ئالىم سېيتوف: ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غەنى خانىم، سىزگە كۆپ رەھمەت! بۈگۈن ۋاشىنگىتوندا سىز بىلەن تونۇشقانلىقىم مەن ئۈچۈن شەرەپ ھېس قىلىمەن. سىزدىن سورايدىغان بىرىنچى سوئالىم: ئەلۋەتتە، رەھىمە مەھممۇت ۋە ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرلار سىزنى ئوبدان بىلىدۇ. سىز ئىنتايىن روھلۇق ئىكەنسىز. پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلار سىزگە ھەيران قالدى، شۇنداقلا سىزدىن تولىمۇ مىنەتدار بولدى. سىزنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە دۇنيادىكى باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خەلقلەرگە ياردەم قىلىش روھىڭىز زادى نەدىن كەلگەن؟
نۇسرەت غەنى: مېنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشتىكى جاسارىتىمنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى سورىسىڭىز، ھاياتىمدا دۇنيادىكى ئەڭ ۋەھشىي قىلمىشلارنىڭ بىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىكىمدىن كەلگەن دېيەلەيمەن. مەن خەلق تەرىپىدىن سايلانغان بىر پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلىشنى ئۆز بۇرچۇم، دەپ بىلدىم. بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا نۇرغۇنلىغان پارلامېنت ئەزالىرى ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە ماسلاشقان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىنى بىر تەرەپ قىلىشىدا بىللە ئىشلىگەن ئىدى. ئەمما ھازىرقى ئەھۋال شۇكى، قىرغىنچىلىق بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز چوقۇم گەپ قىلىشىمىز لازىم. مېنىڭ بۇ ئشلارغا قاتنىشىشىمدىكى سەۋەبىممۇ شۇ. مەن بىراز ئاۋۋال تەكىتلىگىنىمدەك، ئەركىنلىك ئاسان قولغا كەلمەيدۇ. بىز ئەركىنلىك ئۈچۈن، يەنى سىز بىلەن مەن بۇ سۆھبەتتە ئاساسلىق تېما بولۇۋاتقان ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. بىز دۇنيادىكى باشقا خەلقلەرمۇ، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشاشلا ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ. ئىككى مىليون تۇتقۇن تۈرمە ۋە لاگېردا ياتماقتا، تۇغۇلۇش نېسبىتى 80 پىرسەنت تۆۋەنلەپ كەتتى، يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر نارەسىدە بالىلىرى ئۆز ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ ياشىماقتا. مانا بۇلارنى تىلغا ئالغىنىمىزدا، يەر شارىدا ئۇيغۇر خەلقىغە ئوخشاش بۇنداق ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان يەنە بىر مىللەتنى تاپقىلى بولمايدۇ.

ئالىم سېيتوف: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى» ئېلان قىلىنىپ، «قايتا تەكرارلانمايدۇ» دېيىلگەن ئىدى. سىز ھاياتىڭىزدا، يەنى خىتاي بۇ ۋەھشىيلىكلەرنى رەسمىي باشلاشنىڭ ئالدىدا، بۈگۈنكى 21-ئەسىردە مۇشۇنداق بىر قىلمىشنىڭ يۈز بېرىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باققانمىدىڭىز؟
نۇسرەت غەنى: تەسەۋۋۇردىن ھالقىغان يېرى شۇكى، بۇنى ئالدىن ئويلاپ يېتىش ھەقىقەتەن تەس بىر ئىش. ئەمما ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ پەرقى بار. يەنە كېلىپ، ئادەتتە قىرغىنچىلىقنىڭ بەش مۇھىم بەلگىسى بار، بۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بەلگىىسى، بىر مىللەتنى يوقىتىۋېتىش مەقسىتىگە كېلىشتۇر بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچلىق يۈرگۈزۈش نىيىتىنى بىزگە ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىغان دەلىل-ئىسپاتلار تولۇق. توغرا دەيسىز، ب د ت نىڭ، يەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قىرغىنچىلىقنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىلىق چىقارغان مەخسۇس بەلگىلىمە ۋە تۈزۈلمىلىرى بار. ھالبۇكى، ب د ت نىڭ پۇت-قولى ئالىقاچان كىشەنلەنگەن، يەنى ب د ت خىتاي ۋە رۇسىيە تەرىپىدىن كىشەنلەنگەن بولغاچقا، بۇ ئورگان ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا نېمە ئىشلارنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈش بۇرچىنى ئادا قىلالمايلا قالماستىن، بەلكى قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ ئالدىنىمۇ ئالالمىدى.
ئالىم سېيتوف: سىزنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتىدا بىردەك ئاۋاز بىلەن ئۆتكەن «قىرغىنچىلىق» ھەققىدىكى قارارنى چىقرىشتا ئوينىغان مۇھىم رولىڭىز سەۋەبلىك، خىتاي ھۆكۈمىتى سىزگە جازا ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە دەيدىغان قانداق گېپىڭىز بار؟ خىتاي ئېلان قىلغان بۇ جازا سىزگە نىسبەتەن نېمىدىن دېرەك بىرىدۇ؟
نۇسرەت غەنى: مېنىڭچە، بۇ «جازا» پۈتۈن ئەنگلىيە پارلامېنتىغا بېرىلگەن بىر جازا، يەنى ئۇ خىتاينىڭ بىزنى جىمىقتۇرۇش، قورقۇتۇش ۋە كونترول قىلىشتىكى بىر خىل ئۇسۇل ئىدى. ئەمما بۇنىڭ ئەكسچە، بۇ جازانىڭ ھېچ ئۈنۈمى بولمىدى، مېنى تېخمۇ قەتئىي، تېخىمۇ ئىرادىلىك قىلىۋەتتى. مېنىڭ ئىشلىرىمنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى باشقا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ماسلاشتۇرالايدىغان قىلىپ قويدى. دېمەك، بۇ «جازا» خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يەتمەكچى بولغان مەقسىتىنىڭ دەل ئەكسىچە ئۈنۈمى بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتىغا جازا ئېلان قىلىشى، باشقا پارلامېنت ئەزالىرىدا «نېمە ئىش بولىۋاتىدۇ؟ بىز يەنە نېمىلەرنى بىلىشىمىز لازىم؟ خىتاي كومپارتىيەسى دۇنيادىن زادى نېمىلەرنى يوشۇرىۋاتىدۇ؟» دېگەندەك سوئاللارنى پەيدا قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن خىتاينىڭ بۇ جازسىنى «شەرەپ» دەپ قارايمەن. ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملارنى توختىماي پاش قىلىش-مېنىڭ مەجبۇرىيىتىمدۇر.
ئالىم سېيتوف: ئەنگلىيەدە سىز ۋە باشقا نۇرغۇن پارلارمېنت ئەزالىرى ئىنتايىن ئاكتىپلىق بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقىنى پاش قىلدىڭلار ھەمدە ئەمەلىي ۋە مەنىلىك ئىشلارنى قىلىپ كەلدىڭلار. ئەمما بورىس جونسون ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتە كۆپ ئىش قىلمىدى. سىزچە، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
نۇسرەت غەنى: ۋاي خۇدايىم، جاۋاب بېرىش تولىمۇ قىيىن بىر سوئالنى سورىدىڭىز. قاراڭ، بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ نېگىزلىك بىر قىممەت قارىشى بار. بۇ قىممەت قاراشنىڭ بىرى، ئىلگىرىكى زامانلاردا قۇللۇقنى بىكار قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. بۈگۈن بىز قۇللۇق ئەمگىكىنىڭ شىنجاڭدىكى زاۋۇتلاردا، كېۋەزلىكلەردە مەۋجۇتلۇقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جايلارغا ئەۋىتىلىپ مەجبۇرىي ئىشقا سېلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز. ئۇلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ بىزنىڭ بازارلىرىمىزدا سېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھازىر بىزمۇ بۇ قۇل ئەمگىكىنىڭ جەريانىغا قاتنىشىپ قېلىۋاتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھەرقانداق بىر شىركەتنىڭ، ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ بۇ خىل قۇل ئەمگىكى ۋە ئۇلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلاردىن پايدا تاپمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. بۇ بىزنىڭ كۆپ قىسمىمىزنى رىغبەتلەندۈرىدۇ. بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ سانلىق مەلۇمات توپلاپ، توپلانغان بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى قوللىنىپ، باشقا دۆلەتلەرنى كونترول قىلىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. بىزنىڭ ھەممىدىن بەكرەك ئەندىشە قىلىدىغان يېرىمىز شۇكى، خىتاينىڭ بىزنىڭ دېموكراتىيەمىز، بىزنىڭ قىممەت قاراشلىرىمىز ۋە بىزنىڭ ئەركىنىلىكىمىزدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، بىزگە تەھدىت ئېلىپ كېلىشىدۇر.
ئالىم سېيتوف: سىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت!
نۇسرەت غېنى: سىزگىمۇ رەھمەت، بۇ مەن ئۈچۈن شەرەپ!