خىتاينىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ۋەكىل تەيىنلىگەنلىكى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2021.06.18
خىتاينىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ۋەكىل تەيىنلىگەنلىكى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى دوكتور يۈسۈف ئەل-ئۇسەيمىن بىلەن خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى باش ئەلچىسى چېن ۋېيچىڭ جىددەدە ئۇچراشقان كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 13-ئىيۇن، سەئۇدى.
oic-oci.org

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا بىر ۋەكىل تەيىنلىگەن بولۇپ بۇ توغرىدا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەسمى تور بېتىدە خەۋەر بېرىلگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئىسلام ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر يۇسۇف ئەل-ئۇسەيمىن 13-ئىيۇن كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھرىدىكى كاتىباتلىق مەركىزىدە خىتاينىڭ سەئۇدىي ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېن ۋېيچىڭنى قوبۇل قىلغان.

خىتاينىڭ باش ئەلچىسى چېن ۋېيچىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىغا خىتاينىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا رەسمىي ۋەكىل تەيىنلىگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ھۆججەتنى بەرگەن.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدىكى بۇ خەۋەردە ئىككى تەرەپ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكلاتى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىسىدا ئوخشىمىغان ساھەلەردە ھەمكارلىقنى تەرەققى قىلدۇرۇش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقى ۋە ھەر ئىككى تەرەپ ئوزئارا ئەندىشە قىلىۋاتقان بىر قاتار مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كونكىرېت زادى قايسىي مەسىلىلەردە ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىگەن.

خىتاينىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ۋەكىل تەيىنلىگەنلىكى نېمىدىن دىرەك بېرىدۇ؟ خىتاي مۇسۇلمان دۆلەت ئەمەس تۇرۇقلۇق قانداق بولۇپ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ۋەكىل تەيىنلىيەلەيدۇ؟ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى نېمىنى كۆزدە تۇتۇپ خىتاينىڭ ۋەكىلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ؟ بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا سەلىبىي تەسىرى بولامدۇ؟

بىز بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇپ «قۇرئان كەرىم» نى كۆيدۈرگەن، مەسجىدلەرنى چېقىۋەتكەن ۋە ئۇنى تانساخانىغا ئايلاندۇرىغان، شۇنداقلا ئىسلامنىڭ دۈشمىنى بولغان خىتاينىڭ دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا ۋەكىل تۇرغۇزۇشىنىڭ ئاچچىق بىر تراگېدىيە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي پىرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلمىغانلىق بىلەن ئەيىبلىدى. ئۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ۋەكىلىنى قوبۇل قىلغانلىقى توغرىسىدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى نامىدىن نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ۋەكىل تەيىنلەش ئارقىلىق بۇ تەشكىلاتتا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم يەنە خىتاي دۇنيا نۇپۇسىنىڭ خېلى كۆپ سالمىقىنى ئىگىلەيدىغان ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۈچىدىن پايدىللىنىپ، ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرۇشنى كۆزلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ۋەكىل تەيىنلىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ئىسلام دۇنياسى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسلام دۇنياسىمۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا ۋە مەبلەغ سېلىشىغا مۇھتاج ھالەتتە ئىكەن. مۇسۇلمان دۆلەتلىرى غەرب ئەللىرىنىڭ بېىسىملىرىغا قارشى خىتايدەك بىر دۆلەتنىڭ ئۆز يېنىدا تۇرۇشنى خالايدىكەن.

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ ئوتتۇرا-شەرق ۋە شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادا ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى مۇسۇلمانلارنىڭ قولى ئارقىلىق كۈچەيتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، يىغىپ ئېيتقاندا، خىتاي ھەم ئامېرىكاغا تاقابىل تۇرۇش ھەم ئوتتۇرا-شەرقتە ئۆزىنىڭ تەسىرىنى تىكلەپ، ئۇيغۇرلارنى ئىسلام دۇنياسىدىن ئايرىۋېتىش ئۈچۈن قەدەم بېسىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.