ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ باش مىنىستىر بولسا، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى قانداق بولار؟

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2014.08.22
ehmet-dawutoghlu-urumchide.jpg ئەھمەت داۋۇتوغلۇ ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە
Photo: RFA


8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خەلق تەرىپىدىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 11 - دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا كىمنىڭ باش مىنىستىر بولىدىغانلىقى تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىدىكى بىرىنچى مەسىلە ئىدى. 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مەركىزى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ يىغىنى ئاخىرىلاشقاندىن كېيىن، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ يېڭى باش مىنىستىر نامزاتى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىس نامزاتى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئەھمەت داۋۇتوغلۇ باش مىنىستىر بولسا، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى قانداق بولار؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئاڭلايسىلەر.

ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئۈنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقاندا، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تاشقى سىياسەت مەسلىھەتچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا 2009 - يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولدى. ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەيدانغا كەلدى، ئوتتۇرا شەرق ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئەرەب باھارى ئىنقىلابى مەيدانغا كەلدى، سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش چىقتى. تۈركىيەنىڭ، تارىخىي ۋە جۇغراپىيىۋىي ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىن بۇ ۋەقەلەرگە قارىتا قاراپ تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەزگىلىدە 2010 - يىلى 10 - ئاينىڭ ئاخىرىدا ئەنقەرەدىن ئۇدۇل قەشقەرگە بېرىپ، قەشقەرنى زىيارەت قىلدى، كېيىن ئۈرۈمچىدە بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن بېيجىڭغا بارغان ئىدى. ئۇ، ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنى قوبۇل قىلىپ ۋەقە توغرىسىدا مەلۇمات ئالغان ئىدى. ئۇ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئۇنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بىلمەيدۇ دەپ ئەيىبلىگەندە، ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ كىچىك ۋاقتىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مەرھۇم لىدىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئۆيىگە كەلگەنلىكىنى، دادىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغاندا ئاڭلىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

ئەھمەت داۋۇتوغلۇ قەشقەردە
ئەھمەت داۋۇتوغلۇ قەشقەردە

تۈركىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتوغلۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۈپىتى بىلەن 2012 - يىلى 4 - ئاينىڭ باشلىرىدا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىللە ئۈرۈمچىگە ئىككىنچى قېتىملىق زىيارىتىنى ئېلىپ باردى. بۇ زىيارىتى جەريانىدا بىرىنچى قېتىم بارغاندا تونۇشقان بىر ئۇيغۇر بىلەن نوغاي مەسچىتى ئالدىدا قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەن رەسىمى ئۈرۈمچى زىيارىتىنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى. ئىككى كۈندىن بېرى، تۈرك تېلېۋىزىيەلىرىدە ئەھمەت داۋۇتئوغلىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەزگىلىدە دىكتاتور ھۆكۈمەتلەرنى ئەمەس، ئېزىلگەن خەلقنى ياقلايدىغان بىر تاشقى سىياسەت ئېلىپ بارغانلىقىنى دەپ، پەلەستىن زىيارىتىدە بىر ئەرەب بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى زىيارىتىدە بىر ئۇيغۇر بىلەن بىللە قۇچاقلىشىپ يىغلاپ كۆرۈشكەن رەسىملىرى كۆرسىتىلمەكتە.

ئۇنداقتا، ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلدى؟ تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىرى بولغاندىن كېيىن نېمىلەرنى قىلىپ بېرەر؟ ئالدىمىزدىكى يىللاردا تۈركىيە، خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى قانداق بىر ئورۇنغا ئىگە بولار؟

بۇ مەسىلىلەرگە قىزىقسىڭىز، يوقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.