قۇربان ئۆمەر - «ئىككىنچى قۇربان تۇلۇم» قانداق يارىتىلدى؟

0:00 / 0:00

2-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسى قايراق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق قۇربان ئۆمەرنىڭ ئۆز ھويلىسىدا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى چىقارغانلىقىنى بەس-بەستە خەۋەر قىلدى.

70 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان قۇربان ئۆمەرنىڭ ئۆز ھويلىسىدا بايراق چىقارغانلىقى نېمە سەۋەبتىن خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا شۇنچە داغدۇغىلىق تەشۋىق قىلىنىدۇ؟ ئۇ زادى كىم؟ ئۇ قانداق قىلىپ «زامانىمىزدىكى ئىككىنچى قۇربان تۇلۇم» غا ئايلىنىپ قالدى؟

بىز بۇ ھەقتە نەق مەيداندىن ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسىدىكى ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر قىز قايراق كەنتىدە ھەقىقەتەن شۇنداق بىر كىشىنىڭ بارلىقىنى، بىرقانچە يىللاردىن بۇيان بۇ كىشىنىڭ بىردىنلا ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىدىكى ئالاھىدە شەخسكە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق يەنە بىر كىشىگە تېلېفون قىلدۇق. ئۇ كىشىمۇ قۇربان ئۆمەر ئىسىملىك بۇ كىشىنىڭ كومپارتىيىگە سادىق ئادەم ئىكەنلىكىنى، 2-ئۆكتەبىر كۈنى رادىئو ۋە باشقا تاراتقۇلاردا ئۇنىڭ ئۆز ھويلىسىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە بايراق چىقارغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان يېقىنقى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق تەشۋىقات بۆلۈمى قۇربان ئۆمەر ھەققىدە مەخسۇس تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. قىزىلسۇ گېزىتى، قىزىلسۇ رادىئو-تېلېۋىزىيەسى قۇربان ئۆمەر ھەققىدە مەخسۇس خەۋەرلەر بەرگەن. ئۈندىداردا بۇنىڭدىن بىرقانچە يىللار ئىلگىرى قۇربان ئۆمەرنىڭ ئوغلىنىڭ ئۆز دادىسىنىڭ 60 ياشتىن ئاشقاندا قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن نومۇس قىلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 67 ياشقا كىرگەن قۇربان ئۆمەر ئەسلىدە ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسىدىكى بىر ئېلېكتر ئىستانسىسىدا ئىشلەپ دەم ئېلىشقا چىققان سىياسىي ئاكتىپلاردىن ئىكەن.

2007-يىلىنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئۇ تۇيۇقسىزلا خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىغان. شۇ يىلى 3-ئايدا ئۇ موتسىكلىتىغا خىتاينىڭ بەش يۇلتۇزلۇق دۆلەت بايرىقى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورغاق-بولقا بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن پارتىيە بايرىقىنى ئېسىپ ئاتۇشتىن بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققان. يول بويى 5 ئۆلكە 35 شەھەرنى ئايلىنىپ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتلەرگە كۆرسەتكەن «غەمخورلۇقى» نى مەدھىيىلەيدىغان تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقاتقان.

شۇ يىلى 6-ئايدىن باشلاپ ئۇ ئۈستۈن ئاتۇشنىڭ قايراق كەنتىدىكى ئۆز ھويلىسىغا 6 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بايراق خادىسى تىكلەپ، ھەر كۈنى سەھەردە خىتاينىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئېيتىپ، خىتاي دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرغان.

2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇ يەنە موتسىكلىتىغا خىتاي دۆلەت بايرىقىنى ئېسىپ جەنۇبتىكى ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردە ئاتالمىش «مىللىي بۆلگۈنچى» ۋە «دىنىي ئەسەبىي» كۈچلەرنى ئەيىبلەيدىغان تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقاتقان.

بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن تارتىپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ھەتتا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق چوڭ تاراتقۇلارغا قەدەر كۆرۈلۈشكە باشلىغان.

خىتاي دائىرىلىرى قۇربان ئۆمەرنىڭ سىياسىي ساداقىتىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن 2012-يىلى ئۇنىڭغا «قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئەخلاق ئۈلگىسى» دەپ نام بەرگەنلىكى شۇنداقلا 2012-يىللىق «جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 10 شەخس» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامزاتى قىلىپ بېكىتكەنلىكى مەلۇم.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلار قۇربان ئۆمەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۈگۈنكى پەۋقۇلئاددە تارىخىي شارائىتتا ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان «ئىككىنچى قۇربان تۇلۇم» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.