قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يىگىت باشلىرى ئالدىدا قانداق مەسىلىلەر مەۋجۇت؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2015-11-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قازاقىستان ئۇيغۇر يىگىت باشلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت مەخسۇتوف. (ئورنى ۋە ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
قازاقىستان ئۇيغۇر يىگىت باشلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت مەخسۇتوف. (ئورنى ۋە ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن بۇيان ئۇيغۇر يىگىت باشلىرىنىڭ قازاقىستان جەمئىيىتىدىكى، شۇنداقلا يۇرت-جامائەتچىلىك ئارىسىدىكى رولىنىڭ دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىشكە ۋە كۈچىيىشكە باشلىدى. ئۇلار كېيىنكى ۋاقىتلاردا بولۇپمۇ مىللىي مائارىپنى، مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش، ئۆرپ-ئادەتلەرنى ساقلاش، مەملىكەت رەھبەرلىكى ۋە شۇ جۈملىدىن قازاقىستان خەلقى مەجلىسى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان قارارلارنى، چارە-تەدبىرلەرنى تەرغىب قىلىش يولىدىمۇ ئاكتىپ ئىشلىمەكتە.

ھازىر ئۇيغۇر يىگىت باشلىرى ئالدىدا قانداق مەسىلىلەر مەۋجۇت؟ ئۇلار كىملەر بىلەن بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بېرىشى كېرەك؟ نېمىلەرگە كۆپرەك دىققەت قىلىشى لازىم؟ يىگىت باشلىرىغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر نېمە؟ يىگىت باشلىرىنى تەربىيىلەش مەسىلىسى قانداق؟

بىز بۇ ھەقتە، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى ئۇيغۇر يىگىت باشلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت مەخسۇتوف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سوئال: ئابدۇرېشىت ئاكا، سىز باش يىگىت بېشى سۈپىتىدە يىگىت باشلىرىنىڭ بولۇپمۇ مىللىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشقا، يەنى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە بالا توپلاشقا ئاكتىپ ئارىلىشىش ھاجەتلىكى ھەققىدە ئېيتىپ كېلىۋاتىسىز. مۇشۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا سىلەر بۇ يۆنىلىشتە قانداق ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇڭلار؟

جاۋاب: مەسىلەن، بۇلتۇر ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىنىڭ درۇژبا (دوستلۇق) مەھەللىسىدە مەكتەپنىڭ سېلىنىشىغا بىز سەۋەبچى بولۇپ قالدۇق. ھەقىقەتەنمۇ بۇرۇنقى مەكتەپنىڭ ئەھۋالى ناچار بولغان ئىكەن. بىز يۇرت بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، يۇرت نامىدىن خەت يازدۇرۇپ، مۇرات ئەخمەدىيېفقا ئەۋەتىپ بەردۇق. بىر يىلدىن كېيىن مەكتەپ پۈتتى.

سوئال: بۈگۈنكى كۈندە يىگىت باشلىرى قانداق بولۇشى كېرەك؟

جاۋاب: يىگىت باشلىرى زامان تەلىپىگە لايىق، بىلىملىك، سەۋىيىسى يۇقىرى بولۇشى كېرەك. يىگىت بېشىنى يۇرت سايلايدۇ، يۇرت ئالىدۇ. يىگىت باشلىرى ھازىر ئاكتىپ ئىشلەۋاتىدۇ. قىزىقىش بار.

سوئال: قانداق ئويلايسىز، يىگىت باشلىرى بىرىنچى نۆۋەتتە كىم بىلەن بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بېرىشى لازىم؟

جاۋاب: ھۆكۈمەت قوللاۋاتقان بولغاچقا، ئەڭ ئالدى بىلەن ھۆكۈمەت بىلەن ئىشلىشى كېرەك. ھەر قانداق بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ھاكىمچىلىق بۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇشى كېرەك. مەن كېلەچەكتە يىگىت باشلىرى تېخىمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلىدۇ، دەپ ئىشەنچلىك ئېيتالايمەن.

سوئال: ھازىر مۇشۇ يىگىت باشلىرىنى تەربىيىلەش ئۈچۈن مەخسۇس بىر كۇرسلارنى ئۇيۇشتۇرۇش سىلەرنىڭ پىلانلىرىڭلاردا بارمۇ؟

جاۋاب: كېلەچەكتە بولۇپ قالار، بىراق ئۇنداق ئىشلارنى بىز ھازىرچە قىلمىدۇق. بىز ياشلارنى ئۆگىتىۋاتىمىز. مەن ئويلايمەنكى، ھەر بىر يۇرتتا يىگىت باشلىرىنىڭ قېشىدا يۈرگەن ياشلاردىن ياردەمچىلىرى بار. ئۇنىڭغا مەكتەپ ئېچىشنىڭ ھاجىتى يوق. شۇلارنىڭ قېشىدا يۈرۈپ، ئاستا-ئاستا ئۆگىنىدۇ.

سوئال: يىگىت باشلىرىنىڭ ئەڭ بىرىنچى ۋەزىپىلىرى نېمە؟

جاۋاب: ئەڭ مۇھىم مەسىلىسى، ئۆزىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، رەسىم-قائىدىلىرىنى بىلىشى كېرەك. شۇنىڭدىن باشلاش كېرەك، قالغان ئىشلار قوشۇلۇپ كېتىۋېرىدۇ. تىلىمىزنى ياخشى بىلىشى كېرەك.

سوئال: سىلەر بىلەن بىللە ئىشلەپ، يۇرتقا ماددىي ياردەم بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلار بارمۇ؟

جاۋاب: بىزنىڭ گورنىي گىگانتتا 77-رۇس مەكتىپى بار. ئۇ يەردە 60 پىرسەنت ئۇيغۇر بالىلىرى ئوقۇيدۇ. بىزنىڭ جۈرئەت بوساقوف دېگەن ئىنىمىز بار. تەنھەرىكەت مەيدانى ھەققىدە سۆز بولغاندا ئۇ بىزنى قوللىدى. بىر ئاينىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ ئېچىلىشى بولدى. شەھەرنىڭ ھاكىمى ئىشى چىقىپ كېلەلمىدى، ھاكىمنىڭ ئورۇنباسارلىرى كەلدى. كۆچەتلەرنى تىكتۇق.

سوئال: ياشلار بىلەن ئىشلار ئېلىپ بېرىلىۋاتامدۇ؟

جاۋاب: گورنىي گىگانت ئۆزىنى ئالساق، ياشلار بىلەن ھەر قاچان ئىش ئېلىپ مېڭىۋاتىمىز. مېنىڭ ياشلاردىن ئورۇنباسارلىرىم بار. ھەر قانداق ئىشلار بولسا، شۇلارغا دەيمەن، شۇلار ئىش ئېلىپ ماڭىدۇ. جۇمھۇرىيەت بويىچە بۇ ھەقتە ھەممە يەرلەردە دەۋاتىمىز. ئۇ ئىشلارمۇ بولۇپ قالار. ھازىر باشقارما ھەيئىتىنى قۇردۇق. ئۇنىڭ ئىچىگە شەرتلىك تۈردە ياشلارنىمۇ كىرگۈزىمىز.

سوئال: ھازىر جاي-جايلاردا ئۆتۈۋاتقان نەزىر-چىراغ، توي-تۆكۈنلەردە ئىسراپچىلىقنىڭ كۆپ بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە گەپلەرنى ئاڭلاشقا بولىدۇ. مۇشۇ ھەقتە نېمە دەيسىز؟

جاۋاب: بۇنى بىز بەش-ئالتە يىل بۇرۇن يولغا سالغان. ھازىر نۇرغۇن مەھەللىلەردە قىسقارتىپ، بىز دېگەن بويىچە كېتىپ بارىدۇ. نەزىردە بولسا بىر پولۇ، پەتنۇس، ئاندىن ئازراق يەل-يېمىش ۋە خام سەي قويۇلىدۇ. نەزىرگە قورساق تويغۇزىدىغانغا ئەمەس، خەلق قۇرئان ئوقۇتۇپ، دۇئا قىلىدىغانغا كېلىدۇ ئەمەسمۇ. مەسىلەن، چوڭ يەردە ئىشلەيدىغان ئادەملەر بار. ئۇلار نەزىر قىلغاندا باشقا مىللەتلەرمۇ كېلىدۇ. مۇنداقلا قىلىپ قويساڭ، ئۇلار قانداق ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن، دېگەندە شۇنىڭغا جاۋاب تاپالماي قالىسەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مەيلى قىلىڭلار دەيسەن. ئاساسەن، يەنى 70 پىرسەنت بىز سىزىپ بەرگەن بىلەن كېتىپ بارىدۇ. رېستوران ۋە كافېلاردا قىلىپ قالسا، ئۇنى ياكى بۇنى قويما دېيەلمەيسەن. ئادەتتىكى نەزىرلەردە بولسا، بىز دېگەندەك كېتىۋاتىدۇ. ئەمدى توينى ھەر كىم ئۆزىنىڭ قولىنىڭ يېتىشىچە قىلىدۇ. خەلقنىڭ ئۆز مەيلى.

سوئال: ھازىر تويلاردا ياشلارغا ئالاھىدە داستىخان يېيىلىدۇ. بەزىدە بۇنىڭغا چوڭلارمۇ تەكلىپ قىلىنىدۇ. مۇشۇ دۇرۇسمۇ؟

جاۋاب: چوڭلارغا كۈندۈزى توي بېرىدۇ. كەچقۇرۇن ياشلارغا كەچ باشلانغاندا ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى، چوڭلىرى كەلسۇن. ياشلارنى تەبرىكلەپ، بىرەر يېرىمى قېلىپ، قالغىنى كەتسە بولىدۇ. ياشلار خاتىرجەم ئويناۋېرىدۇ. ياشلار كېچىسى دېگەن ئاتىقى بولغاچقا، ياشلار ئۆزلىرىگە قويۇپ بەرگەن ياخشى. چوڭلار ئۆزىنىڭ يولى بىلەن، ياشلار ئۆزىنىڭ يولى بىلەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت