ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش يالغۇز نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ «ئالتۇن ئاچقۇچى» مۇ؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016.04.19
ichkir-olkilerge-yotkiliwatqan-uygur-qizlar-305 خىتاي ئىچكى ئۆلكىلىرىگە ئەمگەك كۈچى قىلىنىپ يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلار. 2010-يىل
RFA

خوتەن ۋىلايىتى ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نامراتلىق ئەڭ ئېغىر رايون. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، خوتەن ۋىلايىتىدە نامراتلار نوپۇسى 700 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ھۆكۈمەت بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ۋىلايەت بويىچە 244 نامرات كەنتنى «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر» سىياسەتلىرىنى قوللىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرماقچى ئىكەن. ئىنكاسلار ۋە ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش» بولسا نۆۋەتتە يەنىلا بۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى «ئالتۇن ئاچقۇچلۇق تەدبىر» سۈپىتىدە يولغا قويۇلماقتا.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇرلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدە سىرتلارغا يۆتكەشنىڭ ئەمەلىيەتتە نامراتلارنى يۆلەش نامىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش»، «مىللەتلەر ئارىلىشىپ ياشاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش» تەك چوڭ سىياسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەدبىر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

خوتەن ۋىلايىتى يېقىندا «13-بەش يىللىق» نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى ۋە نىشانى بويىچە، ۋىلايەتتىكى 244 نامرات كەنت ۋە 133 مىڭ 824 ئاھالە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلىدۇ دەپ بىلدۈرگەن ئىدى. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىق قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش پىلان ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، خوتەن ناھىيىسى بۇ يىل 1-پەسىلدە 28 مىڭ 641 ئادەم (قېتىم) ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ، بۇ يىللىق ۋەزىپىنىڭ 37.6% ئىنى ئورۇنلاپ، بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلدىكىدىن 16.7% ئاشۇرغان. ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ياردىمىدە، ۋىلايەت ئىچىدە 19 مىڭ 133 ئادەم قېتىم ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكىگەن. ئاپتونوم رايون ئىچىدە 4756 ئادەم قېتىم، ئىچكى ئۆلكىلەرگە 4752 ئادەم قېتىم ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكىگەن.

خوتەن ۋىلايەتلىك مەھكىمىنىڭ تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردە، كەنتلەردىكى ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى كۆپەيتىشنى تېزلىتىشنىڭ نۆۋەتتىكى چوڭ بىر مەسىلە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، كەنتتە تۇرۇۋاتقان خىزمەت گۇرۇپپىسى، ھەر قايسى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارلىرى يىل ئاخىرىغىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر» بويىچە يېزا، كەنت كادىرلىرىنىڭ ھەر بىرى بىر نامرات ئائىلىنىڭ بېيىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتەك ھۆددىگەرلىك تۈزۈمىنى ئورناتقان.

خوتەن ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان ئايال، نۆۋەتتە كەنتلەرگە چۈشكەن كادىرلارنىڭ ئاساسەن ئائىلىلەردىكى ئىشسىز ياشلارنى تىزىملاش ئىشلىرىنى جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2010-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇل ئەسلىھە، ئېكولوگىيىلىك قۇرۇلۇش، بايلىقنى ئېچىش، سانائەتلەشتۈرۈش ۋە كەسىپ تەرەققىياتى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە كىرىپ، زاۋۇت، كارخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى زور ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ھالبۇكى نۆۋەتتە خوتەننىڭ نامرات نوپۇسى يەنىلا 700 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە نامرات نوپۇسنىڭ 27% نى ئىگىلەيدۇ، بۇ ۋىلايەتتە نامراتلارنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى 40% كە يەتكەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش، تەربىيىلىنىش، سەھىيە قاتارلىق زىددىيەتلەر گەۋدىلىك بولماقتا ئىكەن.
دائىرىلەر يەنە كان كارخانا، كەسپىي ئورۇن، شىركەتلەر كاسسىرلىق، بوغالتىرلىق، ماشىنىسازلىق، ئاپتوموبىل رېمونتچىلىقى، كەپشەرلەش، كومپيۇتېر تېخنىكىسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەمەلىي ئىقتىدارى بار ئىختىساس ئىگىلىرىگە بەكرەك ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە يەنە «ئىختىساسلىقلار قوشۇنى جەھەتتە، خوتەن يېزا-بازار مەمۇرى خادىملىقىغا قوبۇل قىلىشتا ئالاھىدە سىياسەت تۈزۈپ، نۇقتىلىق ھالدا شۇ جاي نوپۇستىكى خادىملىرىغا يۈزلىنىپ، قوبۇل قىلىش شەرتىدە كەڭچىلىك قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورگانلاردىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ بىر تۈركۈم جىددىي ئېھتىياجلىق كەسپىي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىشىنى قوللاپ، ھەمدە خوتەن سانائەت رايونى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى بىلەن ئوخشاش ئىختىساسلىق خادىملار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى ئىلىپ قالىدۇ» دېگەنلەر كۆرسىتىلگەن ئىدى.

يېقىندا خوتەن ناھىيىسىدىكى مەلۇم بىر يېزىدىن دەم ئېلىشقا چىققان بىر كەنت كادىرىنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، گەرچە جايلارغا ئېچىلىۋاتقان خىتاي قۇرۇلۇش شىركەت كارخانىلىرىنىڭ ھەر قېتىملىق خادىم تەكلىپ قىلىش يىغىنلىرى ئاز بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارغا ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەنلەر ئاز ئۇچرايدىكەن، ئىش ئىزدىگۈچىلەر سانى كۆپ بولسىمۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئادەم ئېلىش ئېھتىياج، تەلىپىگە ماس كەلمىگەنلىكىنى باھانە قىلىۋالغاچقا، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى بەكلا ئاز بولماقتا. مەكتەپ پۈتتۈرۈپ كەلگەن ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلار ئاچقان شىركەت كارخانىلاردىن خىزمەت پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك كارخانىلارنىڭ سانى ھەم كۆلىمى چەكلىك بولغاچقا،بارغانچە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىشسىز ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى يالغۇز ئۇنىڭغا تايىنىپلا ھەل قىلىش ئىنتايىن تەس، ئامالسىز قالغان ياشلار خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە بېرىشقا تەۋەككۈل قىلىشتىن باشقا چارە قالمىغان.

بۇ بوۋاي، ئىشسىز ياشلارنىڭ نىسبىتىنىڭ يىلدىن-يىلغا يۇقىرى بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى «ھازىر نوپۇس كۆپ، يەر ئاز، زاۋۇت، كارخانىلار دېھقانچىلىق يەرلىرىنى ئىگىلىۋالدى، ياشلارغا تېرىدىغان يەر ئازلىماقتا، قىلاي دېسە ئىشمۇ يوق، ئىش نەدە بولسا شۇ يەرگە بارىدىغان گەپ، بۇ يەردە ئىش بەرمىسە، پۇل بولمىسا، جان باقالمىسا، ئىچكىرىگە چىقماي باشقا نېمە ئامال.....»

ئامېرىكىدىكى سىياسىي كۆزەتكۈچىلەردىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 10 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشتۇرۇپ يولغا قويۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا ئۆز ماكانىدىن تىل ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىپ، خىتايغا تارقاقلاشتۇرۇش سىياسىتى بولسا ئۇنىڭ نارازىلىقلارغا سەۋەب بولغان خاتا سىياسىتىنىڭ بىرى. گەرچە شياۋگۇەن ۋەقەسىدەك، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدەك پەۋقۇلئاددە زور ۋەقەلەر بۇ سىياسەتنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرسىمۇ، ھەتتا خىتاي بۇ سىياسىتى سەۋەبلىك خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلارنىڭ تەنقىدلىرىگە ئۇچراپ كەلسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى يەنىلا ھەر خىل ۋاسىتە ھەم ناملاردا داۋاملاشتۇرماقتا.

ئۇنىڭ قارىشىچە،خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسىتىنى نۆۋەتتە خوتەندىكى نامرات ئۇيغۇرلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچلۇق تەدبىرى سۈپىتىدە كۈچەيتىپ داۋام قىلىشى بولسا، يەنە شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىپ ياشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.