قازاقىستانلىق ئانالىزچىلار ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ يامانلاشقانلىقىنى بىلدۈردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2014.07.17
Xitay-qoralliq-saqchi-urumqi-kocha-305 ﺑﯜﮔﯜﻥ، 13 - ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ 2 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ 2 ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﺴﻰ.
AFP Photo

ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، 2009 - يىلىدىكى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋەزىيەت يەنىمۇ كەسكىنلەشكەن. بولۇپمۇ يېقىنى بىر نەچچە يىل مابەينىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەر بۇنىڭ يارقىن ئىسپاتى ئىكەن.

قازاقىستانلىق ئانالىزچىلارمۇ يۇقىرىقى نۇقتىنى دەلىللىدى ۋە ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ يامانلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنە شۇ ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا نېمە سەۋەب بولۇۋاتىدۇ؟ 2009 - يىلدىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتى ئۆزگەردىمۇ؟ ئۇ ئەلدە يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەر ھەقىقەتەن تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىمۇ, ياكى ئۆز ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشمۇ؟ ئۇلارنىڭ كېلىپ - چىقىش سەۋەبلىرى نېمىدە؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار ئانالىزچىلارنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇۋاتماقتا.

بىز شۇ مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ئاساستا، قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناسلاردىن قەھرىمان غوجامبەردى، كونستانتىن سىرويېجكىن ۋە غالىم ئاگېلېۇوفلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

قەھرىمان غوجامبەردى 2009 - يىلدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنىڭ ئىجابىيلىققا ئەمەس، بەلكى سەلبىي تەرەپكە قاراپ ئۆزگەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: مەسىلەن، سىياسىي قانۇن دائىرىسىدە قارايدىغان بولساق، خىتاينىڭ قانۇنلىرى ئۇيغۇرىستاندا قىلچە ئىجرا قىلىنمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كېيىنكى ۋاقىتتا قانۇنسىز ئېتىش،، تۇتۇش، قاماش كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىپ كېتىۋاتىدۇ. پەقەت كېيىنكى ئالتە ئاينىڭ ئىچىدە بەش قېتىم ئاممىۋى سوت بولۇپ، 350تىن ئوشۇق بىگۇناھ ئادەم سوتلىنىپ، ئۇنىڭ ئون ئۈچى ئېتىلىپ كەتتى، يىگىرمىدىن ئوشۇق ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى. بۇ كېيىنكى ئۈچ - تۆت يىلنىڭ ئىچىدە بولمىغان دەھشەتلىك ۋەقەلەردۇر. مۇشۇنىڭ ئۆزى سىياسىي قانۇن ساھەسىدە ھېچ قانداق بىر ياخشىلىققا قاراپ ئۆزگىرىشنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەكسىچە، بۇ دۆلەت تېررورچىلىقى، شۇنداق دېسەك دۇرۇس بولىدۇ، كۈچەيمەكتە.

قەھرىمان غوجامبەردى شۇنداقلا مەدەنىي - مائارىپ، ئىجتىمائىي، دىنىي ساھەلەردىمۇ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگىمۇ قارشى مەملىكەت دائىرىسىدە كەمسىتىشلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ ئەنە شۇنداق ئەھۋالنى كۆرۈشكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

كونستانتىن سىرويېجكىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۈگۈنكى ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋەزىيىتىگە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: ئەگەر مۇنداق قارايدىغان بولساق، ۋەزىيەت خېلى كەسكىن. شىنجاڭدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشىمۇ تاسادىپىي بولمىدى. ئەگەر خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىسىگە ئىشىنىدىغان بولساق، بۇ ھەرىكەت توختىدى، ئامما كۆپچىلىك بۇ ھەرىكەتنىڭ ھازىرچە تېخى داۋام قىلىۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلماقتا.

ك. سىرويېجكىن ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قانلىق ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى ئاتاپ كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: بۇنىڭ سەۋەبلىرى خېلى كۆپ. شۇ جۈملىدىن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشتىكى بەزى تەڭسىزلىكلەر. بۇ ھەقىقەتنىمۇ بىر پاكىت. مەن شىنجاڭنىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدا، جۈملىدىن ئۇنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا بولدۇم. جەنۇبتا ئىسلاھاتلار پەقەت ئەمدى باشلىنىۋاتىدۇ. تارىمنىڭ جەنۇبىدىكى ئاقسۇ ۋىلايىتىنى ئالساق، ئۇنى ھەتتا ئىلى - قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ياكى سانجى ئاپتونوم رايونى، ئۈرۈمچى ياكى تۇرپان بىلەن سېلىشتۇرۇشقىمۇ بولمايدۇ. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئەتراپى ھەممىسى قۇملۇق، يوللىرى ئىنتايىن ناچار، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق قىلىشمۇ قىيىن. ئىككىنچى سەۋەب بۇ تارىخىي ئەپسانىلەر. ئۇلار ئىنتايىن كۈچلۈك. ئۇ يەردىكى ھەر بىر ئادەمدىن «بۇ يەردە ئۇيغۇرىستان ياكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بولۇشىنى خالامسەن» دەپ سورايدىغان بولساق، ھەر قايسىسى «خالايمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ھەقىقەتنىمۇ شۇنداق ئىدىيە بار. ئۈچىنچىدىن، بۇنىڭغا سەۋەب بولۇۋاتقان چەتئەلدە قانداقتۇر بىر مۇۋاپىقلاشتۇرۇلغان مەركەز بار. مۇنداق دەپ ئويلىشىمىزغا شۇ نەرسە سەۋەب بولدىكى، بۇ ھەرىكەتلەرنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ئۆز ھۆددىسىگە ئالدى. بۇ شىنجاڭنىڭ ئەمەس، بەلكى چەتئەلنىڭ تەشكىلاتىدۇر. يەنە بىر سەۋەب بۇ، ئەلۋەتتە، نارازىلىق. مەسىلەن، بىلىم ئېلىشتا بەزى چەكلەشلەر بار. ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۇيغۇر تىلىدا تاماملىسا، ئىنستىتۇتتا بەرىبىر خىتايچە ئوقۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدىن پەقەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا تولۇق ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇشقا بولىدۇ، ئەمدى تېخنىكىلىق ساھەلەردە خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇلىدۇ.

غالىم ئاگېلېۇوف ئۇيغۇر ئېلىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بارلىقىنى تېررورلۇق بىلەن باغلاش ئەقىلگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: خىتاي سىياسىتى كۆپىنچە تېررورلۇق بىلەن كۈرەشنى ئۆزىنىڭ باش مەقسىتى سۈپىتىدە بەلگىلەپ، بۇنىڭ ئارقىلىق ئۆز ھەرىكەتلىرىنى ئاقلىماقچى ھەم ئۆزلىرىنىڭ مىللىي - ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرىشىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىدىكى كىشىلەرنى «تېررورچى» دەپ قارىماقتا. ئۇلارنى ئۇجۇقتۇرۇشتا بارلىق كۈچلىرىنى قوللانماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ كۆزقارىشىدا بۇ پەقەت ئازادلىق ھەرىكىتىلا ئەمەس، بەلكى شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى، ئەركىنلىكى، باراۋەرلىكى ئۈچۈن كۈرەشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ كونا سىياسىتىدىن چېكىنىشى لازىم ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.