«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 23 يىللىق خاتىرىسىدىكى ئەسلىمىلەر (3)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020-02-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2017-يىل 5-فېۋرال، كانادا.
5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2017-يىل 5-فېۋرال، كانادا.
RFA/Gülshen

6-فېۋرال غۇلجادا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئابدۇكېرىم ھەققىدىكى ئەسلىمە

«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ شاھىتلىرىدىن 1997-يىلى غۇلجا شەھىرىدە ساقچى بولۇپ ئىشلىگەن، نۆۋەتتە كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى بەختىيار شەمسىدىن ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا ئۆزى كۆرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە ئەسلىمە تەقدىم قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1997-يىلى 6-فېۋرال كۈنى بالىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ئاتا-ئانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن خەلق غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئالدىغا يىغىلىپ، تۇتقۇندىكى بالىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما خىتاي ساقچىلىرى دەرۋازا ئالدىغا يىغىلغان ئاممىغا قارىتىپ ئوق چىقارغان. شۇ كۈنى نەق مەيداندا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارغا ئوق تېگىپ، يارىلىنىش، ھەتتا ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن.

نورۋېگىيەدىكى ئابدۇقاھار ئەپەندى بۇنىڭدىن 23 يىل ئىلگىرى، يەنى 1997-يىلى 6-فېۋرال كۈنى غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئالدىغا يىغىلىپ، ئالدىنقى كۈنىدىكى نامايىشتا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى.

ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 1997-يىلى 6-فېۋرال كۈنى غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئالدىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارغا ئوق چىقىرىش ۋەقەسىدە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئەھۋاللارنى بايان قىلدى.

ئابدۇقاھارنىڭ بايان قىلىشىچە، 6-فېۋرال كۈنى غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئالدىغا يىغىلغان كىشىلەر ساقچى ئىدارىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىنالارغا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان قوراللىق ساقچىلارنىڭ تەرەپ-تەرەپتىن ئوققا تۇتۇشىغا ئۇچرىغان.

شۇ كۈنى ئوق تېگىپ يارىلانغانلار ئارىسىدا ئابدۇقاھارنىڭ ئەينى چاغدا 20 ياشتىن ئەمدىلا ئاشقان نەۋرە ئىنىسى ئابدۇكېرىمگىمۇ ئوق تەككەن ئىكەن. يارىلانغان ئابدۇكېرىم شۇ كۈنى بىرقانچە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما دوختۇرخانىلار يارىدارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. دەل ۋاقتىدا داۋالاش كېچىكتۈرۈلگەچكە ئابدۇكېرىمنىڭ ئوق تەگكەن سول كۆكرىكىدىن كۆپ مىقداردا قان ئېقىپ كەتكەن. نەتىجىدە ئابدۇكېرىم 6-فېۋرال كۈنى ۋاقتىدا داۋالىنالماي بىرقانچە سائەتتىن كېيىن جان ئۈزگەن.

1997-يىلىدىكى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» مەزگىلىدە غۇلجادا دوختۇر بولۇپ ئىشلىگەن، ئەمما نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىرەيلەننىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دە ئوق تېگىپ يارىلانغانلار دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما دوختۇرخانا رەھبەرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جازالىشىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن يارىلانغانلارنى تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىگە قوبۇل قىلىشنى كېچىكتۈرگەن. بۇنداق ئەھۋاللار غۇلجادىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك كۆرۈلگەن. ئەمما ئۇ شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۇيغۇر دوختۇرلارنىڭ دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ كېلىنگەن يارىدارلارنى قۇتقۇزۇپ، دوختۇرغا خاس تېببىي ۋە ئىنسانىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

5-فېۋرال شاھىتلىرىنىڭ ئەسلىمىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 5-6-فېۋرال كۈنلىرى ئوق تېگىپ ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ دەپنە مۇراسىملىرى 7-فېۋرال كۈنى غۇلجا شەھىرى ۋە غۇلجا ناھىيەسىدىكى بىرقانچە جايدا قوراللىق ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن. ئەمما مېيىت نامىزىغا قاتناشقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ سانى يەنىلا ناھايىتى كۆپ بولغان.

شاھىتلاردىن ئابدۇقاھار ئەپەندى 7-فېۋرال كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن نەۋرە ئىنىسى ئابدۇكېرىمنىڭ قوراللىق ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن مېيىت نامىزى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ ئەگەر شۇ كۈنى نامازغا قاتناشقان يۇرت چوڭلىرىنىڭ نەسىھىتى ۋە توسۇشى بولمىغان ئەھۋالدا مېيىتنى ئۇزىتىپ قەبرىستانلىققا چىققان غۇلجا ياشلىرى بىلەن خىتاي قوراللىق ساقچىلىرى ئارىسىدا يەنە بىر قېتىملىق قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

6-فېۋرال يۈز بەرگەن ئابدۇكېرىم ئىسىملىك ئۇيغۇر ياشنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى ئەينى ۋاقىتتا غۇلجادىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلار ئارقىلىق تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىلغان. يەنى بۇ ۋەقە «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ قانلىق باستۇرۇلۇشى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئەنگلىيە BBC ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغانلىقى مەلۇم.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت