تۈرك يازغۇچى: شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئەڭ قېيىن دەۋا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2014-12-18
Share
memet-tutunci-ependi-kishilik-hoquq-heqqide-dokilat.jpg مەمەت تۈتۈنجى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھوقۇقلىرى ھەققىدى سوزلىمەكتە
RFA/Pidaiy


ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان تۈرك يازغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنساندەك ياشاشقا ھەقلىق ئىكەنلىكى، شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقى، ئەمما خەلقئارا ۋەزىيەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئەڭ زور قىيىنچىلىققا يولۇقۇۋاتقان، شۇنداقتىمۇ ئۈمىدسىزلەنمەي ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان دەۋا ئىكەنلىكنى بىلدۈردى.

بۇ سۆزلەرنى گوللاندىيەدىكى «تۈرك ۋە ئەرەب دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى» نىڭ باشلىقى، يازغۇچى، كىشىلىك ھوقۇق تەرغىباتچىسى مەمەت تۈتۈنجى ئەپەندى 14 - دېكابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويدى.

سوئال: سىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قاچاندىن بېرى بىلىسىز؟

جاۋاب: شەرقىي تۈركىستان بىلەن تونۇشقىلى بەك ئۇزۇن بولدى. 80 - يىللار بولسا كېرەك. رەھمەتلىك ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ جەمئىيەتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇردۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزۇندىن يىل بولدى، دېيىشكە بولىدۇ.

سوئال: ھەر زامان لېكسىيە بەرگەن يەرلىرىڭىزدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلەپ كېلىۋاتامسىز؟

جاۋاب: شۇنداق. چۈنكى مەن ئۇزۇن بىر زامان ئەركىن ئالىپ تېكىن بىلەن بىرگە UNPO (ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى) دا خىزمەت قىلدىم. ئەركىن ئالىپ تېكىن باشلىق ئىدى. مەن قېرىم تاتارلىرىنىڭ تەمسىلچىسى ئىدىم. شەرقىي تۈركىستان ۋە پۈتۈن تۈركىستان ھەققىدە كۆپ سۆھبەتلىشەتتۇق. بۇ بىزنىڭ قىزىقىدىغان تېمىمىز ئىدى.

سوئال: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ھازىرمۇ كۆزىتىپ تۇرامسىز؟

جاۋاب: ئالاھىدە ئىز قوغلاپ كۆرمىسەممۇ، تۈرلۈك ساھەلەردە ئېلان قىلىنغان ئالاقىدار خەۋەرلەردىن خەۋەرسىز ئەمەسمەن.

سوئال: گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن قاچاندىن باشلاپ ئالاقە قىلدىڭىز؟

جاۋاب: ئون يىلچە بولدى. ئۇ زاماندا گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئىلتىجاچى ئۇيغۇرلار كۆپ ئەمەس، بىر ئىككىسى بار ئىدى. ئۇلار بىلەن تونۇشۇپ، كۆرۈشۈپ تۇراتتۇق. 2000 - يىلدىن كېيىن كەلگەنلەر كۆپ بولدى. بىز ئۇلارغا ياردەم بەردۇق. ئۇلار جەمئىيەت قۇردى.

سوئال: مەن گوللاندىيەگە كەلگىنى 6 يىلدىن ئاشتى. مۇخبىرلىق قىلىش جەريانىدا سىزنىڭ ھەققىڭىزدە ئاڭلىدىم ئەمما، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ پائالىيەتلىرىدە سىزنى ھېچ كۆرمىدىم. خەۋەرسىز، تەكلىپسىز قالدىڭىزمۇ، يە؟ باشقا سەۋەب بارمۇ؟

جاۋاب: خەۋەردار بولۇپ تۇردۇم. تەكلىپمۇ قىلىندىم. ئەمما، ئالدىراش بولۇپ قالدىم. چۈنكى UNPO دىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۆز تەتقىقاتىمغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈپ قالدىم. لېكىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشتىياقى قەلبىمدىن، پىكرىمىزدىن ھېچ كۆتۈرۈلۈپ كەتمىدى. زېھنىمنى يازما ۋە تەتقىقات ئىشلىرىغا سەرپ قىلىپ، بىر يەردە مۇقىم تۇرالمىدىم. كۆپرەك تۈرك دۇنياسىدا سەپەردە بولۇپ قالدىم.

