ئۇيغۇر رايونىدا بۇ يىلنىڭ بېشىدىكى 10 كۈن ئىچىدىلا 8 نەپەر ساقچى خادىمىنىڭ چارچاشتىن ئۆلۈش ھادىسىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەت پىكرىنىڭ يەنىلا دىققەت دائىرىسىدە.
بۇرۇن ئۇيغۇر رايونىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن، نۆۋەتتە چەتئەلدە ياشاۋاتقان بىر سابىق ساقچى خادىمى مەزكۇر ھادىسە ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، چارچاپ ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى يۈرەك كېسىلى، يۈرەك كېسىلىنىڭ سەۋەبى بولسا، ھەقسىزلىققا ۋاسىتە بولۇشتىن ۋە دەرت-خاپىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئورۇن بولماسلىقتىن كېلىپ چىققان روھىي ئازاب.
بۇ تېمىدا ئۆتكەن ھەپتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋە چارچاپ ئۆلدى دېيىلگەن ساقچىلارنىڭ ئۆلۈمىدە بىر سۇيىقەست بولۇش ئېھتىماللىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشۋىقاتقا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەد ئەپەندى، خىتاي ئاخباراتىنىڭ بەزى چاغلاردا چارچاپ ئۆلۈش ھادىسىسىنى يوشۇرماي خەۋەر قىلىشىنىمۇ سىرلىق دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۆز ساقچىلىرىنى چارچاپ ئۆلدى دەپ خەۋەر قىلىش خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ ئۆز قەھرىمانلىرىنى سۈپەتلەش ئەنئەنىسىگىمۇ زىت بىر ئىش.
پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.