پروفېسسور ياڭ: نەنجىڭ قىرغىنچىلىقىدىن ماۋ زېدۇڭنىڭ قىرغىنچىلىقىغا نەزەر

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2015-12-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ياپونىيە شىزۇكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ياڭ خەييىڭنىڭ ياپونىيە «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىسى
ياپونىيە شىزۇكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ياڭ خەييىڭنىڭ ياپونىيە «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىسى
RFA/Haji Qutluq Qadiri


يېقىندا ياپونىيە شىزۇكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ياڭ خەييىڭنىڭ ياپونىيە «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىدا «خىتاي نەنجىڭ قىرغىنچىلىقىنى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلدى» ناملىق سىياسىي ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە ئاپتور خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان نەنجىڭ قىرغىنچىلىقىدا ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ ئەمەلىيەتكە پەقەتلا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ يەنە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا ئېلىپ بېرىلغان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىغا ئوخشاش تۈرلۈك سىياسىي كۈرەشلەردە ئۆلتۈرۈلگەن خىتاي پۇقرالىرى ۋە شۇنداقلا تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ سانىنى خىتاي يازما دوكلاتلىرىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويغان.

پروفېسسورى ياڭ خەييىڭ موڭغۇل مىللىتىدىن بولۇپ، ئۇ ئىچكى موڭغۇلدا تۇغۇلغان. كېيىن ياپونىيەگە ئوقۇش مۇناسىۋىتى بىلەن كېلىپ يەرلىشىپ قالغان.

ماقالىدە ئاپتور ئامېرىكا ھەمىشە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاينى بىر پارتىيەلىك دىكتاتور دۆلەت دەپ تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ بۇنىڭغا قىلچە پەرۋا قىلماي ئەكسىچە ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرىغا قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئاپتور ماقالىسىدە:«9 - ئۆكتەبىر ئۇنەسكو يەنى ب د ت پەن - مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى خىتاينىڭ نەنجىڭ قىرغىنچىلىقىنى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلدى. خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتتە نەنجىڭ قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە غەلىبە قىلدى. خىتايلار بۇ قىرغىنچىلىقتا ئۈچ يۈز مىڭ كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنەسكو ياپونىيەنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي نەنجىڭ قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدى» دەيدۇ.

پروفېسسور ياڭ خەييىڭ ماقالىسىدە ئۆزى ھەققىدە توختىلىپ:«مەن خىتاينىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا تۇغۇلغان. خىتاي مائارىپىدا تەربىيىلەنگەن» دەيدۇ.

ياڭ خەييىڭنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ھازىرغىچە خىتاي تارىخىغا ئائىت خىتايدا نەشر قىلىنغان بەزى بىر دەرسلىك كىتابلارنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە 1982 - يىلى نەشر قىلىنغان «خىتاي تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ 4 - قىسمىدا:«1937 - يىلى دېكابىردا نەنجىڭ ياپونلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان» دېيىلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭدا نەنجىڭ قىرغىنچىلىقىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى كۆرسىتىلمىگەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي رەھبەرلىرى ئىچىدە جاڭ زېمىن ھۆكۈمىتى ياپونغا قارشى تەشۋىقاتنى كۈچلۈك يولغا قويغان بولۇپ، ياپون ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى تارىخنى تەتقىق قىلىش بىرئاز مۈشكۈل ئىكەن. سەۋەبى ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى قارىشىدا بەزى ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت بولۇپ، يېقىندا ئىككى تەرەپ بىرلەشمە شەكىلدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتتا ياپون تەتقىقاتچىلىرى نەنجىڭدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانىنى تەخمىنەن «ئىككى يۈز مىڭ كىشى بولۇشى مۇمكىن» دەپ قىياس قىلغان.

نەنجىڭ قىرغىنچىلىقى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى مۇستەقىل تەتقىقاتچى يۈكى خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتايدىكى بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ يەكۈنىگە ئاساسلانغاندا، نەنجىڭ قىرغىنچىلىقى زادى يۈز بەرگەنمۇ - يوق؟ بۇنىسى ئېنىق ئەمەس، شۇنداقلا خىتاي تەرەپ ئېيتىۋاتقان ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى تەتقىقاتچىلار كۆرسەتكەن ساندىن كۆپ پەرقلىق ۋە گۇمانلىق دەپ ئويلايمەن.»

«ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلى مۇقاۋىسى
«ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلى مۇقاۋىسى Photo: RFA

پروفېسسور ياڭ خەييىڭنىڭ ئېيتىشىچە، تەيۋەندە نەشر قىلىنغان، ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان نەنجىڭ قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى 6 قىسىملىق كىتابتا بۇ ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى پەقەتلا تىلغا ئېلىنمىغان.

ماقالىدە شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن نەنجىڭ قىرغىنچىلىقىدا ئۆلگەنلەر سانىنى ئۈچ يۈز مىڭ قىلىپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەقتىكى پاكىتلارنىڭ يەنىلا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاپتور ماقالىسىدە 1948 - يىلى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەلقئارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق كېلىشىمى ئىمزالانغاندا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كېلىشىمگە قول قويۇپ، نەنجىڭ قىرغىنچىلىقىنى پەقەتلا تىلغا ئالمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ ۋە بۇ كېلىشىم ئىمزالىنىپ بىر يىلدىن كېيىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا كومپارتىيەنىڭ بۇنىڭغا قارشى چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئاپتور خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان تۈرلۈك سىياسىي ھەرىكەتلەر ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىپ خىتاي دۆلەت رەئىسى ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئەكسىلئىنقىلابچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە 790 مىڭ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ئىككى مىليون كىشىنى «ئەكسىلئىنقىلابچى» دېگەن قالپاق بىلەن تۈرمىگە قامىغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ.

ماۋ زېدۇڭنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارغان «سېسىق زىيالىيلار» ھەرىكىتىدە بىر مىليون سەككىز يۈز مىڭ زىيالىينى ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 1958 - يىلىدىكى «يېزىلارنى كوممۇنالاشتۇرۇش دولقۇنى» دا ئۈچ مىليون ئادەمنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلگەنلىكىنى ئاپتور ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقىرىقى ھەرىكەتلەردە ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ سانى خىتايدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەتراپلىق تەتقىقاتىنىڭ يەكۈنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئەينى چاغدىكى مۇخبىرىنىڭ ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» ناملىق كىتابىدا كۆرسىتىشىچە: «خىتايدا يۈز بەرگەن ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ئۇيغۇر رايوننىڭ ئالتاي، تارباغاتاي، ئىلى ۋىلايىتىدىن تەخمىنەن 60 مىڭ كىشى سوۋېتلار ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن.» دېيىلگەن.

ئاپتور ماقالىسىدە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىپ، 1966 - يىلىدىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا بىگۇناھ 10 مىليون ئادەم ئۆلتۈرۈلۈپ، يۈز مىليون كىشىنىڭ ناھەق تۈرمىگە قامالغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.

ئۇ، خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي ھەرىكەتلەردە ئۆلتۈرۈلگەن ۋە تۈرمىگە قامالغانلار توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ 1981 - يىلىدىكى خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا دېيىلگەنلىكىنى، مەزكۇر دوكلاتتا يەنە:«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا 27 مىڭ موڭغۇلنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن» دەيدۇ.

پروفېسسور ياڭ خەييىڭ ماقالىسىدە خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى تىبەت، ئۇيغۇر، ئىچكى موڭغۇل رايونلىرىنى بېسىۋېلىشتا يەرلىكلەردىن مىليونلارچە كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، بۇ رايونلاردا ئاپتونوم رايون بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي كومپارتىيەسى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدىكى مانجۇ يازغۇچى ئايال منېگشا ئۇيغۇر رايونىدا باستۇرۇشنىڭ يالغۇز ئىلگىرىلا يۈز بېرىپ قالماستىن، بەلكى بۇ خىل باستۇرۇشنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بۇنىڭغا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت