ئاتاقلىق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تۇغقىنى بىلەن سۆھبەت

2008-01-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان ئاتاقلىق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلىرى 1980-يىلىدىن كېيىن باشلانغۇچ ‏- ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىك كىتابلىرىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 1990-يىللاردىن كېيىن دەرسلىك كىتابلاردىن چىقىرىۋېتىلگەن. ئەمما چەتئەللەردە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلىرى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنماقتا.

يېقىندا تۈركىيە باش مىنىستىرلىقى تارمىقىدىكى تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسى تەرىپىدىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىندى. ئىزمىر ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت تەييارلىغان بۇ ئەسەر تۇركىيىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تۇغقانلىرى بىزگە تېلېفون قىلىپ تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

بىز يۇقىرىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاتاقلىق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ چەتئەلدىكى تۇغقىنى رۇخسارى خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق .

تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت