مۇھاجىرەتتە سوئاللار

ئوبزورچىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2021.03.12
qeshqer-puqraliri.jpg ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﻣﯩﺰﻏﺎ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻳﯜﺯﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ.
RFA Photo

«بىرەر خۇشخەۋەر بارمۇ؟» دېگەن بۇ سوئالغا تولا دۇچ كېلىمەن دائىم. بۇنى ئادەتتە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن بولۇپ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە يېتىشىپ بولالمايدىغان، خەقنىڭ تىلىدىكى خەۋەرلەرنى چۈشىنىپ كېتەلمەيدىغان دوستلار دائىم سوراپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ مېنى بىر ئىشلارنى بىلىدۇ، بىز بىلمىگەن خەۋەرلەرنى ئاڭلىيالايدۇ، دەپ ئويلىشىغا ھېسداشلىق قىلساممۇ، يۈز كېلەلمەيمەن، چۈنكى مەنمۇ ھەرىكەتلەردىن خەۋەردار بولغان بىلەن نەتىجىدىن خەۋەر بېرىشكە ئاجىز، قىلىنىۋاتقان پائالىيەتنىڭ قاچان مېۋە بېرىشىنى ئاساسەن بىلمەيمەن. ھەر قېتىم تاكسى ھەيدەپ ھېرىپ، ئاشخانىدا ئىشلەپ چارچاپ، يۈك توشۇپ تېلىپ، تۇرمۇشنىڭ تۈگىمەس غەملىرىنى غەملەپ، ھاياتنىڭ ھودۇقتۇرغۇچى سىناقلىرىنىڭ بىرىنى ئاران تاماملاپ ئۆيىگە كېلىپ «ئۇھ» دەپ ئولتۇرغان دوستلارنىڭ «بىرەر خۇشخەۋەر بارمۇ؟» دېگەن سوئالىغا دۇچ كەلگەندە ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر كۈچسىزلىكىنى ھېس قىلىمەن.

مەن ئايالىم بىلەن توي قىلغان چېغىمىزدا ئۇنىڭ ئۆي ئېلىش تەلىپىگە قوشۇلمىغانىدىم. ئۇنىڭغا «خىتاي بەش يىلدا گۇمران بولىدۇ، بۇ توپراققا سېلىنغان ھەممە ئۆي بىزنىڭ، شۇڭا ئالمايمىز» دېگەنىدىم. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ خىتاينى دېوكراتىيەلەشتۈرىشى، ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ خىتاينىڭ بانكا سىستېمىسىنى ۋەيران قىلىشى قاتارلىق تېمىلاردىكى لېكسىيەم ئايالىمنى قايىل قىلغان ئىدى. مەسۇم ئايالىم ماڭا چوڭ ئىشلارنى بىلىدۇ، نېمە دېسە بىلىپ دەيدۇ، دۇنيانى، سىياسەتنى، خەلقئارا يۈزلىنىشنى ياخشى تەھلىل قىلىدۇ، دەپ ئىشىنەتتى. شۇڭا ماڭا ئىشەندى. بەش يىل تولدى، خىتاي كەتمىدى، ۋەيرانمۇ بولمىدى، ئەكسىچە تېخىمۇ زورىيىپ، زوراۋانلىشىپ كەتتى. ئۈرۈمچىدە ئۆينىڭ باھاسى نەچچە ھەسسە قاتلاندى. ئاخىرى ئۇنىڭغا خاتالاشقانلىقىمنى ئىقرار قىلدىم.

شۇندىن كېيىن دۇنيانى، ۋەزىيەتنى، كەلگۈسىنى تەھلىل قىلغاندا ئۆزۈمنىڭ ئارزۇسىغا ماس كېلىدىغان، مېنىڭ ئۈمىدىمنى كۈچلەندۈرىدىغان، دۈشمەننىڭ زىيىنىغا، مىللىتىمنىڭ پايدىسىغا ماس يېزىلغان ماقالە، كىتاب ۋە لېكسىيەلەرنى تاللاپ ئوقۇيدىغان ئادەتنى ئۆزگەرتتىم. چۈنكى مەن خىيالى دۇنيادا ياشاشنىڭ، دۇنيانى ئارزۇسىغا ئۇيغۇن رەڭلىك كۆزەينەكتە كۆرۈشنىڭ، ئۆزىنىڭ ئارمىنىغا ئېتىقاد قىلىشنىڭ بەدىلىنى ئايالىم ۋە قىزىمغا قوشۇپ ئۆتەتتىم. ئۈرۈمچىدە خىيالىغا ئىشىنىشنىڭ بەدىلىنى ئىجارە ئۆي ئىزدەپ دوقۇرۇپ، توختىماي ئۆي كۆچۈپ سوقۇلۇپ، خەقلەرنىڭ ئۆيىگە ۋاقىتلىق سىغىنىپ سىقىلىپ ئۆتىدىم. ئائىلەمنىڭ خاتىرجەملىكىنى خىيالىمنىڭ گۈزەللىكىگە قۇربان قىلدىم.

ئون يىلدىن ئېشىپتۇ. ئايالىمغا شۇ چاغدا بەرگەن «خىتاي بەش يىلدا گۇمران بولىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش ۋەدىنى ھېچكىمگە بېرىپ باقمىدىم. «بىزنىڭ ئىشىمىز قاچان ئوڭشىلار، تېڭىمىز قاچار ئاتار، بۇ قارا كۈنلەردىن قاچانمۇ قۇتۇلارمىز؟» دېگەن سوئاللارغا «بىزنىڭ يولىمىز ئۇزۇن، قېيىن ۋە كاتاڭلىق، شۇڭا سىز ئاۋۋال بۇ يولنىڭ قانداق قىلغاندا قابىل يولۇچىسى بولغىلى بولىدۇ، قانداق قىلسام بۇ يولدا باشقىلارنى كېچىكتۈرمەيمەن، يۈك بولمايمەن، دېگەنلەرنى كۆپرەك ئويلاڭ. خىتاينىڭ گۇمران بولۇشىنى سۈكۈتتە ساقلىغاننىڭ ئورنىغا ئەتە ئائىلەمنىڭ كۈنى نېمە بولار، ئۆزۈمنى قانداق باقارمەن، قورقماي قانداق ياشارمەن، خىتاينى قانداق قورقۇتارمەن، مېنى خىتايدا تۇرۇپ قورقۇتقانلاردىن قانداق قۇتۇلارمەن دېگەننى بىرىنچى بولۇپ ئويلاڭ» دېگەن جاۋابنى بېرىپ كېلىۋاتىمەن. ئۇلارنى ئۇيغۇرغا خەتەرلىك، پۇلى، سىياسىتى، جېنى ئاجىز دۆلەتلەردىن يىراق تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدىم.

«قاچان يول ئېچىلىپ كېتەر» دېگەنلەرگە «يول تاقىلىپ قالغان ئىش يوق يوقالدى. سىز كۆنگەن، ئېچىلىدۇ، دەپ ئارۇز قىلىۋاتقان يول پۈتۈنلەي خاراب بولدى. ئەمدى بىز ۋەتەنگە قايتىدىغان يولنىمۇ يولدا ماڭىدىغان قاتناشنىمۇ ئۆزىمىز ياساپ، ئۆزىمىز ھەيدەپ ياكى ساغلام چامداپ بارىمىز» دەيمەن.

«ۋەتەنگە قاچان كېتەرمىز» دېگەن سوئالنى سورىغۇچىلارغا «ۋەتەنگە تۇتاشقان يولىمىز پۈتكەندە، كېتىپ بىزنىڭ ئۇۋالىمىزغا قالغانلارنىڭ يۈزىگە قارىيالىغۇدەك يۈزىمىز بولغاندا، ئۇلارنى قۇتقۇزغىدەك قۇدرىتىمىز بولغاندا كېتىمىز» دەيمەن. قارشى تەرەپنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ بەزەن. بۇنداق چاغدا كۆڭۈل ياساش ئۈچۈن «سىز ۋەتەنگە كېتىشتىن ئاۋۋال خىتاينىڭ قەرزىگە دۈم چۈشكەن، خەلقى ھۆكۈمەتنى سايلىمايدىغان، ئىنساننىڭ ھۆرلۈكى، قانۇنى ھوقۇقى، مۈلكى، شەرىپى قوغدالمايدىغان، بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلمايدىغان دۆلەتلەردىن كېتىڭ، ھەممە نېمىسى مۇقىمسىز دۆلەتتىن ھېچ بولمىغاندا پۇلى بەش يىل مۇقىم توختايدىغان، ئۆزىنىڭ باج كىرىمى بىلەن ئۆزىنى باقالايدىغان، سىز نامايىش قىلسىڭىز خىتايغا تۇتۇپ بەرمەيدىغان، ساقچىخانىغا ئېلىپ كەتمەيدىغان بىر دۆلەتكە كېتىڭ، چۈنكى سىزنىڭ تۇتقۇن قېرىنداشلارغا جان قەرزىڭىز بار، ئۇنى تۆلەش ئۈچۈن بولسىمۇ بەش يىلدىن ئارتۇق ياشىمىسىڭىز بولمايدۇ» دەيمەن.

مۇھاجىرەتتە سوئاللار بىزنى سوراقلاپ تۇرىدۇ. قارارنى ئەمەلىيەتكە بېقىپ ئەمەس خىيالىمىزغا ۋە خاھىشىمىزغا بېقىپ چىقارساق خاتالىشىمىز. مۇساپىرەتتە بىر قەدەمنى خاتا ئالساق خاتالىقلار دەستىلىنىپ بىزنى باسىدۇ. مەسىلىمىزنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغانلىقى بىزنى ئۇزۇن مۇددەت قوللىيالايدىغان ئەللەرگە سەپەر قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. مەسىلىمىزنىڭ قىيىنلىقى بىزنى تۇرمۇش قىيىنچىلىقىدىن قۇتقۇزىدىغان ئەللەرگە يۆتكىلىشىمىزنى دەۋەت قىلىدۇ. مەسىلىمىزنىڭ كەسكىنلىكى خىتايغا قارشى كەسكىن تەدبىر قوللىنالايدىغان دۆلەتلەرگە كېتىشىمىزنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

مۇھاجىرەتتە بىر قېتىملىق ئىككىلىنىش بىزنى قايتىلانماس پۇرسەتلەردىن مەھرۇم قويىدۇ. بۈگۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىنىدىغان مۇساپىرلار تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. بۇ ھەقتە بىر قانۇن لايىھىسى سۇنۇلۇش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. بۇ قانۇن لايىھىسى ئۆتسۇن ئۆتمىسۇن ئۇيغۇرنىڭ ئامېرىكىغا قوبۇل قىلىنىشى مۇشۇ يىل ئىچىدە ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. كانادانىڭ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشى رەسمىي خىزمەت دائىرىسىگە ئ‍ېلىنىپ ئىشلىنىۋاتىدۇ. ياۋروپا ئەللىرىدىمۇ بۇ ھەقتە مۇلاھىزىلەر بولۇشقا باشلىدى. ئەپسۇسكى، مەن خەۋپتە قالغان مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ شۇ مۇساپىرلارنىڭ ماكانى بولغان ئەللەردە ياشاۋاتقان قېرىنداشلاردا بىر تەقەززالىق، تەييارلىق ۋە ئىنگلىزچە ئۆگىنىش دولقۇنىنى ھېس قىلمىدىم. شۇ ئەللەردىكى بەزىلەر مىللەتنى بۇنىڭغا يېتەكلەش تۈگۈل يۇقىرىقى ئەللەرگە «ئۇيغۇرلار خەتەردە ئەمەس، بارمىسىمۇ بولىدۇ» دېگەن مەنىدە شىكايەت مەكتۇبى يازغانلىقىدىن ۋاقىپلاندىم.

ئۇيغۇر داۋاسى ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ ۋە كەسكىن بولىدۇ. مېنىڭچە ئۇيغۇر داۋاسى دۇنيادىكى كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆزگەرتىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇرنىڭ ئازابىدىن قوزغىلىدۇ، خەلقئارا جامائەت ئۇيغۇرنىڭ پاجىئەسى بىلەن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ يېڭى بىر تاڭغا قۇچاق ئاچىدۇ. شۇڭا بۇ داۋانىڭ قىيىنلىقى ئېنىق. كۆرۈنۈشتە قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقىنى بىردۆلەت بولغان بىلەن ئۇنى جاسارەتلەندۈرىۋاتقىنى يانداشلارنىڭ مەدەتلىرى. خىتاينى قوللاۋاتقىنى مۇسۇلمان ئەللەر، مۇستەبىت شەرق ئەللىرى.

ئۇيغۇرنىڭ داۋاسى دېموكراتىك دۇنيا بىلەن مۇستەبىت دۇنيا ئارىسىدىكى كۈچ سېلىشتۇرما تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئۇيغۇرنى يوقاتماقچى بولغىنى بىر دۆلەت بولغان بىلەن، ئ‍ۇنىڭغا مەدەتكار بولغىنى دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ تەخمىنەن 60 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان دۆلەتلەر. ئۇلار ئاتىدىن بالىغا مىراس قالىدىغان پادىشاھلىق، پرېزدېنتلىق، خەلىپىلىك، ئەمىرلىك قاتارلىق تۈزۈمنى قوغداش ئۈچۈن خىتاينىڭ يېنىدا سەپ تۇتۇۋاتىدۇ. ئۇلار مۇستەبىتلىكنى، قۇللۇقنى، زۇلۇمنى، ئادالەتسىزلىكنى، خۇراپاتنى دىن بىلەن پەردازلاپ، مىللىي ئەنئەنە بىلەن ياساندۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن نىقابلاپ ئۆز ھاكىمىيىتىنى ھەقلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. بۇ كۈچلەر ھازىر خىتاينى قالقان قىلغان بىر خەلقئارالىق ئىتتىپاققا ئايلاندى. بۇ، پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكىنى، مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى، مەدەنىيەتلەرنىڭ رەڭدارلىقىنى يۇغۇرۇپ يوق قىلماقچى بولغان بىر خەلقئارالىق كۈچ. بۇنىڭ قارشىسىدىكى دېموكراتىك دۇنيانىڭ بىرلىكى ئىقتىسادى مەنپەئەت، ئىستراتېگىيەلىك ئورتاقلىق، سىياسىي ئىستىقبال دېگەندەك ئامىللارنىڭ زېدە قىلىشىدا لىڭشىپ تۇرۇۋاتىدۇ.

ئۇيغۇر داۋاسى ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان، قىيىن، كەڭ دائىرىلىك دۇنياۋى داۋا. ئۇنىڭ قەدەم باسقۇچىلىرى ھەممە دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. شۇڭا قىتئەنى بىرلىك قىلغان تەشكىلاتلارنىڭ، رايونلارنى بىرلىك قىلغان ئىتتىپاقلارنىڭ، قىتئە ئاتلىغان ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ ۋە ب د ت غا ئوخشاش خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قىلىشى ۋە قارار ئېلىشى بولماي تۇرۇپ ھەل قىلىش ئاسان ئەمەس. شۇ نۇقتىدىن ئۇيغۇر داۋاسى دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەممەيلەننىڭ تەقدىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئامېرىكادا ئېتىراپ قىلىنىشى، ئاندىن كانادا، گوللاندىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ بۇ سەپكە قېتىلىشى غەلىبىنىڭ باشلىنىشى. ئامېرىكا مۇشۇ كۈنگىچە «ئىرقى قىرغىنچىلىق قىلدى» دەپ ئېلان قىلغان دۆلەتنىڭ ھېچ بىرىنى جازاسىز قويمىغان. ئەمما ئامېرىكا ھېچ قاچان خىتايدەك دۇنيانىڭ 2-ئىقتىسادى كۈچىگە بۇنداق بىر ھۆكۈمنى جاكارلاپ باقمىغان. شۇڭا ھەر بىر ئۇيغۇر نۆۋەتتە قولغا كېلىۋاتقان پۇرسەتلەرنى، يۈزلىنىۋاتقان تەھدىتلەرنى، يارىتىلىدىغان ئ‍ىمكانلارنى ۋە باشتىن كەچۈرۈۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى نەزەرگە ئېلىپ تەدبىرىنى تۈزىشى كېرەك. مەلۇم ئارزۇنى توختىماي خىيال قىلىپ، ئارماننى چۈشىگەنچە ئەمەلىيەتتەك تۇيۇلۇپ، رېئاللىقتا كۆز ئالدىغا كەلگەن پۇرسەتنى قولدىن بېرىش ئاقىللىق ئەمەس.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.