشۈپ، ۋەيران بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.