ھەربىي مۇتەخەسسىس: بايدا گۇماندارلار ئارىسىدىكى ئانا، بالىلار ئوتچاچاردا ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015-11-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تونۇلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غۇجامبەردى. 2015-يىلى ئىيۇن، قازاقىستان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تونۇلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غۇجامبەردى. 2015-يىلى ئىيۇن، قازاقىستان.
RFA/Azad

خىتاي خەلق «ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى» باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنىڭ يوقىتىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرىدە، گۇماندارلارنىڭ ئوتچاچاردا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر ماۋزۇسىدا بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خەۋەرنىڭ تەپسىلاتىدا ئوتچاچار قوللىنىلغاندىن كېيىن 10 نەچچە گۇماندارنىڭ ئۆڭكۈردىن پىچاقلىق ھالدا ئېتىلىپ چىققانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

يەنى خەۋەردىن 28 گۇماندارنىڭ 10 نەچچىسىنىڭلا ئوقتا ئۆلگەنلىكى، قالغانلىرىنىڭ بولسا ئوتچاچار زەربىسىدىن ئۆڭكۈردە ئۆلگەنلىكى مەلۇم.

بۇ ھەقتە تەھلىل يۈرگۈزگەن ھەربىي مۇتەخەسسىس، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ پولكوۋنىكى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى، ئوتچاچار زەربىسىدە ئۆڭكۈردىن چىقالماي ئۆلگەنلەرنىڭ، گۇماندارلار ئارىسىدىكى ئانىلار ۋە بالىلار ئىكەنلىكى، ئۆڭكۈردىن قېچىپ چىقىپ قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ بولسا ئەرلەر ئىكەنلىكى پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ مۇلاھىزىسىنىڭ ئاخىرىدا، ئوتچاچار قوللىنىشنىڭ خەلقئارادا چەكلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى خىتاينىڭ گۇماندارلارغا قارىتا ئىجرا قىلغان بۇ كوللېكتىپ قىرغىنچىلىقى ئۈستىدىن ئالاقىدار خەلقئارا ئورگانلارغا ئەرز قىلىشقا دەۋەت قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىزنىڭ ھەربىي مۇتەخەسسىس قەھرىمان غوجامبەردى بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت