«سوقماق شاھى» ئادىل مەمەتتۇرنىڭ «ئالىبابا» غا بەرگەن پىكرى خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا مۇنازىرە قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.10.31
alibaba-ma-yun.jpg «ئالىبابا» شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ما يۈن.
wikipedia.org

«ئالىبابا» خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت شىركىتى. ئۇنىڭغا قاراشلىق Sina.com يېقىندا ئۆزىنىڭ ساياھەت ئىشلىرىغا ئالاقىدار تور مۇنبىرى‏-«ئالىبابا ساياھەت» مۇنبىرىنىڭ ئىسمىنى «ئۇچار چوشقا» دەپ ئۆزگەرتكەن ئىدى.

بۇنىڭغا قارىتا «سوقماق شاھى» ئادىل مەمەتتۇر ئۆزىنىڭ Sina.com تورىدىكى مىكرو بلوگىغا پىكىر يېزىپ، ئۇنىڭ ساياھەت مۇنبىرىنى«ئۇچار چوشقا» دېگەن مەنىدىكى «فېيجۇ» دەپ ئۆزگەرتىشىنى توغرا تاپمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ،«ئالىبابا مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى سەزگۈرلۈكىنى كۆزدە تۇتقان بولسا بولاتتى» دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.

ئەمما ئۇنىڭ پىكرى، خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغاپ، مۇنازىرە دىن، مىللەتلەر، مۇسۇلمان مىللەتلەر ۋە غەيرىي مۇسۇلمان مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، ھالال ۋە غەيرىي ھالال يېمەكلىكلەر، ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار بىلەن كۆپ سانلىق غەيرىي مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا ھۆرمەتنىڭ چەك -چېگراسى قاتارلىق مەسىلىلەرگە تاقالغان. بەزىلەر ئادىل مەمەتتۇرغا «دىنىي رادىكال» دەپ ھۇجۇم قىلغان.

نەتىجىدە، ئادىل مەمەتتۇر ئۆزىنىڭ مىكروبلوگىدىكى پىكرىنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە، يازغان پىكرى سەۋەبلىك ئۆزۈر تىلەشكە مەجبۇر بولدى. ئۇ، «ئالىبابا ساياھەت مۇنبىرىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتكەنلىكىگە يازغان پىكرىم توغرا بولمىدى. شۇڭا، سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمەن» دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» مەزكۇر ۋەقەنى خەۋەر قىلىپ، ئادىلنى تەنقىد قىلغان خىتاي تورداشلىرىنى ئاقلىغان. ئۇنىڭ خەۋىرىدە، بىر تورداشنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «بىرىنىڭ ئۆز دىنىي ئېتىقادىنى قوللىنىپ، باشقىلارنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇشى مۇۋاپىق ئەمەس» دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئەمما بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئادىل مەمەتتۇرنىڭ پىكرى بۇنداق قاتتىق ئىنكاس قوزغاشتىكى سەۋەب، خىتايدىكى ئىسلامىفوبىيەنىڭ كۈچىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى قاھار بارات، خىتايدا ئىسلامىفوبىيەنىڭ كۈچىيىشىدە ھەرخىل ئامىللار رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

قاھار بارات: «تۇڭگانلار رايونلىرىدا دىنىي سىياسەت، دىنىي ئېچىۋېتىشلارنىڭ باشلىنىشى ئېچىۋېتىش سىياسىتى بىلەن بىرگە كەلدى. شۇنىڭ بىلەن تۇڭگانلار ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئىسلام دىنىغا باغلاپ تۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرۈشنىڭ يولىنى تاپتى. مانا ھازىر تۇڭگانلار تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭكى دىنىي بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش ئارقىلىق مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ۋە كۆرسىتىشنى بۇ كۈرەشنىڭ قولى قىلىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە خىتايلارغا تەسىر قىلماي قالمايدۇ.
شۇڭا، خىتايدىكى بۇ ئىسلامدىن چۆچۈشنىڭ بىرى، ئۇيغۇرلاردىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بولسا، يەنە بىرى تۇڭگانلاردىكى دىنىي ئويغىنىش. ھازىر دۇنيادا ئەڭ چوڭ جەڭگى-جېدەلنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئىسلام دۇنياسىدا بولۇۋاتىدۇ. دىنىي زىددىيەت ۋە دىنىي مەسىلە خەلقئارادىكى ئەڭ چوڭ غۇلغۇلا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، بۇ خىتاي، خىتاينىڭ ئاخباراتى ۋە خەلق ئىچىگە تەسىر قىلماي قالمايدۇ» دېدى.

بۇ قېتىمقى مۇنازىرە يەنە، خىتايدا ھالال ۋە غەيرىي ھالال يېمەكلىكلەر ھەققىدىكى تالاش-تارتىش كۈچەيگەن بىر مەزگىلدە يۈز بەردى. خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆتكەن قېتىمقى مەملىكەتلىك يىغىنىدا بەزى تۇڭگان ۋەكىللەر مۇسۇلمانلار ئىستېمال قىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىپ، قانۇن تەكلىپ لايىھىسى سۇنغان.

ئەمما مەزكۇر لايىھە بەزى خىتاي زىيالىيلىرى ۋە ئانالىزچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلار، مۇسۇلمان ئىستېمال بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش قانۇنى چىقىرىش دۆلەتنىڭ دىن بىلەن سىياسەتنى ئايرىش پرىنسىپىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئامېرىكا مارىلاند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ما خەييۈننىڭ قارىشىچە، خىتاي جەمئىيىتىدە مۇسۇلمانلارغا قارشى تۇرۇش كەيپىياتى 2008‏-يىلدىن باشلاپ باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان.

ما خەييۈن مۇنداق دەيدۇ: «ئەمەلىيەتتە ئۇزۇندىن ئېلىپ ئېيتساق، 2008‏-يىلدىن كېيىن، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە مۇسۇلمانلارغا قارشى كەيپىياتنىڭ باش كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايسىز. بولۇپمۇ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ، سىزمۇ بايقىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، بېيجىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ھۇجۇم قىلىش كۈچەيدى. ئىلمىي ساھەدە خۇ ئەنگاڭ، ما رۇڭ، دىنىي ئىشلار ئىدارىسىدىكى يې شاۋۋېن، خەلق قۇرۇلتىيى مىللىي، دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى جۇ ۋېيچۈن بۇلار 2-ئەۋلاد مىللىي سىياسەت مۇزاكىرىسىنى باشلىغان. ئۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەر، ئاپتونوم رايونلار بىكار قىلىنىشى كېرەك، دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان.»

ما خەييۈن يەنە، بۇ مەسىلە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدا كەسكىن كۈرەشكە سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ كۈرەش جۇ ۋېيچۈن بىلەن سابىق خىتاي مەملىكەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تۇڭگان مۇدىرى، نىڭشيا ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى مۇدىرى ۋاڭ جېيۋېي ئوتتۇرىسىدا پارتلىغان.

ما خەييۈن: «نىڭشيانىڭ باشلىقى ۋاڭ جىڭۋېي ئۆتكەن يىلى دۆلەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتىغا يۆتكەپ ئاپىرىلغان ئىدى. نەتىجىدە ئۇنىڭ بىلەن جۇ ۋېيچۈن ئۆز-ئارا قاتتىق تىللىشىپ كەتكەن. جۇ ۋېيچۈن بىر يىغىندا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بىر ئايلىق ژۇرنىلى بار ئىدى، «جۇڭگو مىللەتلىرى» دەيدىغان. بۇ ژۇرنالدا جۇ ۋېيچۈننىڭ پىكرى ئاشكارا تەنقىد قىلىنىپ، خىتايدا نۇرغۇن مىللەتلەر ياشايدۇ، بۇ، كۆپ مىللەتلىك، كۆپ مەدەنىيەت، كۆپ قۇتۇپلۇق دۆلەت، بۇ سېنىڭ نەرىڭگە تاقاشتى، دېگەندەك گەپلەر بىلەن. قىسقىسى، جۇ ۋېيچۈن بىلەن ۋاڭ جىڭۋېي ئۆز-ئارا ئاشكارا تىللاشقان. خىتايدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى تىللاش ئەھۋالى ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان.»

ئەمما ما خەييۈننىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىللىق دىنىي يىغىنىدا «2‏-ئەۋلاد ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى»نىڭ تەشەببۇسكارى يۇقىرىقى شەخسلەر يەنە باش كۆتۈرۈپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن بۇ يىل مۇسۇلمانلارغا قارشى كەيپىيات يەنە كۈچەيگەن.

دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، ساياھەت مۇنبىرىنى ئۇنداق ئۆزگەرتىش مۇسۇلمانلارغا ھاقارەت، دەپ چۈشىنىشكە بولمىسىمۇ، ئەمما ئادىل مەمەتتۇرنىڭ ئالىباباغا پىكىر بېرىشى خاتالىق ئەمەس.

قاھار بارات: «ئالىبابا دىگېنى بۇ مىڭبىر كېچىدىن چىققان. ئەمدى ھاقارەت دېسە بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بېتى ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ بېتى. لېكىن بۇ بەت دۇنيا خاراكتېرلىك، ھەممە ئادەم كىرىدىغان، ھەممە ئادەم ئىشلىتىدىغان بەت بولغاچقا، قاراپ ئولتۇرۇپ چوشقىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قويسا، مۇسۇلمانلار بۇ بەتكە كىرىپ، شۇنىڭ بىلەن تىجارەت قىلامدۇ-قىلمامدۇ. ئەپسىزلىك، دېگىنى مۇشۇ» دەپ كۆرسەتتى.

بۇ مۇنازىرە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا يېمەكلىك ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىكى «ھالال» دېگەن ماركىنى چەكلەپ، بۇنى «دىنىي ئەسەبىيلىك» نىڭ ئىپادىسى، دەپ باستۇرۇۋاتقان نازۇك مەزگىلدە پارتلىدى.

دائىرىلەر يېقىندا ئۈرۈمچى سايباغ رايونىدا سەندۇڭدىكى بىر شىركەتنىڭ چوشقا يېغىنى«ھالال» دەپ بازارغا سالغانلىقىغا دائىر بىر ئۇچۇرىنى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىغا يوللىغان ئىككى ئۇيغۇر ياشنى قولغا ئېلىپ، توردا «مىللەتلەر ئىتتىپاقىغا زىيانلىق ئۇچۇر تارقاتقان» دەپ ئەيىبلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.