مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار جۇمە تاھىرنىڭ ئۆلۈمى ۋە ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە ئىنكاس قايتۇردى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014-07-31
Share
jume-tahir-damolla-heytgah-305.jpg ھېيتگاھ جەمىئەسىنىڭ سابىق خاتىبى جۈمە تاھىر
Photo: RFA


30 - ئىيۇل سەھەر بامدات نامىزىدىن كېيىن قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى ئاشكارا بولغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى تۈرلۈك ئىنكاسلاردا بولدى.

بىز جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى ۋە دىنىي ساھەدىكى زىيالىيلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلىرىنى ئېلىشقا تىرىشتۇق.

قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، كىچىكىدىن تارتىپ جۈمە تاھىرنىڭ كىملىكىنى بىلىدىغان، نۆۋەتتە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان دىنىي زىيالىي ھۈسەنجان قارىم ئۆزى بىلگەن ۋە ئاڭلىغان ئەھۋاللارنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا تەقدىم قىلدى. ئۇ جۈمە تاھىرنىڭ 1995 - يىللىرىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۇمىتى تەرىپىدىن نۇقتىلىق پايدىلىنىشقا باشلىغان كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، 1990 - يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدا جۈمە تاھىر بارىن ئىنقىلابى، غۇلجا فېۋرال ۋەقسى ھەمدە خوڭكوڭنىڭ خىتاي تېررىتورىيەسىگە قايتۇرۇلۇشى قاتارلىق زور ۋەقەلەردە «دىنىي زات» بولۇش سالاھىيىتى بىلەن خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتچىسى بولۇپ ۋەز ئېيتقان. قەشقەر خەلقى ئۆز ۋاقتىدىلا ئۇنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ يەتكەن. قەشقەر ياشلىرى ھەتتا ئۇنى بىر قېتىم تاھارەت ئېلىۋاتقان يېرىدىن تۇتۇپ ھاجەتخانىغا تاشلىۋەتكەن.

تۈركىيەدە ئولتۇرۇشلۇق جامائەت ئەربابلىرىدىن ئابدۇلئەزىز ئەپەندى جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلۈمى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ جۈمە تاھىرنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ جارچىسى سۈپىتىدە «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس» نى خاتا شەرھىلەپ كەلگەنلىكىنى، بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئۆزىگە تېگىشلىك جازاسىنى تارتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن مەمەت توختى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، جۈمە تاھىردەك ئىنسانلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست دائىرىلىرىنىڭ ئىسلام دىنىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ئۇرۇنۇشىغا ھەمتاياق بولغان كىشىلەردىن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ھۇسەنجان قارىم جۈمە تاھىرنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە نەسەبى ھەققىدە قەشقەر خەلقى ئارىسىدا تارقالغان تۈرلۈك گۇمانلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇ جۈمە تاھىرنىڭ مەيلى چىراي - تۇرقى، ياكى روھىي ھالىتى ۋە ياكى ئۇيغۇر تىلى ئاھاڭى ھەم سۆزلەش ئۇسۇلى جەھەتتىن بولمىسۇن، گۇمانلىق تەرەپلىرىنىڭ كۆپلۈكىنى، ئۇنىڭ ئائىلە نەسەبىنىڭ سىرلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلۈمىگە نىسبەتەن ئۆز قاراشلىرىنى شەرھىلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ 1930 - يىللاردىكى ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللا ۋە 1990 - يىللاردىكى ھارۇنخان ھاجى قاتارلىق بېشىغا سەللە يۆگىۋالغان خىتايپەرەست شەخسلەر بىلەن بىر قاتاردىكى ئىنسان ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

مەككە مۇكەررەمدە ئولتۇرۇشلۇق دىنىي زىيالىيلاردىن سىراجىدىن ھاجىممۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ ئىسلام دىنىدا قارا - قويۇق ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە قان تۆكۈشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى، ئەمما جۈمە تاھىردەك ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي مەنپەئىتىگە زىيان كەلتۈرگەن كىشىلەرنىڭ ئۆز جازاسىنى تارتقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە باشقا بىرسى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت