رۇسىيە ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىدىكى سەۋەب نېمىدە؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2014.11.12
Rusiye-xitay-Win-Putin-305.jpg 29 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﯞﯨﻦ ﺟﻴﺎﺑﺎﯞ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﺩﺍ ﭘﯘﺗﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﺘﻪ.
AFP Photo


كېيىنكى ۋاقىتلاردا دۇنيا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە رۇسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ يېقىنلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر پات - پاتلا ئېلان قىلماقتا. بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇستەھكەملىنىشىدىكى سەۋەب نېمىدە؟ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپچىلىكى بۇنىڭ ئوكرائىنادا قېلىپلاشقان ۋەزىيەت تۈپەيلى ئا ق ش ۋە غەرب ئەللىرى تەرىپىدىن رۇسىيىگە ئېلان قىلىنغان ئىقتىسادىي ئېمبارگو بىلەن باغلاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنىدا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئالاھىدە كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشكە كېلىشتى.

«رۇسسكايا ۋېسنا» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان « ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە شى جىنپىڭ يېڭى دۇنيا تەرتىپىنى ئورناتماقتا» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى پيېتر ئاكوپوف رۇسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ھەممىنىڭ كۆز ئالدىدا مۇستەھكەملىنىۋاتقانلىقىنى ھەم بۇنىڭدا ئىككى رەھبەرنىڭ شەخسىي مۇناسىۋىتىنىڭ ئالاھىدە رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەزكۇر كۆزەتكۈچىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ مۇناسىۋەت، خىتايغا بارىدىغان گاز تۇرۇبىسىنىڭ يېڭى، غەربىي يۆنىلىشىنى سېلىش توغرىلىق كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئېلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇلار «دۇنيادىكى مۇقىملىقنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە ئۇنى خەلقارالىق ھوقۇق دائىرىسىدە تۇتۇشقا ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى دۇنيا تەرتىپىنى بىرلىشىپ قوغداشقا يۈزلەنمەكچى ئىكەن.»

ئاپتور ماقالىسىدە «دۇنيادىكى بارلىق كىشىلەر گەپنىڭ نېمە ھەققىدە بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىدۇ، ئىككى مەملىكەت ئا ق ش قا ئۆز ئىرادىسىنى بۇيرۇشقا مۇمكىنچىلىك بەرمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلار ۋاشىنگتوننى دۇنياۋى گېگېمونىيەلىك پوزىتسىيىسىدىن سىقىپ چىقىرىشقا يول ئالدى. رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ يېقىنلىشىشى ئا ق ش نى خېلى قاتتىق ئەنسىرەتمەكتە - لېكىن شتاتلار رۇسىيىنى سوۋېتتىن كېيىنكى بوشلۇقتا چەكلەپ قويۇشقا، ئۇنى ياۋروپىدىن ئايرىۋېتىشكە ۋە خىتاينى تىنچ ئوكيان رايونىدا توختىتىشقا تېخىچىلا ئىشەنمەكتە. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ۋاشىنگتون موسكۋا ۋە بېيجىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى ئىستراتېگىيىلىك ئىتتىپاق سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى تاكتىكىلىق بىرلەشمە سۈپىتىدە قاراپ، بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ جىددىي ئىكەنلىكىنى يېتەرلىك باھالالمايۋاتىدۇ»دەپ يازىدۇ.

پ. ئاكوپوف شۇنىڭ بىلەن بىللە بەزى رۇسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ خىتاي بىلەن يېقىنلىشىشىغا غەرب نۇقتىئى نەزەرىدىن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇلار بەزىدە ھەتتا خىتاي خەۋىپى ھەققىدىكى چۈشەنچىنى چەكتىن سىرت كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىۋاتماقتا. بۇ ئەمەلدارلارنىڭ پىكرىچە، ئۇكرائىنادىكى ۋەزىيەت سەۋەبىدىن رۇسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەر مۇستەھكەملىنىپ، نەتىجىدە ئا ق ش ۋە غەرب بىلەن توقۇنۇشقا ئېلىپ كەلگەن، غەرب ئېمبارگوسى بولسا، رۇسىيەنى خىتاي قۇچىقىغا كىرىشكە مەجبۇرلىغان ياكى، باشقىچە ئېيتقاندا، پۇتىن خىتاينى غەربكە قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە تاللاپ ئالغان.

ئامېرىكى جۇرنالى «فورىن پولىسى» ( «تاشقى سىياسەت»)دىن ئېلىنغان «كۆپنى ۋەدە قىلىۋاتقان خىتاي. موسكۋا ۋە بېيجىڭ ئۆزارا قول قىسىشماقتا» ناملىق ماقالىدە رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ كۆپ كۆلەملىك ئېنېرگىيە كېلىشىمىنى تۈزگەنلىكى ھەم بۇنىڭ ئىككى ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ئېيتىلغان. ئۇنىڭ ئاپتورى كىت دجونسون بۇ كېلىشىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ئىكەنلىكى، بۇنىڭدىن بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى ئۇلارنىڭ 400 مىليارد دوللارلىق گاز كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى، ئۆز نوۋىتىدە مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئاسىيادىكى كۈچلەرنىڭ تەڭپۇڭلۇقىدىكى ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنداقلا ئۇ يەنە خىتاينىڭ ھەر خىل مەملىكەتلەردە يېڭى سودا شەرتنامىلىرىنى تۈزۈپ ۋە ئۆزى باشقۇرغان تەرەققىيات بانكلىرىنى قۇرۇپ، ئاسىيادا چوڭ بىر ئىقتىسادىي ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئارقىلىق غەربنىڭ مەبلەغ تەسىرچانلىق رولىنى تارتىۋېلىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ماقالىدە رۇسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى گاز ۋە نېفىت ساھەلىرىدە تاكى 2020 - يىلغىچە بولغان كېلىشىمنىڭ كىمگە قانچىلىك پايدا ئېلىپ كېلىش مۇمكىنلىكى ھەر خىل مىساللار بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ. ئۇنىڭدا خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيادا ئىمزالاۋاتقان كېلىشىملىرىنىڭ ۋە ئېلىپ بېرىۋاتقان «يىپەك يولى» ناملىق لايىھىسىنىڭ بۇ رايوننى ئۆزىنىڭ مۈلۈك - جايى دەپ ھېسابلاپ كېلىۋاتقان رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كەسكىنلەشتۈرىدىغانلىقى، يېڭى كېلىشىمنىڭ ئەنە شۇ كەسكىنلىكنى يۇمشىتىشقا مۇمكىنچىلىك بېرىدىغانلىقى ئېيتىلغان.

رۇسىيە خەۋەرلەر ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «رۇسىيە ۋە خىتاي ئىتتىپاقى ئا ق ش ئۈچۈن خەۋپ تۇغدۇرىدۇ» ھەم «رۇسىيە ۋە خىتاي: يېڭى كۈچ مەركىزىمۇ؟» دېگەن ماقالىلاردا مۇشۇ يىلنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە، ترانسپورت، يېزا ئىگىلىكى، ئالەم تېخنولوگىيەسى، تېلېۋىزىيە ئالاقىلىرى ساھەلىرىدە 40 قا يېقىن كېلىشىمنىڭ ئىمزالانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئامېرىكا مەتبۇئاتىدىن ئېلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا، رۇسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم كېلەچەكتە خەلقارا ۋەزىيەتكە تەسىر يەتكۈزۈشى، ئا ق ش نىڭ خەلقارىدىكى لىدېرلىق رولىغا ھەمدە، ئومۇمەن، ئا ق ش ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇشى مۇمكىن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.