دوكتور ئەركىن ئەكرەم: تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ ھەمكارلىقى ئۇيغۇرلارغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-12-26
Share
erkin-ekrem-qerindashliq-uchrishish.jpg دوكتور ئەركىن ئەكرەم 6-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىندا سۆز قىلدى. 2014-يىلى 5-ئاۋغۇست، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

تۈركىيەنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىللىق سۈرىيە سىياسىتى ئۆكتىچىلەرنى قوراللاندۇرۇپ، ئەسەد ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئاساسىغا قۇرۇلغان ئىدى. لېكىن تۈرك ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە رۇسىيە، ئىران بىلەن موسكۋادا ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، ئىران ۋە رۇسىيە بىلەن سۈرىيەدىكى تېررورلۇق كۈچلەرگە قارشى ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ 3 دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتىدا، ئەل-نۇسرا دائېش بىلەن بىردەك يوقىتىلىدىغان تېررورلۇق گۇرۇھ دېيىلگەن. بۇ تۈركىيەنىڭ ئەل-نۇسرانى تۇنجى قېتىم ئاشكارا تېررورلۇق گۇرۇھ، دەپ قوبۇل قىلىشىدۇر. ئورتاق باياناتتا يەنە، بۇ 3 دۆلەتنىڭ ئەسئەد ھۆكۈمىتى بىلەن قانۇنلۇق ئۆكتىچى گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدا ئىمزالىنىدىغان كېلىشىملەردە كاپالەتچىلىك رولىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ تۈركىيەنىڭ سۈرىيە سىياسىتىدە 180 گرادۇسلۇق بۇرۇلۇش بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تۈركىيە نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سۈرىيە سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدى؟ ئۇنىڭ سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىش ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

بىز بۈگۈن تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ ئەركىن ئەكرەم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت