بۇ يىللىق نورۇز پىغاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد بەخش ئەتمەكتە

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.03.21
gollandiyede-noruz.jpg مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇقلاۋاتقان پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 17-مارت، گوللاندىيە.
RFA/Gülchéhre

نورۇز 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قەدىمى بايرام بولۇپ، ئۇزۇن تارىختىن بۇيان بۇ بايرام ئۇيغۇر دىيارى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى، ئىران، ئافغانىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردە قۇتلۇقلىنىپ كېلىنمەكتە. تۈركىي ۋە پارس تىللىق مىللەتلىرىگە ئورتاق بولغان بۇ بايرام ھەر يىلى-3 ئاينىڭ 21-كۈنى، يەنى ئەتىيازلىق كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن كۈندە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنمەكتە. «نورۇز» پارىسچە سۆز بولۇپ، «يېڭى كۈن» دېگەن مەنىدە.

نورۇز بايرىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نورۇز بايرىمى ئۇيغۇر دىيارىدا قار-مۇزلار ئېرىپ، ئېرىقتا سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان، بارچە ھاياتلىق ئويغىنىپ، چېچەكلەر ئېچىلغان، نوتىلار بىخ سۈرۈپ، ئىللىق باھار شامىلى پۈتۈن مەۋجۇدىيەتنى سۆيگەن، دېھقانلار يېڭى يىلنى يېڭى ئۈمىدلەر بىلەر باشلىغان بىر مەزگىلدە يېتىپ كېلىدۇ. بۇ بايرام ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ھاياتلىقنى تەنتەنە قىلىدىغان، ئۈمىدىنى ئۇرغۇتىدىغان تەبىئەت بايرىمىدۇر.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەردە نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇقلاش ئومۇملاشقان. نورۇز سورۇنلىرىدا ھەرقايسى قېرىنداش مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتى ۋە ياشاش ئۇسۇللىرى ۋە يارقىن مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىشىدۇ.

بۇ خاسىيەتلىك كۈندە ئۇيغۇرلار ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، ئائىلە بويىچە مەھەللە-كويلاردا، يۇرت-يۇرتلاردا، دالا-تۈزلەردە ۋە تەبىئەت قوينىدا توپلىشىپ تەنتەنە قىلىشىدۇ. يىللاردىن بۇيان گەرچە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئائىلىسى، يۇرتى، ۋەتىنىدىكى نورۇز شاتلىقىغا جۆر بولۇش ئىمكانىيەتلىرىدىن مەھرۇم قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارمۇ نورۇزدا بىر يەرگە جەم بولۇپ نورۇز ئېشىغا بىللە ئېغىز تېگىشىپ، ھال-مۇڭ ئېيتىشىپ، ۋەتەندىن ئايرىلغان جۇدالىقلىرىغا تەسەللى تېپىشىدۇ. ئۇلارمۇ نورۇزنى بىر مۇھىم پائالىيەت سۈپىتىدە داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ ئۇلارنىڭ يات ئەللەردە ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلىشى ۋە جامەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىدا مۇھىم مۇنبەر بولۇپ كەلمەكتە.

نورۇز بايرىمىنى قۇتلاش ئەنئەنىسىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى يازغان، ئەنگىلىيەدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ نورۇز بايرىمىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىر ئۇيغۇرغا قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇش، مەيۈسلۈكنى ئىرادىگە ئورۇن بەرگۈزۈش ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىشتا مۇھىم رولى بارلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

نورۇز بايرىمى 20 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ مىللىي ۋە ئاممىۋى بايرىمىدۇر. 2010-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي مەجلىسى تەرىپىدىن «نورۇز بايرىمى خەلقئارالىق بايرام» دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. ھالبۇكى، نورۇز بايرىمىنى ئەزىزلەپ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقى ھالا بۈگۈنكى كۈندە ئۆز ۋەتىنىدە بۇ ئەنئەنىۋى مىللىي بايرامنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قالماقتا. مەيلى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە بولسۇن ياكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بولسۇن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ بۇ يىل نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق خەۋەر يوق.

كۆزەتكۈچىلەر، بۈگۈن گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى پۈتۈنلەي چەكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن نورۇز بايرىمىدىن ئىبارەت بۇ ئەنئەنىۋى بايرامنى يوق قىلىۋېتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

خىتاي ئۇيغۇر دىيارىنىڭ چەتئەل بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي چەكلىگەنلىكى سەۋەبلىك ئائىلىسى، ئاتا-ئانىسى، قوۋم-قېرىنداشلىرىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ گەرچە يۈرىكى لەختە-لەختە بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار نورۇز پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر بىرىگە غەمخان بولۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن قارىغاندا، ھەتتا بەزى دۆلەتلەردە ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپلا ئۇيغۇر جامائىتى بايرام تەنتەنىسىگە كىرگەن بولۇپ، نورۇزلۇق مەخسۇس سەنئەت كېچىلىكلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە ئىكەن.

يېقىندا ياۋروپادىكى بەزى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شىۋېتسىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە يىغىنلارغا قاتنىشىپ، لاگېر مەسىلىسىدە گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان تىرىك شاھىت ئۆمەر بېكئالى بۇ قېتىمقى ياۋروپا سەپىرى جەريانىدا شۇ جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئۆتكۈزگەن بىر قانچە نورۇزلۇق پائالىيەتلەرگىمۇ داخىل بولغان ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئەھمىيەتلىك يىغىلىشلاردىن زور ئىلھام ئالغانلىقىنى، كۈچ ۋە ئۈمىدكە تولغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.

ئامېرىكادىكى ۋېرجىنىيە شىتاتىنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىنمۇ چوڭ ۋە ئەھمىيەتلىك نورۇزنى قۇتلاش سورۇنىنى تەييارلاش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن مېھرىئاي مەمتىلى خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 23-مارت شەنبە كۈنى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلار نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىكەن. بۇ قېتىملىق نورۇزنى قۇتلاش پائالىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادەتلىرى ۋە سەلتەنەتلىك مەدەنىيەتلەرنى نامايان قىلىدىغان بىر ئەھمىيەتلىك سورۇن، ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق قەلبى يارىلانغان قېرىنداشلارغا خۇشاللىق ۋە ئۈمىد بېرىشنى مەقسەت قىلىدىغان مېھرى شەپقەت سورۇنى بولىدىكەن.

پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر ۋە نورۇز ئەنئەنىسىنى داۋام قىلىپ كەلگەن بارلىق قېرىنداشلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى، يەنى يېڭى يىل بايرىمىنى چىن دىلىمىزدىن تەبرىكلەيمىز! بۇ يېڭى يىل خاسىيىتى بىلەن ھەر ئائىلىگە ئامانلىق، ئاسايىشلىق ۋە بەرىكەت تىلەيمىز!

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.