ئالمۇتادا تونۇلغان ئالىم مۇرات ھەمرايېف خاتىرىلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2021.01.21
ئالمۇتادا تونۇلغان ئالىم مۇرات ھەمرايېف خاتىرىلەندى 1956-يىلىدىكى ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى، سولدىن باشلاپ: مۇرات ھەمرايېف، دولقۇن ياسىن، ئەخمەت ئىگەمبەردى. 1956-يىلى، تاشكەنت
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، قازاقىستاندا ئەينى ۋاقىتلاردا كۆپلىگەن ئالىملار يېتىلىپ چىققان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، تارىخى، ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى ۋە باشقىمۇ ساھەلىرى بويىچە تەتقىقاتلار يۈرگۈزۈپ، دۇنياغا تونۇلغانىدى. قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئەنە شۇنداق ئالىملىرىنى خاتىرىلەپ، ئۇلارنىڭ ئەمگەكلىرىنى كۆپچىلىككە تەرغىب قىلىپ كېلىۋاتماقتا. 20-يانۋار كۈنى ئۆتكەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پېداگوگىكا پەنلىرى ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇخبىر-ئەزاسى، سوۋېت يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور مۇرات ھەمرايېفنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 85 يىللىقىغا بېغىشلانغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى شۇنىڭ بىر دەلىلىدۇر. يىغىن قازاقىستان خەلقى كېڭىشىگە ئەزا جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ۋە ئۇنىڭ ئالمۇتا شەھەرلىك شۆبىسى، قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار بىرلىكى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.

«تۈرك فىلولوگىيەسى: تارىخى، بۈگۈنى، كېلەچىكى» تېمىسىدىكى مەزكۇر خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، ئامېرىكا ئالىملىرى، قازاقىستاندىكى جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، مۇئەللىملەر، ھەر خىل ساھە ۋەكىللىرى قاتناشتى.

يىغىنغا بىئولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، قازاقىستان يېزا ئىگىلىكى پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى ئالىملار كېڭىشىنىڭ رەئىسى مەسىمجان ۋېلەموف رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىننىڭ كىرىشمە قىسمىدا سۆزگە چىققان قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف، مەركەز رەھبەرلىرىدىن يەنە «ئۇيغۇر ئاۋازى» جۇمھۇرىيەتلىك ئىجتىمائىي-سىياسىي گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف، زىخرۇللام قۇرۋانباقىيېف ۋە باشقىلار مۇرات ھەمرايېفنىڭ ئىلمىي پائالىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭ ئەمگەكلىرىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

ئېرشات ئەسمەتوف مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز ئۇلۇغ ئالىمىمىز مۇرات ھەمرايېفنىڭ 85 يىللىقىغا بېغىشلانغان مۇھاكىمىدە باش قوشۇپ ئولتىرىمىز. بۇ، ئەلۋەتتە، ناھايىتى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە، خەلقئارا ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ بىر پائالىيەت. بۇ يىغىندا مۇرات ھەمرايېفنىڭ پۈتكۈل ھاياتى، پائالىيىتى ھەققىدە ناھايىتى ياخشى گەپلەر بولىدۇ، دەپ ئىشىنىمەن.»

ئاندىن فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزات دوكتورى ھاكىمجان ھەمرايېف «تۈركىيشۇناسلىقتا ئۆچمەس ئىزى قالدى»، مۇرات ھەمرايېف نامىدىكى 150-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغۇچى، جۇغراپىيە پەنلىرىنىڭ ماگىستىرى مۇھىدىن ئىماشېف «ئالىمنىڭ ئۆچمەس مىراسى مەڭگۈ قەلبىمىزدە» تېمىلىرىدا باش دوكلاتلار قىلدى.

«تۈرك فىلولوگىيەسى: تارىخى، بۈگۈنى، كېلەچىكى» ناملىق مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا يەنە 10 غا يېقىن دوكلات، شۇ جۈملىدىن ئامېرىكالىق ئۇيغۇر تارىخچى دوكتور نەبىجان تۇرسۇن «ئۇيغۇر ئالىمى مۇرات ھەمرائېيېفنىڭ ئۇيغۇرلارنى خەلقئارادا تونۇشتۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسى»، مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى قىدىر تۆرەلى «مۇرات ھەمرايېف ۋە كلاسسىك تۈرك شېئىرىيىتى»، قىرغىزىستانلىق ئالىم، پەلسەپە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوف «قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ شەكىللىنىشى، تەرەققىياتى ۋە كېلەچىكى»، ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى رۇسلان ئارزىيېف «ئالىملار ئالىم ھەققىدە» تېمىلىرىدا دوكلات قىلدى. دوكتور نەبىجان تۇرسۇن مۇرات ھەمرايېفنىڭ زور ساندىكى رۇس تىلىدا نەشر قىلىنغان ئىلمىي قىممىتى يۇقىرى ئەسەرلىرىنىڭ دۇنيانىڭ كۆپلىگەن كۇتۇپخانىلىرىدا ساقلىنىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشتا، خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە تونۇشتۇرۇشتا بۇرۇندىن باشلاپ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى مىساللار بىلەن بايان قىلدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇرات ھەمرايېف نامىدىكى 150-مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى پېنى مۇئەللىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ھاكىمجان ھەمرايېف ئەپەندى ئالىم مۇرات ھەمرايېفنىڭ بولۇپمۇ تۈركشۇناسلىقتا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئاجايىپ تەپەككۇر ئىگىسى ھەم يارقىن سېمالىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مۇرات ھەمرايېفنىڭ ‹تۈرك شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسلىرى› دەپ ئاتالغان ئەسىرى ئۆز ۋاقتىدا ۋېكتور ژىرمۇنسكىي، ئىسماغامبېت ئىسمايىلوف، ۋاخىد زاخىدوف، غابىت مۇسرېپوف ئوخشاش سوۋېت ئالىملىرى، شۇنداقلا شىۋېتسىيەلىك گۇننار ياررىڭ، ۋېنگىرىيەلىك يۇلىئۇس مېمېتا، چېخىيەلىك ليۇدېك گرژېبېچىك، گېرمانىيەلىك ۋولفگاڭ شتېيتىس ۋە باشقىمۇ مەشھۇر ئالىملار تەرىپىدىن يۇقىرى باھالانغانىدى. ئالىم تەتقىقاتلىرىنىڭ دىققەت مەركىزىدە خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيىتى، تارىخى، ئەدەبىياتشۇناسلىق مەسىلىلىرى ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىدى. مۇرات ھەمرايېفنىڭ تىنىمسىز ئەمگىكىنىڭ يەنە بىر يارقىن كۆرۈنۈشى شۇنىڭدىكى، ئۇ ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئىجادىيىتى نەمۇنىلىرىدىن ماقال-تەمسىللەرنى، تېپىشماقلارنى، لەتىپىلەرنى نەشردىن چىقىرىپ، مەزكۇر ژانىرلارنىڭ قەدىمىيدىن شەكىللىنىپ، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش ۋە مۇكەممەللىشىش يۆنىلىشلىرىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى دەلىللىدى. مۇرات ھەمرايېف تەتقىقاتلىرىنىڭ ئېنسىكلوپېدىيەلىك خاراكتېرگە ئىگە».

دوكلاتچى يەنە مۇرات ھەمرايېفنىڭ ئالىم-پېداگوگ سۈپىتىدە تىلغا ئالارلىق ئەسەرلەرنى مەيدانغا چىقارغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن ئەدەبىيات پروگراممىلىرىنى تۈزۈپ، دەرسلىكلىرىنى يېزىپ چىققانلىقىنى، كۆپلىگەن ياشلارنى ئىلىم دۇنياسىغا دەۋەت قىلىپ، كاندىدات دوكتورلۇق، دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەلىرىگە رەھبەرلىك قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھازىرغىچە مۇرات ھەمرايېف ھەققىدە كۆپلىگەن خاتىرىلەر، ئەسلىمىلەرنىڭ يېزىلىپ، توپلاملارنىڭ نەشر قىلىنغانلىقى، بۇنىڭدا بولۇپمۇ مەرھۇمنىڭ ئىنىسى خەمىت ھەمرايېفنىڭ كۆپ كۈچ چىقارغانلىقى مەلۇم.

ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى شائىرەم باراتوۋا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىن قالسا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان قازاقىستاندا 1960-1980-يىللاردىلا كۆپلىگەن ئاتاقلىق ئالىملار يېتىشىپ چىققانكەن. تىل، ئەدەبىيات، سەنئەت، تارىخ ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە يېتىلىپ چىققان ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ بەزىلىرى پەقەت قازاقىستان دائىرىسىدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا مىقياسىدىمۇ تونۇلغانىكەن.

شائىرەم باراتوۋا مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى شۇنىڭدىكى، شەخسەن مەن ئۈچۈن ئۇنىڭدا مۇرات ھەمرايېفنىڭ ئىلمىي پائالىيىتىگە دائىر يېڭى مەلۇماتلار، مۇلاھىزىلەر، پىكىر-تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، ئالىمنىڭ ئىلمىي پائالىيىتى تار دائىرىدە قارالماستىن، بەلكى ئۇنىڭدا ئوقۇلغان دوكلاتلار ئالىم ھاياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرەپلىرىنى، ئۇنىڭ ئەمگەكلىرىنىڭ پەقەت تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىياتىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا ئەدەبىياتى ئۈچۈنمۇ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. يەنە بىر مۇھىم مەسىلە، بۈگۈنكى يىغىن مۇرات ھەمرايېف ئەمگەكلىرىنىڭ پەقەت ئەدەبىياتشۇناسلارلا ئەمەس، بەلكى تىلشۇناسلىق، تارىخ، مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە باشقىمۇ ساھە مۇتەخەسسىسلىرى ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. بولۇپمۇ ماڭا چەتئەللەردە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزدىن تونۇلغان ئامېرىكالىق تارىخچى دوكتور نەبىجان تۇرسۇن، قىرغىزىستانلىق ئالىم، پەلسەپە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوف، قازاقىستانلىق ئالىم قىدىر تۆرەلىنىڭ دوكلاتلىرى قاتتىق تەسىر قىلدى. ئۇلار مۇرات ھەمرايېفنىڭ ھەقىقەتەنمۇ دۇنياغا تونۇلغان بىر ئۇيغۇر ئالىم ئىكەنلىكىنى، مۇنداق شەخسلەرنى باھالاشىنىمۇ بىلىشنىڭ زۆرۈر ۋە مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شۇنداقلا ئالىم ئەمگەكلىرىنى ئىنگلىز ۋە باشقىمۇ تۈركىي خەلقلەر تىللىرىغا تەرجىمە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتتى. ئېيتىپ كېتىدىغان يەنە بىر مەسىلە، بىز كېلەچەكتىمۇ مۇشۇنداق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئالىملىرىنىمۇ جەلپ قىلغان ھالدا ئۆتكۈزۈشىمىز لازىمدۇر. شۇنداق بولغان تەقدىردە بىز ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، خەلقىمىز ئالدىدا تۇرغان مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىمكانىيەت تاپقان بولاتتۇق.»

مەلۇم بولۇشىچە، مۇرات ھەمرايېف 1936-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن تاشكەنت شەھىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرق فاكۇلتېتىدا ئوقۇغانكەن. ئۇ شۇ چاغلاردا ئەدەبىياتشۇناسلىق، ئەدەبىيات تارىخى، ئەدەبىيات نەزەرىيەسى، تەرجىمە ساھەلىرى بويىچە ھەرتەرەپلىمە بىلىم دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشقان. ئالىم 1961-يىلى 25 يېشىدا «ئۇيغۇر كلاسسىك ۋە زامانىۋى پوئېزىيەسىدىكى قاپىيە» تېمىسىدا دىسسېرتاتسىيە ياقلاپ، كاندىدات دوكتور بولغان بولسا، 1964-يىلى 28 يېشىدا «تۈركىي شېئىرىيىتى تۈزۈلۈشىنىڭ ئاساسلىرى» تېمىسىدا دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىنى ئۇتۇقلۇق ياقلاپ چىققان ھەم شۇ ۋاقىتلاردا سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئەڭ ياش پەن دوكتورى نامىغا ئېرىشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.