سوئال: سىزچە شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىش يولىدىكى تىركىشىشلىرىگە قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: بۇ ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋال. ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن چارىسىز بىر خەلق بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭغا ئوخشاش ئۆلۈمگە يۈزلەنگەن پاجىئەلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. ئىنشا ئاللا بىر يول چىقىپ قالار. ئەگەر بۇ شەكىلدە كېتىۋەرسە، ھامان بىر كۈنى قانلىق پاجىئەگە يۈزلىنىدۇ. چۈنكى، مەنپەئەت سەۋەبىدىن ھېچكىم خىتايغا قارشى مەيداندا تۇرۇشقا پېتىنالمايۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇقىنى داۋام قىلىشنى ئىستەۋاتقان بىر ھالدا كېتىۋاتىدۇ. مەنچە بۇ مەسىلىدىكى ئەڭ ئۇيغۇن ئالامەتلەردىن بىرى تىبەتلەرنىڭ ئەھۋالىدۇر. مەسىلەن: بۈگۈن پاپامۇ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا. دالاي لامانىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى تەسىرىدىن پرېزىدېنت، مىنىستىر دەرىجىلىك ھەممە ئادەم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەك ۋە رەسىمگە چۈشمەكنى ئارزۇ قىلىدىغان بىر شەخس. شۇنداقلىقىغا قارىماي پاپادىن تارتىپ قوبۇل قىلىشتىن باش تارتىۋاتىدۇ. دېمەكچىمەنكى، تىبەت دەۋاسى پۈتۈن دۇنيادىن ياردەم قوبۇل قىلىۋاتقان بىر دەۋا بولۇشىغا قارىماي، مەغلۇپ بولغان بىر دەۋا. تىبەتكە قارشى دۇنيانىڭ كۆز قارىشى بۇنداق بولۇۋاتقان يەردە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ دەۋاسىدا ئۈمىدلەنگۈدەك بىر يەر چىقماسلىقى تەبىئىي. ئەلۋەتتە، ئاللادىن ئۈمىد ئۈزۈلمەس. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئۇيغۇرلار مىڭلارچە يىللار شۇ يەردە ياشاۋاتماقتا. پۈتۈن دۇنيادا دوستلىرى ۋە مەدەتكارلىرى بار. ئۇنىڭ ئۈچۈن دەيمىزكى، ئۇيغۇرلار ئىنساندەك ياشاشقا ھەقلىقتۇر. ئۇلار ئۆز ئانا يۇرتىدا مىللىي كىملىكىنى داۋام قىلىشنى، ئائىلە بەرپا قىلىشنى، ھالال ۋە ئەركىن ياشاشنى ئىستەيدۇ. بۇلار ئۇنچە ئارتۇق نەرسىلەر بولمىغاندىكىن، خىتايلار ئۇلارغا شارائىت يارىتىپ بېرەر، دەپ ئۈمىد قىلىپ كېلىۋاتىمىز.

سوئال: بىر قىسىم سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، پەلەستىنلىكلەرگە كېلىۋاتقاندەك بىر ياردەم شەرقىي ئۇيغۇرلارغا كېلىپ قالسا، شەرقىي تۈركىستان ئورتا ئاسىيادىكى ئىككىنچى پەلەستىن بولۇپ قىلىشى مۇمكىن دەيدىكەن. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: پەلەستىنلىكلەرنىڭ مەسىلىسى ئۇ قەدەر سىرلىق بىر مەسىلە ئەمەس. ئۇ يەردە مەسچىتى ئەقسادەك مۇقەددەس جايلار بولغانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت نەزىرىدە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما، شەرقىي تۈركىستاندا ھېچبىر ئەركىن مىدېئا، ژۇرنالىست، مۇخبىر ۋە خەۋەرچىلەر يوق. ئۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى، تېخىمۇ ئېغىر بىر دەۋا. پەلەستىن دەۋاسىغا ئوخشاش ئاشكارا بولالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى داۋام قىلدۇرماق ھەقىقەتەن مۈشكۈل. چۈنكى پەلەستىن مەسىلىسىدە مۇسۇلمانلارمۇ، غەرب مەتبۇئاتلىرىمۇ ئاكتىپ ۋە قىزغىن. غەرب گەرچە ئىسرائىلىيەلەرگە ياردەم بەرسىمۇ، ژۇرنالىستلارنىڭ كۆپلۈكىدىن خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىپ تۇرۇشقا مەجبۇر. ئەمما، شەرقىي تۈركىستاندىن خەۋەر بەرمەك بەك تەس. شۇ سەۋەبتىن ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر، دەپ قارايمەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت