سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى: ئۇيغۇرىستاندىكى قارشىلىق كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىۋاتىدۇ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2015.07.10
qehriman-ghojamberdi-305.jpg د ئۇ ق سابىق مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى.
RFA/Erkin Tarim


2009 - يىل ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدا شەكىللەنگەن ۋەزىيەت پۈتكۈل دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ، شۇنداقلا بىۋاسىتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغداش يۆنىلىشىدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان رابىيە قادىر خانىم باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇۋاتماقتا. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى شۇنداقلا كۆپلىگەن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭمۇ دىققەت ئېتىبارىدىن سىرتتا قالغىنى يوق. بۇنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا سەھنىگە چىققانلىقى ئىسپاتلىماقتا.

2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كۈچەيدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ سەۋەبلىرى نېمە؟ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ تەقدىرى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟

بىز بۇ ھەقتە سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

- بۇلتۇر ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسىنىڭ بەش يىللىقى خاتىرىلەنگەن ئىدى. بۇ يىلى مانا ئالتە يىل تولۇۋاتىدۇ. مۇشۇ بىر يىل ئارىلىقىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يەنە كۈچەيدىمۇ؟ ئەگەر كۈچەيگەن بولسا، قانچىلىك دەرىجىدە؟

- بىر يىللىق ئارىلىقتا، ئەگەر باھا بەرسەك، ئۇيغۇرىستاندىكى مىللىتىمىزنىڭ مەركەزنىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىگە قارشىلىقى ئىككى ھەسسە كۈچەيدى. ئەڭ چوڭ مىسال، بۇ بۇلتۇرقى، يەنى 28 - ۋە 29 - ئىيۇلدا قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيىسىنىڭ ئېلىشقو يېزىسىدا يۈز بەرگەن باشتا نامايىش، ئاندىن ئاممىۋى قوزغىلاڭ ۋە ئۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ناھايىتى كەڭ كۆلەمدە ئەسكەر قوللىنىپ، دەھشەتلىك باستۇرۇشى. شەخسەن مېنىڭ كۆز قارىشىمدا ئىككى مىڭدىن ئارتۇق بىگۇناھ ئاھالە قەتلىئام قىلىندى. قارشىلىق كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىۋاتىدۇ.

- بۇ ۋاقىت ئىچىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۈرۈمچى ئىيۇل قانلىق ۋەقەسىگە دائىر يەنە نېمىلەرنى ئاشكارىلالىدى؟

- مىللىي لىدېرىمىز رابىيە قادىر باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر يىل ئىچىدە قىلغان ئەڭ چوڭ ئىشلىرىنىڭ بىرى ئىز - دەرەكسىز يوقاپ كەتكەن دېگەن نام بىلەن، يەنى خىتاي ساقچىلىرى، بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئەسلى ئۆلتۈرۈپ، يوق قىلىۋەتكەنلەرنى ئېنىقلاپ، ئۇلارنىڭ 300دىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى ھەم بۇنى پۈتكۈل دۇنياغا يەتكۈزدى. شۇنىڭ ئىچىدە 50 كە يېقىنىنىڭ تىزىملىكىنى كۆرسىتىپ، ئىنگلىز تىلىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا پارلامېنتى ئوخشاش خەلقئارا ئورگانلارغا يەتكۈزدى. بۇ ناھايىتى چوڭ ئىش.

- دۇنيادىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى - قاچاقلار، مۇساپىرلار مەسىلىسى. مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە قانچىلىك ئۇيغۇر پۇقرالىرى ئەلدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى؟ بۇنىڭغا ئاساسەن نېمە سەۋەب بولۇۋاتىدۇ؟ ئۇلارنىڭ مەسىلىسى بىلەن بىۋاسىتە شۇغۇللىنىۋاتقان تەشكىلاتلار بارمۇ؟

- بىر يىلنىڭ ئىچىدە شەخسەن ئۆزەمنىڭ تەخمىنى بويىچە ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق قاچاق قاچتى. 2009 - يىلدىن باشلاپ ئۇلارنىڭ سانى 10مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. ئاساسىي سەۋەب بېيجىڭنىڭ ھازىرقى يېڭى مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ ناھايىتى قانخورلىشىشىدىن، يەنى ئەڭ بىرىنچى ئورۇنغا مەن شۇنى قويغان بولار ئىدىم - سىياسىي تەقىبلەشلەر، چېكىدىن ئاشقان قانۇنسىزلىق، ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ، ھەددى - ھېسابسىز دىنىي تەقىبلەش، تۇغۇت مەسىلىسى، ئىقتىسادىي تەقىبلەش، مەدەنىي خىتايلاشتۇرۇش. مانا بۇنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ يېڭى مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ ساھەلىرى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قاچاقلار بۇنىڭدىن كېيىنمۇ دائىم بولىدۇ. قاچاقلار بويىچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، بىۋاسىتە رابىيە قادىر ھەم ئۇنىڭ مۇئاۋىنلىرى، ئاساسەن سېيىت تۆمتۈرك ۋە ئابدۇقادىر تۆمتۈركلەر، سىستېمىلاشتۇرۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. مەسىلەن، قاچاقلارنىڭ كېيىنكى ۋاقىتتا كۆپ يىغىلغان يەرلىرى كامبودژا، ۋيېتنام، مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئۈچ - تۆرت قېتىم بېرىپ، شۇ يەردىكى ھۆكۈمەتلەر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانى ھوقۇقى كېڭىشى ۋە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق دۆلەتلەر ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيەدەك دۆلەتلەرنىڭ تېگىشلىك دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىسىدا بۇ مەسىلە ھەل بولۇۋاتىدۇ.

