كۆزەتكۈچى ۋە شاھىتلار: خىتاي نېمىشقا مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئەندىشە قىلىدۇ؟

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.07.20
misirda-uyghur-tutqun-xitay-shi-jinping.jpg ھەجۋى رەسىم: خىتاينىڭ ئەزھەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قول سېلىشى. رەبەل پەپپەر، 2017-يىلى 13-ئىيۇل.
RFA

خىتاينىڭ مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تارقىتىۋېتىش ياكى ياندۇرۇپ ئەكېتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دىپلوماتىك كۈچىنى تولۇق ئىشقا سېلىشى، ھەتتا بەزى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆزىنىڭ ساقچى خادىملىرىنى مىسىرغا ئەۋەتكۈدەك دەرىجىدە ۋەزىيەتكە قول تىقىشى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە خىتاينىڭ مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئەندىشىسى ھەققىدىمۇ ئويلىنىشلارغا سەۋەب بولدى. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغانلاردىن بەزىلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىملىكىنى كۈچلەندۈرىدىغان ھەرقانداق بىر ۋەزىيەتكە پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرسە، بەزىلەر خىتاينىڭ ئۆزلىرى ئۇيغۇر خەلقىگە سالغان زۇلۇمىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇنىڭدىن ئۈچ ئايلار ئىلگىرىكى تېلېفون زىيارىتىمىز داۋامىدا، يوپۇرغا يەكشەنبە بازاردا چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن 17 كىشى ئۈستىدە قارا تىزىملىك چىقىرىلغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسىنىڭ مىسىردا ئوقۇۋاتقانلار ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى. ئاھالىلەر يەنە ئەزھەردە ئوقۇۋاتقان ئىبراھىم مەمەتنىڭ دادىسى ۋە ئاكىسىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولسا، ئۈرۈمچىدىكى ساقچىلار ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن دوكتور ھەبىبۇللا توختىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.

ئۇنداقتا خىتاينىڭ مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن ئەندىشىسىنىڭ يىلتىزى نېمە؟ بۇ سوئالىمىزغا سىياسىي كۆزەتكۈچى ۋە ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇغۇچىسى جېلىل تۇران ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «مەن مىسىردا ئوقۇۋاتقان چاغلاردا خىتاينىڭ بۇ دەرىجىدە بېسىمىنى ھېس قىلمىغان، چۈنكى ئۇ چاغدا سانىمىز ئاز ئىدى، خىتاينىڭ ئەندىشىسى، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سان جەھەتتىن كۆپىيىشى بىلەن باشلاندى. مەن ئوقۇۋاتقان چاغلاردىمۇ خىتاينىڭ نازارىتى بار بولغان بولۇشى چوقۇم، ئەمما كۆزگە چېلىققۇدەك بولغان ئەمەس.»

جېلىل تۇران ئەپەندى، خىتاينىڭ مىسىر ھەققىدىكى ئەندىشىسىنى، ئۇنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئەندىشىسىنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، مىسىرنى بويۇن ئەگدۈرەلىگىنى ئۈچۈن، بۈگۈن مىسىردىكى ئۇيغۇرلارغا قول ئۇزاتتى، مەقسىتى، باشقا جايدىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ تەھدىت سېلىش.

مىسىردا بىر يىلچە ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ۋە خىتاينىڭ قول تىقىشى بىلەن مىسىردىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ۋە نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇللا ئەپەندى، خىتاينىڭ مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئەندىشىسىنىڭ ئۆزگىچە سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بىرىنچى ئەندىشىسى، مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىن ئوقۇۋاتقان بولۇشى؛ ئىككىنچى ئەندىشىسى، مىسىردا توپلانغان ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ ئالاھىدە كۆپ بولۇشى، ئۈچىنچى ئەندىشىسى بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكەتلىرى كۈچلىنىپ مېڭىۋاتقان تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە يېقىن بولۇشى، تۆتىنچىسى بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ئۆزلىرى سالغان زۇلۇمىنىڭ تۇغدۇرۇش ئېھتىمالى بولغان ئاقىۋەتلىرى.

ئابدۇللا ئەپەندى، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەزگىلىدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنىۋاتقان چاغدىكى بىر دىئالوگنى مىسال ئېلىپ، دىكتاتورلارنىڭ ھەر ۋاقىت ئەندىشە ئىچىدە ياشايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى مىسىردىكى ئۇيغۇرلارغا قول سېلىشىنى بىر نۇقتىدىن ئۇنىڭ دىپلوماتىك كۈچى دەپ كۆرسەتسە، يەنە بىر نۇقتىدىن خىتاينىڭ ئاجىزلىقىنىڭ، ھەقسىزلىقىنىڭ يەنى ئۇيغۇر رايونىدىكى ھاكىمىيىتىنىڭ چۈرۈكلۈكىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.