خائىنلىق ۋە ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان زىيىنى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2013.10.26
Nur-bekri-Urumchi-Basturush-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﻧﯘﺭ ﺑﻪﻛﺮﯨﻨﯩﯔ 6 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺷﺎﯞﮔﯜﻩﻥ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﯞﻩ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
http://news.cctv.com

 

قەدىمدىن ھازىرغىچە «خائىن» سۆزى مىللەتكە ۋە ۋەتەنگە ئاشكارا ھەم يوشۇرۇن ئاسىيلىق قىلىپ كەلگەن كىشئىلەرگە قارىتىلىپ كەلگەن بىر ئاتالغۇ بولۇپ، ھازىرقى كۈندە ئۇنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ كەتكەن.
زامانىمىزدا «خائىن» سۆزى ۋەتەن ۋە مىللەتكە ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاننىڭ سىرتىدا، مۇناپىقلارنى، چېقىمچىلارنى، ئۆز مىللىتىنىڭ زىيىنىغا چاپىدىغان غالچىلارنى، ساتقۇنلارنى ۋە ھەقىقەتكە كۆز يۇمغۇچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
خائىنلار ۋەتەن ۋە مىللەتنى غاجايدىغان چاشقانلار، مىللەتنىڭ گۆركارى، خەلقنىڭ قېنىنى يوشۇرۇغۇچى، ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ بېشىنى بېسىمدارلارغا سۇنغۇچى ئەبلەخلەردۇر. ئۇيغۇر مىللىتىدىكى خائىنلار تەبىقىسى زور كۆپچىلىك يازغۇچىلار ۋە شائىرلارنى، قارا قورساق، جان باقار موللىلارنى، ھوقۇق بىلەن مەنسەپ ئۈچۈن ھەر نەرسىسىدىن كېچىدىغان ئاچكۆز ئەمەلدارلارنى، مەنسەپ تەمەسىدە ئۆز مىللىتىنى سېتىشنى كەسىپ قىلىۋالغان غالچىلارنى ۋە ئىشچى، خىزمەتچى، دېھقانلار قاتلىمىدىكى بىر قىسىملارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
خائىنلىق - تېگى پەسلىكتۇر
20 - ئەسىرنىڭ مەشھۇر ئىسلام مۇتەپەككۇرى ئەللامە مۇھەممەد غەززالى خائىنلىق ۋە ئۇنىڭ رەزىللىكى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان:«خائىنلىق بىر خىل رەزىل قىلمىش. ئۇنى مەنىۋىيىتى بۇلغانغان، روھى كور، نەپسانىيەتچىلىك ئىدىيىسى كۈچلۈك، ئىنتايىن پەس ئادەملەر سادىر قىلىدۇ. ئىسلام نەزىرىدە خائىنلىقنىڭ گۇناھى مۇناپىقلىق ۋە كاپىرلىقنىڭ گۇناھىدىن ئېغىر ئىكەنلىكىدە شەك يوق. قۇرئان كەرىمىدە:«خىيانەتكە ئادەتلەنگەن، گۇناھقا چۆمگەن كىشىنى ئاللا ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ» دەپ كەلگەن. بىر ھەدىستە: «ئاللا بىرەر بەندىسىنى ھالاك قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭدىن ھايانى سۇغۇرۇپ ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن ھايا سۇغۇرۇپ ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ھەر كىمنىڭ نەپرىتىگە ۋە غەزىپىگە لايىق بىرى بولۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭدىن ئامانەت يوقىلىدۇ، ئۇنىڭدىن ئامانەت يوقالغاندىن كېيىن، ئۇ ھەمىشە خىيانەت قىلىدىغان خائىنغا ئايلىنىپ قالىدۇ، ئۇ خائىنغا ئايلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن رەھىم _ شەپقەت يوقىلىدۇ، ئۇنىڭدىن رەھىم _ شەپقەت يوقالغاندىن كېيىن، ئۇ كىشى لەنەتكەردىگە ئايلىنىدۇ، ئۇ لەنەتكەردى بولغاندىن كېيىن، ئىمان ئۇنىڭدىن چىقىپ كېتىدۇ» دەپ كەلگەن. خائىنلار مەيلى ئۆزىنىڭ قوۋم - قېرىنداشلىرى، مەيلى ئۆزلىرى ئىشلىگەن خوجايىنلىرى تەرىپىدىن ھەرگىزمۇ ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيدۇ. چۈنكى خائىن - مىللىتىدىن تانغان تۇزكور بولغانلىقتىن، ئۇنى باشقىلار ئەمەس، ئۆزىنىڭ قوۋم - قېرىنداشلىرىمۇ سۆيمەيدۇ. ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىدۇ. مۇنداق خائىنلارنى ئىشلەتكەن خوجايىنلىرىمۇ ئۇلارغا ئىشەنچ قىلمايدۇ، سۆيمەيدۇ، ۋاپا قىلمايدۇ، ئاخىرى ئۇلارنى ئۇجۇقتۇرۇپ تۈگىتىدۇ. چۈنكى ئۆزىنىڭ قوۋم - قېرىنداشلىرىدىن تانغان، ئۇلارنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئىشلىگەن خائىنلارنى ئىشلەتكەن خوجايىنلارمۇ ئۇلارنىڭ ۋاپاسىزلىقىنى، تۇزكورلۇقىنى، ۋاقتى كەلسە خوجايىنلىرىنىمۇ سېتىپ قويىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ - دە، ئۇلارغا ۋاقتىنچە ئىنئاملارنى قىلىپ تۇرۇپ خىزمەتلىرىگە سېلىپ بولۇپلا ئۇلاردىن قۇتۇلۇشنىڭ كويىغا كىرىدۇ. دۇنيادا خائىندەك پەسكەش، زىيانكار، نومۇسسىز ۋە ئەخمەق مەخلۇق بولمىسا كېرەك. چۈنكى ئۇ مىللىتىنىڭلا ئەمەس، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ گۆرىنى كولايدۇ ئەمەسمۇ؟!»
ئۇيغۇرلاردىن چىققان خائىنلارنىڭ زىيىنىمۇ ئاز بولمىغان
مەرىپەت تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ بىرىدە، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بىرىنىڭ مۇنداق دەپ يازغانلىقى قەيت قىلىنغان: «مۇناپىقلىق ئەنە شۇنداق تېگى پەسلىك ۋە ئۇچىغا چىققان رەزىللىكتۇر. ئۇيغۇر مىللىتىدىن چىققان، تېگى پەس، رەزىل خائىنلارنىڭ خەلقىمىزگە سالغان زىيانلىرى ئاز بولمىغان. مەسىلەن: مىلادىيە 8 - ئەسىردە ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ يىمىرىلىپ تاشلىنىشىغا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ سارىيىدىكى بىر قىسىم خائىن، مۇناپىقلارنىڭ پۈتۈن مەخپىيەتلىكلەرنى قارشى تەرەپكە يەتكۈزۈپ قويۇش ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىگە خىيانەت قىلغانلىقى سەۋەب بولغان. شۇنداقلا سەئىدىيە خانلىقىنىڭ يىمىرىلىپ قالماقلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشىدىمۇ، مەنسەپ تەمەسىدە دۈشمەنگە سېتىلىپ كەتكەن ئاپئاق خوجا باشچىلىقىدىكى مۇناپىقلارنىڭ خائىنلىقى ئاساسلىق رول ئوينىغان. ھازىرمۇ بۇ خىلدىكى مۇناپىقلارنىڭ خەلقىمىزگە بولغان زىيانكەشلىكى داۋام قىلماقتا.
ھازىرمۇ بېسىمدارلارنىڭ ئازراق ئىنئامىغا ئالدىنىپ ئۆز خەلقىنى ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىدىغان، قورسىقى يوغىناپ قالغان ئاياللارنى پىلانلىق تۇغۇتنىڭ غالچىلىرىغا چېقىپ قويىدىغان، بىرەر ئادەمنىڭ بالىلارنى ئاللاھنى ۋە رەسۇلۇللاھنى تونۇتقانلىقىنى بىلىپ قالسا ساقچىلارنى باشلاپ كېلىدىغان، خەلقىم، مىللىتىم دېگەنلەرنىڭ كاللىسىنى زالىملارغا سوۋغات قىلىدىغان ھايۋان مىجەز خائىنلار، ساتقۇنلار ۋە مۇناپىقلار ئاز ئەمەس.»
چېقىمچىلىق ۋە ئۇنىڭ خەتەرلىرى
چېقىمچىلىق __ بىراۋنى زىيانغا ئۇچرىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەققىدە باشقىلاردىن ئاڭلىغان بىر - ئىككى ئېغىز گەپنى، يالغان سۆزلەر بىلەن كۆپتۈرۈپ قارشى تەرەپكە ئاڭلىتىش يالغانچىلىقى بولۇپ، خائىنلىقنىڭ بىر تۈرىدۇر. بۇ ئادەتتىكى گەپ توشۇشتىن پەرقلىق جىنايەتتۇر. چۈنكى گەپ توشۇش مەقسەتسىزمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمما چېقىمچىلىق رەزىل مەقسەتلەر ئارقىسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنداق چېقىمچىلىق شۇ ئىنساننىڭ نىيىتى بۇزۇق، روھى كېسەل، بىپەرۋا ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
بىر قېتىملىق چېقىمچىلىقنىڭ سەۋەبى بىلەن دوستلار ۋە ئائىلىلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆچمەنلىك پەيدا بولۇپ، بەختنىڭ ئاساسى بولغان خاتىرجەملىك، ئىناقلىق بۇزۇلىدۇ. ئىجتىمائىي ھاياتتا چېقىمچىلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى __ چېقىمچىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماسلىق، ياكى ئىشەنمەسلىكتۇر. چېقىمچىنىڭ يامان ئاقىۋىتى توغرۇلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى بىر كىشىنىڭ باشقىلار ئاڭلاپ قېلىشىنى ياقتۇرمايدىغان سۆزىنى ئاڭلىتىپ قويىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقىغا قوغۇشۇن قويۇلىدۇ»(1) دەپ كۆرسەتكەن.
مەسچىتلەرگە كىرگەن ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى چېقىپ قويۇش، ئېغىر ئاياق ئىكەنلىكى بىلىنىپ قالغان ئاياللارنى دەرھال مەلۇم قىلىش، قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ چىققانلارنى تىزىملاش، ياراتقۇچىسىنى تونۇش يولىدا مەخپىي ھالدا دىنىي بىلىم ئوقۇغانلارنى ساقچىلارغا مەلۇم قىلىپ تۇتۇپ بېرىش قاتارلىق خائىنلىق تۈرلىرىنى سادىر قىلىدىغانلار خوجايىنلىرى تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئازغىنە ۋاقىتلىق ئىنئاملارغا سېتىلىپ، ئۆز مىللىتىنى قۇرۇتۇش يولىغا كىرگەن مەلئۇنلاردۇر. مۇنداق مەلئۇنلار ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ھەممە قاتلاملىرىدا تولۇپ تاشماقتا. مۇنداقلاردا ئازراق بولسىمۇ ئىمان ۋە ۋىجدان يوقمىدۇ؟ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ قوۋم - قېرىنداشلىرىنى سېتىشتىن توسىدىغان كىچىككىنە بولسىمۇ ئادىمىيلىك غۇرۇرىمۇ قالمىغانمىدۇ؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتىنى ھېس قىلمامدىغاندۇ؟!

 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.