شائىر ئەخمەتجان ئوسمان: ئۇيغۇر ۋەزىيىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئېتىراپ قىلىش-قىلماسلىقىغا باغلىق

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014.05.29
urumchi-partlash-saqchi-kocha.jpg 22-ماي ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئۈرۈمچى كوچىلىرىغا توشۇپ كەتكەن ساقچى ئاپتوموبىللىرى . 2014-يىلى 23-ماي.
Oqurmen teminligen

28‏-ئاپرېل، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 2‏-قېتىملىق «شىنجاڭ سۆھبەت يىغىنى» چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئىلى ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى مۇھىم قارارلارنى چىقارغان. بىراق، يىغىن مەزمۇنىنىڭ تولۇق تەپسىلاتى ئېلان قىلىنمىدى.

بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، يىغىندا، بېيجىڭنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنىڭ توغرا ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتىنى داۋاملىق قاتتىق باستۇرۇش نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە، دەپ كۆرسىتىلگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق، ئۇيغۇر-خەنزۇ ئارىلىشىپ ياشاش، قوش تىللىق مائارىپنى داۋاملىق ئالغا سۈرۈش، دىنىي باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، لېكىن دىنىي ئۆرپ-ئادەتلەرگە ھۆرمەت قىلىش، ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تەربىيىلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرىدىكى ئۆلكىلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەشۋىق قىلىش، تولۇق ئورتا مائارىپىنى پۇلسىز يولغا قويۇش قاتارلىق بىر قاتار قارارلارنى چىقارغان.

بۇ قېتىمقى يىغىن ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتى كۈچىيىپ، ئۈرۈمچى ۋوگزال ھۇجۇمى، شىمالىي باغچە يولى«ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى» قاتارلىق بىر قاتار ۋەقەلەر يۈز بەرگەن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتى ئۇيغۇر ئىلىغا بۇرالغان نازۇك مەزگىلدە چاقىرىلغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز، كانادادا ئولتۇرۇشلۇق ئاتاقلىق شائىر ئەخمەتجان ئوسمان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئەخمەتجان ئوسمان، خىتاي ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.