ئامېرىكىنىڭ ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىمۇ كەڭ ئورۇن ئالدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.07.26
suriye-musapir-turkiye-chegra.jpg تۈركىيە چېگراسىدىن قانۇنسىز كىرىۋاتقان سۈرىيە مۇساپىرلىرى. 2015-يىلى 14-ئىيۇن.
AFP

يېقىندا ئامېرىكىدىكى «يېڭى ئامېرىكا تەتقىقات مەركىزى» سۈرىيەدە ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قاتناشقانلارنىڭ دۆلەت تەركىبىگە مۇناسىۋەتلىك ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، ئاز دېگەندە 100 نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ سۈرىيەدىكى ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قاتناشقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. بۇ دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم سىياسىتىگە ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قاتنىشىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارغىمۇ دىققەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي تەرەپ بولسا بۇ خىل كۆز قاراشتىن نارازى بولغان.

ئامېرىكا «يېڭى ئامېرىكا تەتقىقات مەركىزى» 20-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا 2013-2014-يىللىرى ئارىسىدا ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قاتناشقان 4000 نەپەر جىھادچى ئارىسىدا خىتايدىن كەلگەن 114 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بارلىقى تىلغا ئېلىنغان ۋە بۇ ئۇيغۇرلارنى مەزكۇر تەشكىلاتقا قاتناشقان باشقا جىھادچىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئامىللار مۇلاھىزە قىلىنغان ئىدى. مەزكۇر ئورگاننىڭ تەتقىقاتچىسى روزېنبلات دوكلاتىدا، بۇ 114 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ كېلىپ چىقىشى، ساياھەت تارىخى، مائارىپ سەۋىيەسى، شۇغۇللانغان كەسپى، ئۇلارنىڭ قېرى-چۆرە، بالا-ۋاقىلاردىن تەركىب تاپقان بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇشى، ئاساسەن ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇشىغا ئوخشاش شەخسى ئۇچۇرلىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق بىر جىھاد تەلىماتى ئېلىپ باقمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلۇپ ئۆزلىرىگە يېڭى بىر يۇرت ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خەلقئارادىكى ئاخباراتلارنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى، ۋال سترىت ژۇرنىلى، مالىيە ۋاقتى گېزىتى، تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى قاتارلىق نۇرغۇن مۇھىم ئاخباراتلار بۇ دوكلاتقا ئورۇن بەردى. ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە «خىتايدىن كېلىپ ئىسلام دۆلىتىگە قاتناشقانلارنىڭ تىپىك ئەھۋالى باشقىلاردىن پەرقلىق، بۇنىڭدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇشى مۇمكىن» دەپ ماۋزۇ قويغان. ماقالىدە، يۇقىرىدىكى تەتقىقات ئورگىنىنىڭ ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى قارمىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا جىھادچىلاردىن پەرقلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ بۇ يەرلەرگە بىر «ئائىتلىق تۇيغۇسى» ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى داۋاملىق جىددىي بولۇپ كەلگەن ئىدى. تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلار يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىشىپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپ ساندا خىتاي كۆچمەنلەر شىنجاڭغا كۆچۈپ بېرىپ، زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى. 2009-يىلى نامايىش بولۇپ 200 كىشى ئۆلدى. كېيىن 2014-يىلى پىچاق ۋە بومبا ئارقىلىق ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ نۇرغۇن كىشى ئۆلدى، ۋەقەدە ئۇيغۇرلار تېررورلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى. خىتاي ھۆكۈمىتى دائىم شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى دەيدىغان بىر گۇرۇپپىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەل-قائىدە تېررور تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار، دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن. ئۆتكەن نويابىردا پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى غەربنى خىتايدىكى ھۇجۇملارنى تېررورلۇق ھۇجۇمى، دەپ تونۇمايۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىدى بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللىك ژۇرنالىستلارنىڭ خىتايغا بېرىپ، يۈز بەرگەن ئاتالمىش تېررور ۋەقەلىرىنى خەۋەر قىلىشىنى چەكلەيدۇ. شۇڭا خىتاي دۆلەت ئاخباراتى ئىلگىرى سۈرگەنلەرنى قوللاش ياكى رەت قىلىش ئىنتايىن قېيىن.»

ۋال سترىت ژۇرنىلىمۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ماقالىسىگە «خىتايدىن كەلگەن 100 دىن ئوشۇق مۇسۇلمان ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قاتناشقان-ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلار ئۇيغۇر جىھادچىلارنىڭ ئۆزلىرىگە يېڭى يۇرت ۋە ئائىتلىق تۇيغۇسى ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى يورۇتۇپ بەرمەكتە» دەپ ماۋزۇ قويغان. خەۋەردە دوكلاتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قاتنىشىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار، ئۇلارنىڭ باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن جىھادچىلار بىلەن بولغان پەرقلىرىگە كەڭ ئورۇن بېرىلگەن ۋە «ھالبۇكى، تەتقىقات نەتىجىسىدە بايقالغانلار خىتاي ھۆكۈمىتى دەپ كېلىۋاتقان «نۇرغۇن ئۇيغۇر جىھادچىلار ئەل-قائىدە ۋە شۇنىڭدەك باشقا تەشكىلاتلاردىن تەلىم ئالغان، ئۇلار بىلەن ئىشلىگەن» دېگەن سۆزگە قارىتا گۇمان پەيدا قىلىدۇ. بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە بىرمۇ ئۇيغۇرنىڭ جىھاد تەجرىبىسىنىڭ يوقلۇقى مەلۇم بولدى... يەنە بىر ئورگان تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا بولسا پەقەت 4 ئۇيغۇرنىڭ پاكىستان، ئافغانىستاندا بۇنداق بىر تەجرىبىگە ئىگە بولغانلىقى مەلۇم بولدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب قايتۇرمىدى» دەپ بايان قىلىنغان. ۋال سترىت ژۇرنىلى ماقالىسىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2002-يىلى ب د ت دا لوبىچىلىق قىلىش ئارقىلىق «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى تېررور تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنى ۋە تېررور مۇتەخەسسىسلىرىنى بۇ تەشكىلاتنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇتلۇقى ۋە خىتايغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرەلمىگەنلىكىنى بايان قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2001-يىلىدىن بېرى ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ كۆرسىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن تەشۋىقاتلارنى قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ غەلىبە قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلارنى خەلقئاراغا تېررورچى دەپ تونۇشتۇرۇشقا تىرىشتى. بىراق غەرب ئەللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پائالىيەتلىرىنىڭ تېررورلۇق ئەمەس، بەلكى بىر مىللىي داۋا ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۆز كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتە غەلىبە قىلالمىدى.»

خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب ئەللىرىنى داۋاملىق ھالدا تېررورلۇققا نىسبەتەن ئىككى خىل ئۆلچەم قويۇش بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەن. يېڭى ئامېرىكا تەتقىقات ئورگىنىنىڭ بۇ دوكلاتىغا تېخى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن رەسمىي بىر جاۋاب كەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى دەپ ھېسابلىنىدىغان يەر شارى ۋاقتى گېزىتى بۇ ئورگاننىڭ دوكلاتىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ ئامېرىكىنى ئەيىبلىگەن. يەرشارى ۋاقتى گېزىتى ماقالىسىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى پەن جىپىڭنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ يېڭى ئامېرىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ دوكلاتىنى «نومۇسسىزلارچە يالغانچىلىق» دەپ باھالىغان. پەن جىپىڭ مۇنداق دېگەن: «ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قاتناشقانلار ئارىسىدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەدىن كەلگەنلەرمۇ بار. ئەجەبا ئۇلارمۇ دۆلەتنىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ بارغانلارمۇ؟ بۇ دوكلات پۈتۈنلەي ئۆسەك سۆز-چۆچەك ئاساسىدا يېزىلغان. جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەپ باقمىغان» دەپ سۆز قىلغان. خىتاينىڭ خەلق گېزىتى بولسا خىتايدىكى تېررور تەتقىقاتچىسى لى ۋېينىڭ سۆزىنى نەقىل قىلغان. لى ۋيې بولسا «تېررورلۇق يەرشارىۋىي بىر مەسىلە. خىتاينىڭلا مەسىلىسى ئەمەس... ئامېرىكا ئۆزىنى دۇنيادىكى تىنچلىق قوغدىغۇچىدەك كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ ئۆزى كاشىلا پەيدا قىلغۇچى» دېگەن.

دىلشات رىشىت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق داۋاسىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ تېررور مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشتا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«يېڭى ئامېرىكا تەتقىقات مەركىزى» بولسا دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئارتسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ساقال قويۇش، روزا تۇتۇش قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ نورمال دىنىي ئىبادەتلىرىنى «ئىسلامىي رادىكاللىق» نىڭ سىمۋولى دەپ چەكلىشى ياكى قاتتىق كونترول قىلىشى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى خىتاينى تاشلاپ، ئۇلارغا قۇچاق ئاچىدىغان يەر ئىزدەشكە مەجبۇر قىلغان، دەپ يازغان ئىدى.

مالىيە ۋاقتى گېزىتى يۇقىرىدىكى دوكلاتتا بېرىلگەن مەزمۇنلارنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئادەتتىكى دىنىي پائالىيەتلىرىنىمۇ رادىكاللىققا باغلاپ جازالىغانلىقىنى يازغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.