كۆزەتكۈچىلەر: خىتاينىڭ قەرزىدىن قۇتۇلمىساق، مۇستەقىللىقتىن ئايرىلىشىمىز مۇمكىن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-02-19
Share
qirghiz-qirghizistan-xitay-warshi-namayish.jpg قىرغىزىستانلىقلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قىرغىزىستانغا كېلىشىگە قارشى ئېلىپ بارغان نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 17-يانۋار، بىشكەك.
REUTERS

مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلاپ، ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر، شۇ جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەنىدى.

ئەنە شۇ مۇستەقىللىقنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتىشكە كىرىشتى. خىتاينىڭ سودا-ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر، ھەر خىل لايىھەلەر باھانىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئېنېرگىيە ۋە يەر ئاستى قېزىلما بايلىقلىرىغا كۆز تاشلاۋاتقانلىقى دائىم تىلغا ئېلىنىۋاتقان مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. بۇ جەھەتتە خىتاينىڭ بۇ جۇمھۇرىيەتلەرگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشى، شۇنداقلا زاۋۇتلارنى سېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىشچى ۋە مۇتەخەسسىسلىرىنى ئېلىپ كىرىشى يەرلىك ئاھالىنىڭ نارازىلىقىنى تۇغدۇرماقتا.

يېقىندا قىرغىزىستاننىڭ نارىن ئوبلاستىدا خىتاينىڭ قۇرۇلۇش پىلانلىرىغا قارشى چوڭ كۆلەملىك نامايىش يۈز بەرگەن بولۇپ، نامايىشچىلار قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىدىن 275 مىليون دوللارنى تەشكىل قىلىدىغان مەزكۇر قۇرۇلۇش پىلانىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلغان.

«ياۋرو-ئاسىيا دەيلى» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «قىرغىزىستاندىكى نامايىش خىتاي مەبلەغچىلىرىنى چۆچۈتتى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلىرى بۇ پىلانىدىن ۋاز كېچىپ، ئەمدى قىرغىزىستان تەرەپتىن 615 مىڭ دوللار چىقىمنى تۆلەپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلماقتىكەن. بۇ، قىرغىزىستاننىڭ مۇنداق چەتئەل مەبلەغلىرىدىن باش تارتىۋاتقان بىرىنچى ۋەقە ئەمەسكەن. ماقالىدە يەنە قوشنا قازاقىستاندىمۇ ئەنە شۇنداق خىتايغا قارشى نامايىشلارنىڭ پات-پاتلا بولۇپ تۇرىدىغانلىقى ئېيتىلغان.

خىتاينىڭ قىرغىزىستان ۋە قازاقىستانغا مەبلەغ سېلىشى نېمىگە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟ خىتاي بۇ جەھەتتە مەزكۇر جۇمھۇرىيەتلەرگە تەسىر كۆرسىتەلەمدۇ؟ ئىككى مەملىكەت خەلقى نېمە ئۈچۈن خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتىدۇ؟

قىرغىزىستانلىق سىياسەتشۇناس ئابدۇرېھىم ھاپىزوف ئەپەندىنىڭ پىكىرىچە، خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرغاندىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئىقتىسادىي ياردەم كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇلارغا بولغان ھەم ئىقتىسادىي، ھەم سىياسىي تەسىرىنى كۈچەيتىشكە كىرىشكەن ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەرگە بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردىمى بىر مەقسەتنى كۆزلەيدۇ. ئالدىمىزدىكى يىللاردا ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىغا چوڭ تەسىرىنى كۆرسىتىش. بېيجىڭ قەرزنى توختىماي بېرىۋاتىدۇ ھەم ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ قەرزنى ۋاقتىدا تۆلىيەلمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي يەرلەرنى، قېزىلما بايلىقلارنى ئۆزىنىڭ پايدىسىغا ئىجارىگە ئېلىشقا ھەرىكەت قىلىدۇ.»

ئابدۇرېھىم ھاپىزوف قىرغىزىستاندا ئاھالىنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقىنىڭ تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، يەنە مۇنداق دېدى: «مەن ئويلايمەنكى، بۇ نامايىشلارنىڭ نەتىجىسى بولىدۇ. سەۋەبى يەرلىك خەلقلەر بېيجىڭنىڭ قانداق سىياسىتى بولىدىغانلىقىنى سېزىۋاتىدۇ. نامايىشلارنىڭ مەقسىتى قىرغىزىستان ئۆز مۇستەقىللىقىدىن ئايرىلىپ قالمىسۇن دېگەنلىكتۇر.»

قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس ئازىمباي غالى ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئىمپېرىيەلىك غەرىزى بار. مېنىڭچە قەرز ئېلىپ، ئەمما ئۇنىڭ بېسىۋېلىشىغا يول قويماسلىق لازىم. مەسىلەن، تاجىكىستانغا ئوخشاش بېقىندىلىققا چۈشۈشكە بولمايدۇ. قىرغىزلار بولسا، خىتايلار بىلەن كەمبەغەل ياشىغۇچە، ئۆزىمىزنىڭ كەمبەغەل تۇرغىنى ئەۋزەل دەپ، خىتايلارنى قوغلاۋاتىدۇ. قازاقىستان، بىر تەرەپتىن، خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتتە بولۇشى كېرەك، ئىككىنچى تەرەپتىن، قەرزنى كۆپ ئالماسلىقى كېرەك. بىزدە پارىخورلۇق كۆپ ئورۇن ئالغان. خىتاي شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، قازاقىستاننى مۇستەقىللىقىدىن مەھرۇم قىلىشى مۇمكىن.»

سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېئۇئوف قازاقىستاندا خىتاي مەسىلىسىنىڭ ئىنتايىن چىگىش ۋە مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە خىتاي بىزنىڭ ئىقتىسادلىرىمىزنى كونترول قىلىۋاتىدۇ. خىتاي تەبىئىي مەنبەلەرنىڭ ئاساسىي سېتىۋالغۇچىسى. ئۇ ئېلىمىز سانائىتىنىڭ نېفىت-گاز ساھەسىدە ئۆز ئۈلۈشىگە ھەم ئۆز كارخانىلىرىغا ئىگە. بىزنىڭ دائىرىلەر قازاق ۋە باشقىمۇ تۈركىي تىللىق مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ سىياسىي تەقىبلىنىشى مەسىلىسىنىمۇ ئارتۇقچە كۆتۈرۈشنى خالىمايدۇ. سەۋەبى ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرگۈسى كەلمەيدۇ. خىتاي بۇ يەردە، ئەلۋەتتە، ئۆز مەنپەئەتلىرىنى كۆزلەيدۇ. خىتاي قازاقىستان ئىقتىسادىنى، بىرىنچى نۆۋەتتە، نېفىت، گاز، تەبىئىي قېزىلما بايلىقلىرىنى ۋە باشقىلارنى ئىگىلىۋېلىشقا ئىنتىلمەكتە، ھەتتا بىزدە 100 پىرسەنت خىتاي كارخانىلىرىمۇ بار. دېمەك، بۇ بىزنىڭ مەملىكىتىمىز ئۆز پوزىتسىيەسىنى يوقىتىۋاتىدۇ دېگەن سۆز. خىتاي بولسا، يەنىمۇ كۆپرەك قەرز بېرىشنى ۋەدە قىلماقتا.»

غالىم ئاگېلېئۇئوف مۇبادا خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىقتىسادىي لايىھىسى يەنىمۇ داۋام قىلىدىغان بولسا، قازاقىستاننىڭ خىتاينىڭ تەسىرى ئاستىدىن چىقالماي، مۇستەقىللىقىدىن ئايرىلىش خەۋپىنىڭ تۇغۇلۇش مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.