- ئۇلارنى ئاساسەن كىملەر قوبۇل قىلىۋاتىدۇ؟ تۈركىي تىللىق مەملىكەتلەر بۇنىڭغا قانداق قاراۋاتىدۇ؟

- ئەڭ ئاخىرىقى خەۋەر، تۈركىيەگە 173 قاچاق كەلدى. قاچاقلارنى قوبۇل قىلىۋاتقان بىردىن - بىر دۆلەت تۈركىيە. 2009 - يىلدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر تۈركىيە 10مىڭغا يېقىن ئۇيغۇرىستان قاچاقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا سىياسىي پاناھ بېرىپ، دۆلەتنىڭ ناھايىتى يۈكسەك دەرىجىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك، قېرىنداشلىق سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز. ئامما مەسىلىلەر تېخى بار. مەسىلەن، ئۇيغۇرىستان سەككىز سىرتقى دۆلەتلەر، شۇ جۈملىدىن مەركىزىي ئاسىيادىكى ئۈچ قېرىنداش دۆلەت بىلەن چېگرىداش. مىڭ ئەپسۇسكى، مەركىزىي ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق دۆلەتلەر ئۇيغۇر قاچاقلىرىنى دىكتاتورلۇق خىتاي ھۆكۈمىتىگە قايتۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ پاكىت. سىياسىي پاناھ بېرىلمەيۋاتىدۇ.

- ئەمدى مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە خەلقئارا تەشكىلاتلار ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دىققەت بۆلدىمۇ؟

- بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارادا مەۋجۇت ئەڭ يۈكسەك تەشكىلات بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىلىغا ئىككى قېتىم بولىدىغان چوڭ يىغىنىدا ۋە يەنە ئىككى - ئۈچ قېتىم بولىدىغان كىچىك يىغىنلىرىدا ھەر دائىم ئۇيغۇر مەسىلىسى قويۇلۇۋاتىدۇ. بۇ، ئەلۋەتتە، مىللىي لىدېرىمىز رابىيە قادىر باشلىق قۇرۇلتاينىڭ تىرىشچانلىق قىلىپ ئىشلىگىنىدىن بولۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر مەسىلىسى شۇنداقلا ياۋروپا پارلامېنتىدا كۈن تەرتىبىگە كىردى. ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ناھايىتى يېقىندىن ياندىشىدىغان تەشكىلات ئىنسان ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشكىلاتى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى يىلىغا ئىككى - ئۈچ قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك يىغىن، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ياكى دوكلات بېرىشلارنى ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ. 2015 - يىلدىن باشلاپ ئىسلام كونفېرانسىيىسى تەشكىلاتى بۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا باشلىدى.

- بۇ ئاتالغان تەشكىلاتلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەسكىنلىكنى ئاز بولسىمۇ يېنىكلەشتۈرۈشكە قابىلمۇ؟

- ئەلۋەتتە، بۇ ئىشلار ئۇيغۇرىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئېغىر ئەھۋالىنى يېنىكلىتىش، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىش سىياسىتىنى توختىتىش دەرىجىسىگە يەتمىدى. ئالدىمىزدا يەنە ناھايىتى كۆپ ئىشلار بار. ئۇيغۇرىستاندا مۇشۇ بولۇۋاتقان ۋەقەلەر خىتاينىڭ، ئېنىغىراق ئېيتقاندا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ مىللىي مەسىلىدىكى سىياسىتىنىڭ ئۈزۈل - كېسىل كرىزىسقا ئۇچراپ، بەربات بولۇۋاتقانلىقىدىن دەرەك بېرىدۇ. مەركىزىي كومىتېتتا سىياسىي كرىزىس كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىۋاتىدۇ. باشقا سەۋەبلەر ھەممىسى بىر بولۇپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇزاققا سوزۇلماي بەربات بولىدىغانلىقىدىن دەرەك بېرىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.