ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈر تەنھەرىكەتچىلىرى تايلاندتىن دۇنيا چېمپىيونى بولۇپ قايتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019.04.01
Tayland-otken-dunya-chempiyoni-suhrab-hashimjanof.jpg كىكبوكسىڭ بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان سۇھراب ھاشىمجانوف. 2019-يىلى مارت، تايلاند.
RFA/Oyghan

قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرىدىكى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ پۇتبول، خوككېي، گىمناستىكا، چاڭغۇدا سەكرەش، بوكس، كىكبوكسىڭ، يەنى ئەركىن مۇشتلىشىش، كاراتې، يەنى قائىدىسىز چېلىشىش ۋە تەنھەرىكەتنىڭ باشقىمۇ تۈرلىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ھەر خىل دەرىجىدىكى مۇسابىقىلەر شۇلار جۈملىسىدىندۇر.

يېقىندا تايلاند پايتەختى بانكوك شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن كىكبوكسىڭ بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىگە قازاقىستاندىنمۇ بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچى قاتناشتى. بىز ئەنە شۇ مۇسابىقىدىن چېمپىيون بولۇپ قايتقان بىر قىسىم تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. ئۇلار ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر ناھىيەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «نۇر» ۋە «قىزىل تۇغ» تەنھەرىكەت كۇلۇبلىرىدىن بولۇپ، بۇلار سۇھراب ھاشىمجانوف، ئەلىشىر سۇلتانخوجايېف، سايىت ئىنتىماقوف، ئەلىئەسقەر ئەلىئەسقەروف ۋە ئەلىجان ئابلەھەتوفلاردۇر.

تەنھەرىكەتنىڭ بىر نەچچە تۈرلىرى بويىچە خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە ۋە دۇنيا مۇسابىقىلىرىدە چېمپىيون ئاتالغان، ھازىر ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر ناھىيەسىگە قاراشلىق بېساغاش مەھەللىسىدە ياشاۋاتقان سۇھراب ھاشىمجانوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئۆزۈم تەنھەرىكەت بىلەن كىچىكىمدىن تارتىپ شۇغۇللىنىشقا باشلىدىم. دەسلەپتە ئالمۇتا ۋە تاشكەنت شەھىرىدە ئۆتكەن كىكبوكسىڭ مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدۇم. مەن تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل مۇشۇنداق تۈرلىرىدىن كۈچۈمنى سىنىدىم. مەسىلەن، 2011-يىلى بېرلىندا ئۆتكەن ئۇشۇ-ساندا( چامباشچىلىق ) بويىچە خەلقئارا مۇسابىقىدە بىرىنچى ئورۇننى ئالدىم. 2015-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكەن چامباشچىلىق ۋە كۇڭفۇ ( گۇمبا كۆرسىتىش) بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدال، 2018-يىلى شاڭخەيدە بولغان خەلقئارا مۇسابىقىدە مىس مېدال ئالدىم.»

1993-يىلى تۇغۇلغان سۇھراب ھاشىمجانوف قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئۆتكەن بىر نەچچە مۇسابىقىلەرنىڭ غالىبى بولۇپ، ھازىر ئۇ، بىر تەرەپتىن، ئۆزى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىۋاتسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ياشلارنى تەربىيەلىمەكتىكەن. چامباشچىلىق بويىچە تەنھەرىكەت ماھىرى سۇھراب ھاشىمجانوف 2013-يىلدىن بۇيان «نۇر» تەن-ھەرىكەت كۇلۇبىدا ترېنېر بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۇ ئۆزىنىڭ يېشىغا قارىماي، ياشلارنى ئۆگىتىپ، ئۇلاردىنمۇ چېمپىيونلارنى تەربىيىلەپ چىقىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بۇ قېتىمدا تايلاندتا بولغان كىكبوكسىڭ بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىگە بىر توپ ئۇيغۇر بالىلىرى بېرىپ، قۇرۇق كەلمىدۇق. ئۇنىڭغا 70 تىن ئوشۇق مەملىكەتتىن تەنھەرىكەتچىلەر قاتناشتى. قازاقىستاندىن 30 غا يېقىن ئادەم باردۇق. بىزنىڭ قازاقىستان كوماندىسى ئومۇمىي كۆرسەتكۈچ بويىچە 70 كوماندىنىڭ ئىچىدىن بىرىنچى ئورۇنغا ئىگە بولدى. بۇ، ئەلۋەتتە، چوڭ ئۇتۇق. بىز قازاقىستاننىڭ تۇغىنى تايلاندتا ئېگىز كۆتۈرۈپ، خۇشال بولدۇق.»

تايلاندتا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن چېمپىيونلارنىڭ يەنە بىرى ئالمۇتا شەھىرىدىكى مەسىم ياقۇپوف نامىدىكى 101-ئۇيغۇر گىمنازىيەسىنىڭ 7-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئەلىشىر سۇلتانخوجايېف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن 2011-يىلدىن تارتىپ ‹نۇر› تەنھەرىكەت كۇلۇبىدا تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانماقتىمەن. مېنىڭ ئۇستازلىرىم ئاۋاكرىيېف رېنات ۋە ھاشىمجانوف سۇھراب. مەن ئۈچ قېتىم قازاقىستان، بىر قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيا چېمپىيونى بولدۇم. بۇ يىلى بانكوكتا دۇنيا چېمپىيونى بولدۇم».

بىز ئەلىشىرنىڭ دادىسى ئادىلجان ئابدۇماساروفنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بالىلىرىمنى ئالتە يېشىدا تەنھەرىكەتكە بېرىۋەتكەن. ‹نۇر› كۇلۇبى ئېچىلغاندىن بېرى بالىلىرىم ئەلىشىر بىلەن دىلدار بېرىۋاتىدۇ. ھازىر بالىلارغا ۋىجدانلىق، غۇرۇرلۇق بولۇشى ئۈچۈن ھەم تەن-ساقلىقى ئۈچۈن تەنھەرىكەت كېرەك. بالىلىرىمىز ياخشى ئۇتۇقلارغا ئىگە بولۇپ، بىزمۇ خۇشال بولۇۋاتىمىز.»

ئادىلجان ئابدۇماساروف ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، قازاقىستان دۆلىتىنىڭ شەنىنى قوغداۋاتقان بارلىق تەن-ھەرىكەتىچىلەرگە چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، تايلاندتىن چېمپىيون بولۇپ كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئۇلارنىڭ يۇرتىدا داغدۇغىلىق قارشى ئېلىنغان. تالغىر ناھىيەسىنىڭ يۇرت-جامائەتچىلىكى، ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى ۋەكىللىرى، ئاتا-ئانىلار ۋە باشقىلار چېمپىيونلارغا ئالاھىدە ھۆرمەت بىلدۈرگەن.

جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى تەنھەرىكەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەكرەم نۇردۇنوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «يەتتە بالا باردى. بالىلار قىينىلىپ، بىز ھەر ياقتىن ياردەم بەردۇق. مەن 150 ئەتراپىدا ئادەملەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئايرودرومدا كۈتۈۋالدۇق. ئاندىن ‹نۇر› رېستورانىدا كاناي-سۇنايلار بىلەن يەنە كۈتۈۋالدۇق.»

ئەكرەم نۇردۇنوف ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان تەنھەرىكەت كومىتېتىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاننىڭ تەنھەرىكەت ساھەسىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئۇيغۇرلارمۇ سالماقلىق تۆھپە قوشۇپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ قاتارىدا كۆپلىگەن تەنھەرىكەت كۇلۇبلىرىدا تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بويىچە تەربىيەلىنىپ چىققان ھەمدە قازاقىستان، ئاسىيا، دۇنيا مۇسابىقىلىرىدە چېمپىيون ئاتالغان ئۇيغۇرلار كۆپلەپ سانىلىدۇ. ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوف، تۇيغۇن ناسىروف، زاكىر توختىيېف، ئالىك جەلىلوف ۋە باشقىلار شۇلار جۈملىسىدىندۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.