زۇمرەت خانىم: خىتاينىڭ بۈگۈر ئىسيانى ھەققىدىكى خەۋىرى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئېتىراپى

0:00 / 0:00

خىتاي 21-سېنتەبىر بۈگۈر ئىسيانى ھەققىدىكى خەۋىرىدە، ئىسيانچىلارنى نەق مەيداندا ئېتىۋەتكەنلىكى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرەپتە تۇرۇپ قانلىق باستۇرۇشقا يان باسقانلىقى قاتارلىق كۆرۈنۈشلەرنى ھېچ پەردازلىماستىنلا ئاشكارا ئېلان قىلدى.

ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشتا خەلق ئاممىسىنىڭ ماسلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بۇ خەۋەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى. نۆۋەتتە ياۋروپادا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى زۇمرەت خانىم خەۋەردىكى كۆرۈنۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئاساسەن، رايوندىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خاراكتېرىگە باھا بەردى. ئۇ سۆزىدە «مانا بۇ خەۋەر ‹جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك بىر چوڭ ئائىلە› دېگەن سەپسەتىنىڭ يەنە بىر قېتىم يالىڭاچلىنىشى، بۇ شۇنداقلا يەنە، رايوندىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەملىكىچى بىر ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى» دېدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىزنىڭ زۇمرەت خانىم بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئاڭلايسىلەر.