ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتى ھەر خىل ئىنكاس قوزغىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2015.08.04
erdoghan-shi-jinping.jpg تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تۈركىيە-خىتاي سودا ئىشلىرى توغرىسىدا سۆھبەتتە. 2015-يىلى 30-ئىيۇل، بېيجىڭ.
XINHUA

ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرى ئۇيغۇرلاردا ئوخشاشمىغان ئىنكاسلارنى قوزغىدى. كىشىلەر «تۈركىيە ئۈچۈن دۆلەت مەنپەئەتى مۇھىممۇ ياكى ئۇيغۇر مەنپەئەتىمۇ؟» دېگەن تېما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلماقتا.

تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئېلىپ بارغان 3 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە ئامېرىكا 2008-يىلى تېررور تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەن«شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىشى ۋە خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكرار بىلدۈرۈشى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە سىياسىي زاتلىرى ئارىسىدا ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى قوزغىدى. بەزىلەر «ئەردوغان ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇيغۇر مەنپەئىتىنى ساتتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ قاتتىق باستۇرۇشى ئۈچۈن يېشىل چىراغ يېقىپ بەردى» دېيىشمەكتە، يەنە بەزىلەر بولسا «ئەردوغاننى توغرا چۈشىنىش كېرەك. ئەردوغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۈركىيەدە ئىلگىرى ھېچبىر دۆلەت رەھبىرى قىلمىغان ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەردى. ئەردوغاننىڭ بۇ نۆۋەت ئۇيغۇر مەنپەئىتىنى تۈركىيە مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربان قىلىۋېتىشى، تۈرك مىللىي مەنپەئىتىنىڭ ئۇيغۇر مەنپەئىتىدىن ھەرقاچان مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەرقانداق دۆلەت گېزى كەلسە، ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر مەنپەئىتىنى ساتىدۇ» دېيىشمەكتە.

بۇ خىلدىكى مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمىلەرنىڭ ئارىسىدا د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ئەنىۋەرجان ئەپەندىمۇ بار. ئۇ بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، گەرچە رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە تىلغا ئالغانلىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق پىكىرلەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قەلبىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، بۇ ئادەمنى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تونۇيدىغانلىقىنى ھەمدە تەقىب قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ تۇنجى قېتىم رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھۆكۈمەت بېشىغا چىققاندا ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ۋە ئىجابىي تەرەپكە يۈزلەنگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، بۇ ۋەقەنى «قەتلىئام» دەپ ئاتىغان تۇنجى ۋە بىردىن-بىر دۆلەت رەھبىرىنىڭ ئەردوغان بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەنىۋەرجان ئەپەندى، ئەردوغاننىڭ يەنە ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىگە ئەڭ ياخشى كۆڭۈل بۆلگەن كىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ئەردوغاننىڭ دىپلوماتىك ئىبارىلەرگە دىققەت قىلمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆپ ئۈمىدسىزلىك ھەم زەرەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. ئەنىۋەرجان ئەپەندىمۇ ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىدە تىلغا ئالغانلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىنى يارىلىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەنىۋەرجان ئەپەندى شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئۆز مەنپەئىتىنى باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەنپەئىتىنىڭ تۈركىيە مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربان بولۇشىنىڭ ئەجەپلەنگۈچىلىكى يوقلۇقىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.