ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇشى - جۇمھۇر رەئىس سەۋىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى سۆھبەت

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2015.08.07
erdoghan-shi-jinping.jpg تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تۈركىيە-خىتاي سودا ئىشلىرى توغرىسىدا سۆھبەتتە. 2015-يىلى 30-ئىيۇل، بېيجىڭ.
XINHUA


تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى تايىپ ئەردوغاننىڭ خىتايدا ئېلىپ بارغان ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى، كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدىكى ئىجابىي ۋە سەلبىي بەس - مۇنازىرلەرنى جانلاندۇردى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى سەلبىي قاراشلاردا ئەردوغاننى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق دەۋاسىنى ساتقانلىق ۋە تېررورلۇققا باغلاش بىلەن ئەيىبلەش بىر قەدەر ئېغىر بولغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نەزىرىدە ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى ئىجابىي نەتىجىلەر بىلەنمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشكە بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيەدىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچى، ژۇرنالىست ئازادجان بۇغرا ئەپەندى ئەردوغاننىڭ بۇ قىتىملىق زىيارىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق دەۋاسىنى تونۇتۇشتا پەۋقۇلئاددە رول ئوينىغانلىقى ۋە خىتايلار بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە مۇھىم ماددىغا ئايلىنىۋاتقانلىقتەك تارىخىي قىممەتكە ئىگە ئىلگىرىلەش دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ بۇ قىتىملىق زىيارىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇشى، جۇمھۇر رەئىس سەۋىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى سۆھبەت بولۇپ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ موھىم بىر مەسىلە سۈپىتىدە گەۋدىلىنىشى ئۈچۈن بېسىلغان مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇنجى قەدەم دېيىشكە بولىدىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر زىيارەتكە ئالاقىدار تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا يەر ئالغان سەلبىي پىكىرلەرنىڭ تىركىشىشلىرى شەخسىي ۋە پارتىيىۋى ئاداۋەتلىرىگە ئۇيغۇر دەۋاسىنى سۈيئېستىمال قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

ئازاتجان بۇغرا ئەپەندى ئەردوغاننىڭ تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك سۆز ئىپادىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنى تېررورلۇققا باغلىغانلىقىدەك كۆز قاراشلارنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام پارتىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك بايانلار ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ قىتىملىق سۆھبەت ئىسلام تارىخىدىكى ھۇدەيبىيە سۆھبىتىگە ئوخشاش، زىيانلىق كۆرۈنگەن پايدىلىق سۆھبەتتۇر.

ئازاتجان بۇغرا ئەپەندى يەنە بۇ قىتىملىق ئەردوغان زىيارىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئالاھىدە مۇزاكىرە قىلىنىشىدىن، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارادا تونۇلۇشىدىكى رولىغا سەل قارىماسلىققا ئىشارە قىلدى.

ئۇ يەنە مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز داۋاسىغا ئىگە چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ سەزگۈر بولۇشىنى ۋە قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى ۋە ئەھمىيەت بىرىشى لازىملىقى ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.